شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى دۇلۇڭلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى
0
2019-04-13 14:18:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :كۈنتېكىن ئىمام

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 10-كۈنى يۈننەن ئۆلكىسى گۇڭشەن ناھىيەسىنىڭ دۇلۇڭجياڭ يېزىسىدىكى ئاممىغا جاۋاب خەت يېزىپ، دۇلۇڭلارنىڭ نامراتلىقتىن تولۇق قۇتۇلغانلىقىنى تەبرىكلىدى، يۇرتداشلارنى تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشىش ئۈچۈن داۋاملىق ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى شۇ جايدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، كۆپچىلىك: باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، گۈزەل يۇرتىمىزنى بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ قۇرۇپ چىقىمىز، دېيىشتى.

دۇلۇڭ يۇرتداشلار بىر ياقتىن «قېرىنداشلار جەم بولايلى، دۇلۇڭ يېزىسىغا يىغىلايلى، ناخشا ئېيتايلى، قېرىنداشلار ناخشا ئېيتايلى، دۇلۇڭنىڭ بەخت ناخشىسىنى ئېيتايلى» دەپ ناخشا ئېيتىپ، بىر ياقتىن ئۇسسۇل ئوينىدى. 4-ئاينىڭ 10-كۈنى، دۇلۇڭجياڭ يېزىسى باھار خۇشاللىقىغا چۆمدى. ئەمدى ئايىغى چىققان كىچىك بالىلاردىن، چاچلىرى ئاقارغان ياشانغانلارغىچە، دۇلۇڭ يۇرتداشلار ۋە يەرلىكتىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى دۇلۇڭزۇ مۇزېيىنىڭ مەيدانىغا يىغىلىپ، دۇلۇڭلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، باي بولۇپ ھاللىق تۇرمۇشقا قەدەم قويغانلىقىنى مەدھىيلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى ئېلىپ كەلگەن خەۋەرچى يېتىپ كەلگەندە، نەق مەيداندا كۈچلۈك چاۋاك ساداسى ياڭرىدى. دۇلۇڭجياڭ يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى يۈ جىنچىڭ: بۈگۈنكى ئاسمان باشقىچە كۆك بولدى، بۈگۈن بىزنىڭ ئەستە ساقلىشىمىزغا ئەرزىيدىغان كۈن، چۈنكى باش شۇجى بىزگە جاۋاب خەت قايتۇردى، دېدى.

باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتى دۇلۇڭ ئاھالىلىرىگە ئىلھام بولدى، ئۇلار ئىللىقلىق ھېس قىلدى. نەق مەيداندا باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنى ئاڭلىغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دۇلۇڭ ۋەكىلى، يۈننەن ئۆلكىسى گۇڭشەن ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما جىڭشەن مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ دۇلۇڭلارغا قىلغان غەمخورلۇقىنى كۆپچىلىك ئەستە مەڭگۈ ساقلايدۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا رەھمەت، باش شۇجىنىڭ دۇلۇڭلارغا قىلغان غەمخورلۇقىغا رەھمەت، بىز بۇنى ئەستا چىڭ ساقلايمىز، دۇلۇڭ ئاھالىلىرى پارتىيەگە ئىزچىل ئەگىشىپ مېڭىپ، يۇرت-ماكانىنى ياخشى قۇرۇپ، باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن تەڭ ھاللىق جەمئىيەتكە كىرىدۇ.

دۇلۇڭجياڭ يېزىسى كۇڭداڭ كەنتى ئىككىنچى گۇرۇپپىسىنىڭ دۇلۇڭ ئاھالىسى كۇڭ جىجۈن باش شۇجىنىڭ جاۋاب خەت يازغانلىقىنى ئاڭلاپ تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى يول ئوچۇق ئەمەس ئىدى، مەن ناھىيە بازىرىغا تۇز ۋە ماي سېتىۋېلىش ئۈچۈن بېرىپ-كەلسەم بەش-ئالتە كۈن ۋاقىت كېتەتتى، ھازىر يوللار ياسالدى، ناھىيە بازىرىغا ئىككى سائەتتىلا بارغىلى بولىدۇ، بىزمۇ بۆلجۈرگەن تېرىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولدۇق، ئەڭ باشتا پاخال ئۆيدە تۇردۇق، كېيىن ياغاچ ئۆيگە كۆچتۇق، ھازىر دۆلەت ھەقسىز سېلىپ بەرگەن پولات چىۋىق ۋە بېتوندىن ياسالغان ئۆيدە تۇرۇۋاتىمىز، پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى، رەھبەرلىرىمىز ياخشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكى ياخشى، تۇرمۇشىمىز ياخشى بولۇۋاتىدۇ!

پېنسىيەگە چىققان گاۋ دېشىڭ تېلېۋىزوردىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خەت قايتۇرغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆردى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، يۇرتداشلار بۇنى بىلىدۇ، ئېسىدە ساقلايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى كۆرۈپ ناھايىتى تەسىرلەندىم، باش شۇجى بىزدەك ئاز سانلىق مىللەتلەرگە غەمخورلۇق قىلىدۇ.

پېنسىيەگە چىققان گاۋ دېشىڭ تېلېۋىزوردىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خەت قايتۇرغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆردى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، يۇرتداشلار بۇنى بىلىدۇ، ئېسىدە ساقلايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى كۆرۈپ ناھايىتى تەسىرلەندىم، باش شۇجى بىزدەك ئاز سانلىق مىللەتلەرگە غەمخورلۇق قىلىدۇ.

1124358556_15550411802601n.jpg
1124350392_15549026896991n.jpg
1124350806_15549164939331n.jpg