مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى
0
2019-04-21 10:19:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئىمىنجان ئىسمايىل

شى جىنپىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ «4-ماي» ھەرىكىتىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ۋە دەۋر قىممىتى توغرىسىدىكى 14-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن كېيىن «4-ماي» ھەرىكىتىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ۋە دەۋر قىممىتى توغرىسىدا 14-قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «4-ماي» ھەرىكىتى ئېلىمىزنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە زور ۋەقە، «4-ماي» روھى-«4-ماي» ھەرىكىتى ياراتقان قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق. بۈگۈن بىز «4-ماي» ھەرىكىتىنى خاتىرىلەش، «4-ماي» روھىنى جارى قىلدۇرۇشتا، «4-ماي» ھەرىكىتى ۋە «4-ماي» روھىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ياشلارنى «4-ماي» روھىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى ئارقىسىدا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك.

مەركىزىي ئىتتىپاق مەكتىپىنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى، جۇڭگو ياش-ئۆسمۈرلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى يولداش لى يۈچى بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈردى ھەمدە پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل «4-ماي» ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقى. بۇ قېتىمقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسەت-100 يىل ئىلگىرىكى ئاشۇ قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن يىللارنى ئەسلەپ، «4-ماي» ھەرىكىتىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ۋە دەۋر قىممىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 100 يىل ئىلگىرى پارتلىغان «4-ماي» ھەرىكىتى ئىلغار ياش زىيالىيلارنى ئاۋانگارت قىلغان، كەڭ خەلق ئاممىسى قاتناشقان جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا ئۈزۈل-كېسىل قارشى تۇرۇش ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىنقىلابىي ھەرىكىتى. پارتىيىمىز «4-ماي» ھەرىكىتى ۋە «4-ماي» روھىنى تەتقىق قىلىش ۋە شەرھلەشكە ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. يېڭى دەۋردە، بىز «4-ماي» ھەرىكىتى ۋە «4-ماي» روھى ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى داۋاملىق كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «4-ماي» ھەرىكىتىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، «4-ماي» ھەرىكىتىنىڭ زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا بولغان چوڭقۇر تەسىرىنى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىش كېرەك. چوڭ تارىخ قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، «4-ماي» ھەرىكىتىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيەت تارىخى، جۇڭگو خەلقىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى 170 نەچچە يىللىق كۈرەش تارىخى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 90 نەچچە يىللىق كۈرەش تارىخىغا قويۇپ تونۇش ۋە ئىگىلەش كېرەك. تارىخ لوگىكىسى، ئەمەلىيەت لوگىكىسى، نەزەرىيە لوگىكىسىنى بىرلەشتۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، «4-ماي» ھەرىكىتىدىن بۇيانقى جۇڭگونىڭ سىياسىي تارىخى، ئىدىيە تارىخى، مەدەنىيەت تارىخى، جەمئىيەت تارىخى قاتارلىق ساھەلەردە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، تارىخىي قانۇنىيەتلەرنى يەكۈنلەپ، تارىخ يۈزلىنىشىنى ئېچىپ بېرىش كېرەك. نېمە ئۈچۈن «4-ماي» ھەرىكىتىنىڭ زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا شۇنچە زور ھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكى، ماركسىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرىنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسىگە ئايلانغانلىقى، نېمە ئۈچۈن جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ مىللىي مۇستەقىللىق، خەلقنىڭ ئازادلىقى ۋە دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالالىغانلىقى، سوتسىيالىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن جۇڭگودا يىلتىز تارتقانلىقى ۋە ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشكەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، كىشىلەرنى تارىخنى ئۆرنەك قىلىش، تارىخنى ئۇستاز تۇتۇشقا يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «4-ماي» روھىنىڭ دەۋر قىممىتى ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردە «4-ماي» روھىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە تەلىپىنى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىش كېرەك. «4-ماي» ھەرىكىتىدىن بۇيانقى 100 يىللىق تارىخقا بىرلەشتۈرۈپ، «4-ماي» ھەرىكىتى تەشەببۇس قىلغان ۋەتەنپەرۋەرلىك، تەرەققىيات، دېموكراتىيە، ئىلمىي ئىدىيەنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، «4-ماي» روھىنى تەتقىق قىلىشنى مىللىي روھ ۋە دەۋر روھىنى تەتقىق قىلىش بىلەن، پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات داۋامىدا ياراتقان ئىنقىلابىي مەدەنىيەت ۋە سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى تەتقىق قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنى خەلقنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان مەنىۋى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «4-ماي» ھەرىكىتىدىن بۇيانقى جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، ھازىرقى زامان جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەش كېرەك. جۇڭگو كومپارتىيەسى بىلەن جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى شەرھلەپ، ياشلارغا بولغان سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ياشلارنى پارتىيە رەھبەرلىكىدە ئاڭلىق چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەش كېرەك. نېمە ئۈچۈن ھازىرقى زامان جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ باش تېمىسى-جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىكەنلىكى، نېمە ئۈچۈن ھازىرقى زامان ياشلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ غايىسىنى مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ غايە ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىگە سىڭدۈرۈشى كېرەكلىكىگە ياخشى جاۋاپ بېرىپ، ھازىرقى زامان جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىدىكى كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ چىقىپ، ياشلارنىڭ ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەردە جەڭگىۋارلىق ۋە زەربىدارلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. ھازىرقى زامان ياشلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ياشلارنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئاجىزلىقىنى ئىگىلەپ، ياشلارنى ئۇلۇغۋار غايە تىكلەش ۋە قەدەمنى پۇختا ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنى ياشلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ياشلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا يېتەكلەپ، ياشلار خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «4-ماي» ھەرىكىتىنىڭ تارىخىي ماتېرىياللىرى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى توپلاش، رەتلەش، قوغداشنى كۈچەيتىپ، كېيىنكىلەرنىڭ «4-ماي» روھىغا ۋارىسلىق قىلىشى ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن تارىخىي خاتىرە قالدۇرۇش كېرەك. «4-ماي» ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ماتېرىياللارنى ياخشى توپلاش، تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ياخشى قوغداش كېرەك. تارىخىي ماتېرىياللارنى تۈرگە ئايرىپ رەتلەش ۋە سىستېمىلىق تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، زامانىۋى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىسى ئارقىلىق «4-ماي» ھەرىكىتىنىڭ تارىخىي ماتېرىياللىرىنى قوغداش ۋە كۆرگەزمە قىلىش كېرەك. تەتقىقات قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەسىپلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، چوڭقۇر، مول تەتقىقات نەتىجىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك.

 

1124375822_15554275144471n.jpg
1124370926_1555344840349_title0h.jpg
1124358556_15550411802601n.jpg