جايلار شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى
0
2019-04-21 17:56:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

بۇ يىل-4-ماي ھەرىكىتىنىڭ يۈز يىللىقى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 19-كۈنى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 14-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا، 4-ماي ھەرىكىتىنى خاتىرىلەش، 4-ماي روھىنى نۇرلاندۇرۇشتا، 4-ماي ھەرىكىتى ۋە 4-ماي روھىغا بولغان تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، بارلىق ياشلارنى 4-ماي روھىنىڭ ئىلھامى ئاستىدا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىشىمىز شەرت دەپ تەكىتلىدى. كەڭ كادىرلار ۋە ئامما بۇ مۇھىم بايان-4-ماي ھەرىكىتىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ۋە دەۋر ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىش ۋە ئىگىلەشكە توغرا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىپ، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى دېدى.

جايلاردىكى كادىرلار ۋە ئامما ئۆگىنىش جەريانىدا، 4-ماي ھەرىكىتىنىڭ جۇڭگو يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىدىكى نامايەندىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە زور ۋەقە ئىكەنلىكى، 4-ماي روھىنىڭ 4-ماي ھەرىكىتى ياراتقان قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. 100 يىل ئىلگىرىكى ئاشۇ قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن يىللارنى ئەسلەپ، «4-ماي» ھەرىكىتىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ۋە دەۋر قىممىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تارىخ جەريانىدىن ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن قۇۋۋەت ئېلىپ، تارىخنىڭ نۇرى ئارقىلىق كەلگۈسىنى يورۇتقاندىلا، بىز ئاندىن تېخىمۇ مەزمۇت قەدەم بىلەن باتۇرانە ئالغا قاراپ ماڭالايمىز دېيىشتى.

بىر قىسىم پارتىيە تارىخى مۇتەخەسسىسلىرى ئۆگىنىش جەريانىدا مۇنداق دېدى: تارىخ لوگىكىسى، ئەمەلىيەت لوگىكىسى، نەزەرىيە لوگىكىسىنى بىرلەشتۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، «4-ماي» ھەرىكىتىدىن بۇيانقى جۇڭگونىڭ سىياسىي تارىخى، ئىدىيە تارىخى، مەدەنىيەت تارىخى، جەمئىيەت تارىخى قاتارلىق ساھەلەردە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، تارىخىي قانۇنىيەتلەرنى يەكۈنلەپ، تارىخ يۈزلىنىشىنى ئېچىپ بېرىش؛ جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن قىلالايدىغانلىقى، ماركسىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن بولىدىغانلىقى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكى قاتارلىق زور مەسىلىلەرنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، كىشىلەرنى تارىخنى ئەينەك قىلىش، تارىخنى ئۇستاز تۇتۇشقا يېتەكلەپ، تۆت ئىشەنچنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىش كېرەك.

كەڭ كادىرلار ۋە ئامما بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 4-ماي ھەرىكىتى تەشەببۇس قىلغان ۋەتەنپەرۋەرلىك، تەرەققىيات، دېموكراتىيە، ئىلمىي ئىدىيە-بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا بىزنى ئىلھاملاندۇرىدىغان قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق. 4-ماي ھەرىكىتىنى تەتقىق قىلىشتا، 4-ماي روھىنىڭ دەۋر قىممىتىگە بولغان تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردە 4-ماي روھىنى نۇرلاندۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە تەلىپىنى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىش؛ «4-ماي» روھىنى تەتقىق قىلىشنى مىللىي روھ ۋە دەۋر روھىنى تەتقىق قىلىش بىلەن، پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات داۋامىدا ياراتقان ئىنقىلابىي مەدەنىيەت ۋە سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى تەتقىق قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنى خەلقنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان مەنىۋى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، 4-ماي روھىنىڭ يېڭى دەۋر نۇرىنى ئۈزلۈكسىز چاچقۇزۇش لازىم.

جايلاردىكى ياشلار ئۆگىنىش جەريانىدا، 4-ماي ھەرىكىتىدە، كەڭ ۋەتەنپەرۋەر، تەرەققىيپەرۋەر ياشلار سىياسىي سەھنىگە چىقىپ، ئاۋانگارتلىق رولىنى جارى قىلدۇرغان دېدى. كۆپچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى: 4-ماي ھەرىكىتىدىن بۇيانقى جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، ھازىرقى زامان جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەش كېرەك، «سىرتقا قارىتا دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش، دۆلەت ئىچىدە ۋەتەن ساتقۇچلارنى جازالاش»تىن «ئىتتىپاقلىشىپ جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش»كىچە، ياشلار ھەرىكىتى دۆلەت، مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن باشتىن-ئاخىر زىچ باغلىنىپ كەلدى. كەڭ ياشلارغا بولغان سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، كەڭ ياشلارنى پارتىيە رەھبەرلىكىدە ئاڭلىق چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەش؛ كەڭ ياشلارنى كىشىلىك ھايات كۈرىشىنى دەۋر ئېقىمىغا يۇغۇرۇپ، ياشلىق باھارىنى پورەكلىتىپ، ياشلىق باھارىنى دۆلەت، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئاتا قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

جايلاردىكى كادىرلار ۋە ئامما بەس-بەستە مۇنداق دېدى: ئۇزاق تارىخنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن 4-ماي روھى-بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارزۇغا ئىنتىلىش سەپىرىمىزنى كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن ئالغا باستۇرۇشىمىزغا جەزمەن ئىلھام بولىدۇ.

 

1124375822_15554275144471n.jpg
1124370926_1555344840349_title0h.jpg
1124358556_15550411802601n.jpg