باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى بىلەن دۇلۇڭلار نامراتلىقتىن پۈتۈنلەي قۇتۇلدى
0
2019-04-14 11:11:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئېلنۇرە رەھىمبەگ

 

يۈننەن بىلەن شىزاڭ چېگرىلىنىدىغان جايدىكى يۈننەن ئۆلكىسى نۇجياڭ لىسۇزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى گۇڭشەن ناھىيەسىنىڭ دۇلۇڭجياڭ يېزىسى مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر دۇلۇڭلار ئولتۇراقلاشقان جاي. باش شۇجى شى جىنپىڭ دۇلۇڭ قېرىنداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ قانداق ئۆتىۋاتقانلىقىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. 2014-يىلىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى ئىككى قېتىم دۇلۇڭ ئاممىسىغا جاۋاپ خەت يازغان ھەمدە يۈننەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا دۇلۇڭلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرۇش، كىيىنىش-تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ئۇل ئەسلىھە، كەسىپ تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي ئىشلار، ساپانى ئۆستۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە «ئالتە چوڭ قۇرۇلۇش»نىڭ ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىشىغا ئەگىشىپ، دۇلۇڭجياڭ يېزىسىنىڭ دەل ياردەم بېرىش، يۆلەش ئىشلىرى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، دۇلۇڭلار پۈتۈنلەي نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، يۇرتداشلار تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن كۆرەش قىلماقتا.

دۇلۇڭلار ئېلىمىزدىكى نوپۇسى بىر قەدەر ئاز 28 مىللەتنىڭ بىرى، ئاساسلىقى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ گۇڭشەن ناھىيىسى دۇلۇڭجياڭ يېزىسىغا ئولتۇراقلاشقان. بۇ جاي تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى جىلغىغا جايلاشقان بولۇپ تەبئىي شارائىتى ناچار، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەڭ نامرات رايونلارنىڭ بىرى. خېلى ئۇزۇن مەزگىلگىچە، دۇلۇڭ ئاممىسى ئىپىتىدائىي ئورمانلىقتا ياشاپ كەلگەن، ئوۋ ئوۋلاپ بېلىق تۇتۇپ، ئوت-چۆپ تېرىپ، دەريادىن ئارقان بىلەن ئۆتۈپ، شوتىغا يامىشىپ تاغدىن چىقاتتى. 2008-يىلى، پۈتۈن يېزىدا كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 805 يۈەنلا ئىدى. دۇلۇڭجياڭ يېزىسى باپو كەنتى ئاھالىسى مېڭ چۈنلىن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ھەممىمىز دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان ماشىنىغا ئولتۇرۇپ يېزىغا كىرىپ چىققاتتۇق، يولمۇ ياخشى ئەمەس ئىدى، بىر يىللىق كىرىمىمىز 1000 يۈەنگىمۇ يەتمەيتتى.

غايەت زور ئۆزگىرىش 2014-يىلىدىن باشلاندى. دۇلۇڭجياڭ تاشيولىدىكى گاۋلى گۇڭشەن تونىلى پۈتۈنلەي تۇتاشتۇرۇلۇپ، دۇلۇڭجياڭ يېزىسىنىڭ يېرىم يىلدەك قار بىلەن يول ئېتىلىپ قېلىش، تاشقى دۇنيادىن ئايرىلىپ تۇرۇشتەك تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى. شۇ يىلى، شۇ جايدىكى كادىر ۋە ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، تونىلدا پات ئارىدا ماشىنا قاتنايدىغانلىقىدەك خۇش خەۋەرنى نۇقتىلىق دوكلات قىلغان ئىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ دۇلۇڭ ئاممىسىغا جاۋاپ خەت يېزىپ تەبرىكلىگەن ھەمدە ئىزچىل ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن ئىدى.

2015-يىلى 1-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈننەننىڭ خىزمەتلىرىنى تەكشۈرگەندە ئالاھىتەن ۋاقت چىقىرىپ دۇلۇڭلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى مەۋقەنى ئۆز ئەۋزەللىكىگە قارىتىپ، تىرىشىپ يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن ئىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: دۇلۇڭلار ۋە باشقا بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەتلەردە بولغان ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش تۈزۈمىمىزنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى، سىلەر بىلەن كۆرۈشىشىمىز سىلەرنى غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت سىلەرگە باشتىن-ئاخىرى كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە قوللايدۇ.

بىر قانچە يىل ۋاقت ئۆتۈپ كەتتى، دۇلۇڭجياڭ يېزىسىدىكى ئالتە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى، 28 تەبىئىي كەنتكە ماشىنا قاتنىدى، توك يەتكۈزۈلدى، تېلىفون ئۇلاندى، رادىيو-تېلېۋىزور يەتكۈزۈلدى، بىخەتەر ئىچىملىك سۇ يەتكۈزۈلدى، 4G تورى ئۇلاندى. 4171 دۇلۇڭ ئاممىسى شامال ۋە يامغۇر ئۆتۈپ كېتىدىغان كەپە ئۆيدىن ئازادە، راھەت ئەمىن ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى. مېڭ چۈنلىن پىراۋا ئېلىپ، ماشىنا سېتىۋېلىپ، كەنتتە ترانسىپورت بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ: ترانسىپورت بىلەن شۇغۇللىنىپ ھەر يىلى 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمەن، كۆپچىلىككىمۇ قولايلىق بولدى، كىرىمىممۇ ئاشتى، دېدى.

دۇلۇڭجياڭ يېزىسىنىڭ خاتىرجەم ئولتۇراقلىشىش، كىيىنىش-تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ئۇل ئەسلىھە، كەسىپ تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي ئىشلار، ساپانى ئۆستۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە «ئالتە چوڭ قۇرۇلۇشى»نىڭ ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىشىغا ئەگىشىپ، دۇلۇڭ ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشى كۈنسېرى ياخشىلاندى. ئوت مىۋە، كاۋاۋىچىن، ياڭاق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى تېز بولۇپ، دۇلۇڭ ئاممىسىنىڭ ھەميىنى تومپايدى.

بۇ ئىككى كۈندە، دۇلۇڭ كەنتىدىكى 46 ياشلىق كۇڭ جىچياڭ ئۆزىنىڭ 41 مولوق ئوت مېۋىزارلىقىنىڭ ئوتلىرىنى ئوتاش بىلەن ئالدىراش بولدى. كۇڭ جىچياڭ قانائەتلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: ھازىر دۇلۇڭجياڭ يېزىسىدا ئوت مېۋە تېرىقچىلىقى تۈرىدىنىلا ئوتتۇرىچە كىرىم ئۈچ-تۆت مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ، بۇ يۇرتداشلارنىڭ بېيىشىدىكى «ئالتۇن مېۋىگە» ئايلاندى. ھوسۇلمۇ ياخشى، باھامۇ ياخشى، ھەر جىڭى يەتتە، سەككىز يۈەنگە سېتىلىدۇ، يىلىغا 32 مىڭ يۈەنلىك سودا قىلىمىز.

ئاخىرقى بىر مەمۇرىي كەنت-دىجېڭداڭ كەنتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ئەگىشىپ، 2018-يىلى دۇلۇڭجياڭ يېزىسىدىكى ئالتە مەمۇرىي كەنتىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، دۇلۇڭلار پۈتۈنلەي نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نۇجياڭ لىسۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئالدى بىلەن يېزا بويىچە پۈتۈنلەي نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى ئامما يېزىلىق پارتكومغا باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىشنى ھاۋالە قىلىپ، بۇ خۇش خەۋەرنى دوكلات قىلدى.

بۇ يىل 4-ئاينىڭ 10-كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭ دۇلۇڭجياڭ يېزىسى ئاممىسىغا يەنە بىر قېتىم جاۋاپ خەت يېزىپ، دۇلۇڭلارنىڭ پۈتۈنلەي نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقىنى تەبرىكلىدى، يۇتداشلارنى تېخىمۇ بەختلىك گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش 1-قەدەم، تېخىمۇ ياخشى كۈنلەر ئالدىمىزدا. بۇ دۇلۇڭ خەلقىنى ھەسسىلەپ ئىلھاملاندۇرۇپ، ئىللىقلىق ئاتا قىلدى. دۇلۇڭ مىللىتىدىن بولغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، يۈننەن ئۆلكىسى گۇڭشەن ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما جېڭشەن: باش شۇجىنىڭ بىزگە بولغان غەمخورلۇقىنى ئېسىمىزدە مەھكەم ساقلايمىز. دۇلۇڭ خەلقى ئىزچىل پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، يۇرتىنى ياخشى قۇرۇپ چىقىپ، باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئوخشاش ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىدۇ، دېدى.

 

1124358556_15550411802601n.jpg
1124350392_15549026896991n.jpg
1124350806_15549164939331n.jpg