«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى
0
2019-04-16 10:20:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئەسقەر تۇرسۇن

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ روھى بولمىسا بولمايدۇ» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ بۈگۈن نەشردىن چىققان خەنزۇچە 8-سانىدا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ روھى بولمىسا بولمايدۇ» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

ماقالىدا مۇنداق دەپ تەكىتلەندى: يېڭى دەۋر كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدىب، سەنئەتكار، نەزەرىيەچىلەرنى ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتى، ئىلىمدە يېڭىلىق يارىتىشتا چەكسىز كەڭ بوشلۇققا ئىگە بولۇشقا، مەدەنىيەت ئىشەنچىسىنى چىڭىتىش، دەۋر رىتىمىنى ئىگىلەش، دەۋر ساداسىغا قۇلاق سېلىش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، خەلقنى مەركەز قىلىش، خەلققە نادىر ئەسەرلەرنى بېغىشلاش، ئېسىل پەزىلەت ئارقىلىق كەيپىياتنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇشقا چاقىرماقتا.

ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ روھى بولمىسا بولمايدۇ. مەدەنىيەت ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى، پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرى ئىدىيەگە ئىلھام بېرىش، كەيپىياتنى تاۋلاش، قەلبنى ئىللىتىش مۇھىم مەسئۇلىيىتى، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم قىلىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، مەدەنىيەت ئارقىلىق روھ يېتىلدۈرۈش بۇرچىنى زىممىسىگە ئالغان. مەدەنىيەت، ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتى، پەلسەپە ئىجتىمائىي پەن خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئومۇمىيلىقى خىزمىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ماقالىدا يېڭى ۋەزىيەتتىكى مەدەنىيەت، ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتى، پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇنداق تۆت تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىرىنچى، دەۋر بىلەن تەڭ مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش. ئىككىنچى، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. ئۈچىنچى، خەلققە نادىر ئەسەرلەرنى بېغىشلاشتا چىڭ تۇرۇش. تۆتىنچى، ئېسىل پەزىلەت ئارقىلىق كەيپىياتنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇش.

ماقالىدا مۇنداق دەپ تەكىتلەندى: بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. 70 يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئارقىلىق، ئېلىمىزدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. جۇڭخۇا مىللىتى تارىخىدا بولسۇن، ياكى دۇنيا تارىخىدا بولسۇن، بۇ بىر تەسىرلىك كۈرەش داستانى. كۆپچىلىكنىڭ 70 يىلدىن بۇيانقى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ كۆرەش ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈپ، يېڭى جۇڭگونىڭ 70 يىللىق تارىخىي ئۆزگىرىشلىرىگە سىڭگەن ئىچكى لوگىكىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، تارىخىي نەتىجىلەرنىڭ ئارقىسىدىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يول، نەزەرىيە، تۈزۈم، مەدەنىيەت ئۈستۈنلۈكىنى ئېنىق سۆزلەپ، جۇڭگو نەزەرىيەسى ئارقىلىق جۇڭگو ئەمەلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىگە قۇدرەتلىك روھى مەدەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

1124358556_15550411802601n.jpg
1124350392_15549026896991n.jpg
1124350806_15549164939331n.jpg