ئېلىمىز دۇنيادىكى ئورمان بايلىقىنىڭ ئېشىشى ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلاندى
0
2019-04-10 18:15:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ پايتەخت مەجبۇرىي كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا، كۆپنىڭ كۈچى كۆپ، ھەممە ئادەم كۆچەت تىكسە ئاخىرىدا ئورمانلىققا ئايلىنىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتنى سەپەرۋەر قىلىپ، پۈتۈن خەلقنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى تەڭ قاتناشتۇرۇش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلار ئالدى بىلەن باشلامچى بولۇپ، مەجبۇرىي كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى ئىزچىل قانات يايدۇرۇشى لازىم دەپ تەكىتلىدى. 40 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، كۆپچىلىك بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ، يېڭى يېشىللىقلارنى بەرپا قىلىپ، گۈزەل يۇرت-ماكانىنى بىرلىكتە قۇرۇدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭ شەھىرى توڭجۇ رايونى يوڭشۈن بازىرىغا بېرىپ، يەرنى قېزىپ، كۆچەت تىكتى. ئۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلار ئالدى بىلەن باشلامچى بولۇپ، مەجبۇرىي كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى ئىزچىل قانات يايدۇرۇشى لازىم دەپ تەكىتلىدى. بېيجىڭ شەھىرى توڭجۇ رايونى جاڭجياۋەن بازىرى جاڭشىنجۇاڭ كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى جاڭ خۇڭفېڭ مۇنداق دېدى: ئالدىنقى قېتىم باش شۇجى بۇ يەرگە كېلىپلا بىزگە كۆكەرتىش ئىشىنى ياخشى قىلىش، پۇقرالارغا ئارام ئالىدىغان ماكان ھازىرلاش، باغچىنى پۇقرالارنىڭ ئارقا گۈللۈك ھويلىسىغا ئايلاندۇرۇشنى تاپىلىغان ئىدى. بۇ يىل باش شۇجى يەنە بىر قېتىم بىزنىڭ لۈشىنگە كەلدى، كۆپچىلىك تۇتاش كەتكەن دەرەخلەرنى كۆردى، پۇقرالارمۇ بەك رازى بولدى.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇدا يەتتە يىل باش بولۇپ كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلدى، ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، ۋەتەنگە يېشىللىق قوشۇپ، ئورماننى خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا بەخت يارىتىدىغان يېشىل بانكىغا ئايلاندۇردى. بېيجىڭدىكى بىر باغ-ئورمان كۆكەرتىش خىزمەتچىسى بولغان پايتەخت كۆكەرتىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليەن گوجاۋ بۇنىڭدىن ھەسسىلەپ ئىلھام ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يەتتە قېتىم پايتەختنىڭ ئومۇمىي خەلق مەجبۇرىي كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، بىزنىڭ دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش قىزغىنلىقىمىزغا كۈچلۈك ئىلھام بەردى. بىز ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى نۆۋەت بىر مىليون مو تۈزلەڭلىك ئورمىنى ئەھيا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردۇق، نەچچە يىل تېرىشىش ئارقىلىق، بېيجىڭنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %43.5 كە يەتتى.

ھەر بىر ئادەم سالقىندىغۇچى، ئەمما تېخىمۇ مۇھىمى ئورمان ئەھيا قىلغۇچى بولۇشى كېرەك. 3-ئاي كىرگەندىن بۇيان، غەربتىكى ئىچكى موڭغۇلنىڭ كۇبۇچ قۇملۇقىدىن نەنخەي دېڭىزى بويىدىكى ئىسسىق بەلباغقا جايلاشقان سەنيا خۇباۋپو تېغىغىچە، تەيخاڭشەن تاغ تىزمىسىدىكى سەنشىنىڭ جىنچېڭدىن سەنشيا سۇ ئامبىرى رايونىدىكى چۇڭچىڭنىڭ ۋەنجۇغىچە، كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىش جايلاردا ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا، «مىڭ يىللىق باراقسان ئورمانلىق» قۇرۇلۇشى قاينام-تاشقىنلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. بىر يىل بۇرۇن، بۇ يەرگە بىر تۈپ كۆچەت تىكىلگەن ئىدى، ھازىر بولسا 110 مىڭ مو يەرگە كۆچەت تىكىلدى. بۇ يىل 1-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا خىزمەت تەكشۈرگەندە، ئالدى بىلەن كۆكەرتىش، ئاندىن كېيىن شەھەر قۇرۇشنى تەكىتلىدى. بۇ يىل، شيۇڭئەن يېڭى رايونى يېڭىدىن 200 مىڭ مو ئورمان ئەھيا قىلىدۇ. شيۇڭئەن يېڭى رايونى 2019-يىلى ئەتىيازلىق كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىش تۈرىنىڭ نەق مەيدان مەسئۇلى رېن ئېنخۇي مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ كەڭ كۆلەملىك دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرگەن ھالدا چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك دەپ تەكىتلىدى، شيۇڭئەن يېڭى رايونى مىڭ يىللىق باراقسان ئورمانلىق قۇرۇلۇشىدا، يەر، ئورمان ماس كېلىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئەھيا قىلىنىدىغان ئورماننىڭ كۆپ قىسمىغا يەرلىك كۆچەت تۈرلىرىنى تاللىدى، ئوخشىمىغان كۆچەت تۈرلىرىنى بۇ ئۇسۇل بىلەن مۇۋاپىق ماسلاشتۇرغاندا، تۆت پەسىلدە ياپيېشىل تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

كۆپ كۆچەت، ياخشى كۆچەت تىكىش شۇنداقلا كۆچەتنى ياخشى پەرۋىش قىلىش كېرەك. ئەنخۇينىڭ شۈەنچېڭدا، بىر ئورمان مۇھاپىزەت تارماق ئەترىتى ئورمان باغچىسىنىڭ ئەتراپىدىكى قاقاس تاغنى كۆكەرتىۋاتاتتى. 2017-يىلى، ئەنخۇي ئالدى بىلەن پۈتۈن مەملىكەتتە ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئورمان بايلىقىدىن مەڭگۈلۈك پايدىلىنىشقا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلدى. ئەنخۇي ئۆلكىسى شۈەنچېڭ شەھىرى شۈەنجۇ رايونى يىشەن ئورمان باغچىسىنىڭ ئورمان باشلىقى جاۋ پىڭ مۇنداق دېدى: ئورمان باشلىقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى-بىزگە ئوخشاش ئورمان خىزمەتچىلىرىنىڭ ئورمانچىلىققا بولغان ئىشەنچىسىگە ئىلھام بېرىپ، يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ-قىممەتلىك بايلىق دېگەن ئىدىيەنى قەلبىمىزدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇردى.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئورمان كۆلىمى ۋە ئورمان زاپاس كۆلىمى ئايرىم-ئايرىم بىر ھەسسە ئەتراپىدا ئاشتى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش قەدىمى كۆرۈنەرلىك تېزلىشىپ، مەملىكەت بويىچە 600 مىليون مودىن ئارتۇق ئورمان ئەھيا قىلىنىپ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %21.66 كە يەتتى. نۆۋەتتە، ئېلىمىز دۇنيادىكى ئورمان بايلىقىنىڭ ئېشىشى ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلاندى.

1124345526_15548158640301n-(1).jpg
企业微信截图_20190407143736.png