شى جىنپىڭ سرىلانكا زۇڭتۇڭىغا ھال سوراپ تېلېگرامما يوللىدى
0
2019-04-23 19:14:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :گۈزەلنۇر روزى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن سرىلانكىدا بىر قاتار پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن سرىلانكا زۇڭتۇڭى سىرىسېناغا ھال سوراپ تېلېگرامما يوللىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: دۆلىتىڭلارنىڭ پايتەختى كولومبو قاتارلىق جايلاردا بىر قاتار پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم بولغانلىقىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتۇق. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، يارىدارلار ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى سرىلانكا خەلقى بىلەن قەتئىي بىللە تۇرۇپ، سرىلانكىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ.

شۇ كۈنى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭمۇ سرىلانكا زۇڭلىسى ۋىكراماسىنخاغا ھال سوراپ تېلېگرامما يوللىدى.

شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى ئەتىگەن سائەت سەككىزلەر ئەتراپىدا، سرىلانكىنىڭ پايتەختىدىكى تۆت مېھمانخانا، ئۈچ چېركاۋ ۋە كولومبونىڭ دېمانتاگودا رايونىدىكى بىر ئولتۇراق رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ قىسىم جايلىرىدا سەككىز قېتىم پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى. خەۋەر ئېلان قىلىنغانغا قەدەر 215 ئادەم قازا قىلدى، ئۇنىڭدىن باشقا نەچچە يۈز ئادەم يارىلاندى. جۇڭگونىڭ سرىلانكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى جۇڭگونىڭ ئىككى پۇقراسىنىڭ پارتلاشتا قازا قىلغانلىقىنى، يارىلانغان جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ سانىنى يەنىمۇ ئېنىقلاۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئەلچىخانا جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى باشلىدى ھەمدە سرىلاندىكى جۇڭگو پۇقرالىرىغا جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتتى.

سرىلانكا دائىرىلىرى پۈتۈن ئارالدا كېچىدە يۈرۈشنى مەنئىي قىلىشنى جاكارلىدى. ھازىرغا قەدەر، سرىلانكا ساقچى دائىرىلىرى پارتلىتىش دېلوسىدىكى يەتتە گۇماندارنى قولغا ئالدى ھەمدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نۆۋەتتە ھېچقانداق تەشكىلات بۇ بىر قاتار پارتلىتىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغانلىقىنى جاكارلىمىدى. سرىلانكا دائىرىلىرى شۇ كۈندىكى ھۇجۇمنى «تېررورلۇق ھۇجۇمى» دېدى.

1124404403_15560008792771n.jpg