شى جىنپىڭ پايتەخت مەجبۇرىي كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى
0
2019-04-10 17:35:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

شى جىنپىڭ پايتەخت مەجبۇرىي كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورماننى سۆيۈش، كۆچەت تىكىش، ئورماننى قوغداش ياخشى ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشتە ئۈزلۈكسىز ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك دەپ تەكىتلىدى. لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن پايتەخت مەجبۇرىي كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورماننى سۆيۈش، كۆچەت تىكىش، ئورماننى قوغداش ياخشى ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنى سەپەرۋەر قىلىپ، پۈتۈن خەلقنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى تەڭ قاتناشتۇرۇپ، چوڭ كۆلەملىك دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشتە ئۈزلۈكسىز ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

باھار مەۋسۇمى پۈتۈن زېمىننى قاپلاپ، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تاشتى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئون يېرىملاردا، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار كوللېكتىپ ماشىنىغا ئولتۇرۇپ، بېيجىڭ شەھىرى توڭجۇ رايونى يوڭشۈن بازىرىغا بېرىپ، پايتەخت ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە مەجبۇرىي كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

كۆچەت تىكىش نۇقتىسى-بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزىدىكى لۈشىن شەھەر ئورمان باغچىسىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 500 موچە كېلىدۇ. بۇ يەردە ئەسلىدە خىمىيە سانائەت زاۋۇتى قاتارلىق ئەسلىھەلەر بار ئىدى، كۆچۈرۈپ بوشىتىلغاندىن كېيىن كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلگەن، كەلگۈسىدە ئامما ئارام ئېلىپ راھەتلىنىدىغان پائالىيەت سورۇنىغا ئايلىنىدۇ.

شى جىنپىڭ ماشىنىدىن چۈشۈپلا گۈرجەكنى ئېلىپ، ئۇدۇل كۆچەت تىكىش نۇقتىسىغا قاراپ ماڭدى. بۇ يەردە كۆچەت تىكىۋاتقان كادىرلار ۋە ئامما باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بەس-بەستە باش شۇجىغا سالام قىلدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى، ئارقىدىن بېيجىڭ شەھىرى، دۆلەتلىك ئورمان ۋە يايلاق ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى ھەم پايتەختتىكى كادىرلار ۋە ئامما، پىيونېرلار بىلەن بىرلىكتە يەرنى قېزىپ، كۆچەت تىكىپ ۋە سۇغىرىپ ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

شى جىنپىڭ مايلىق قارىغاي، ياپونىيە ئاكاتسىيەسى، ياپىلاق ئارچا، ئاق گۈللۈك ماگنولىيە، ئاق كورنىس چاتقىلى، يېشىل شاپتۇل بولۇپ ئارقا-ئارقىدىن يەتتە تۈپ كۆچەت تىكتى. ئۇ ئەمگەك قىلغاچ، قېشىدىكى پىيونېرلاردىن ئۆگىنىش، تۇرمۇش ۋە تەنتەربىيە چېنىقىش ئەھۋالىنى سورىدى، ئۇلارغا كىچىكىدىن تارتىپ تەبىئەتنى سۆيۈش، مۇھىتنى قوغداش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىككى قولى بىلەن ۋەتەننى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تاپىلىدى، ئۇلارنىڭ كۆچەتكە ئوخشاش باراقسان ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

كۆچەت تىكىش نەق مەيدانى قايناش-تاشقىنلىققا چۆمدى. ئەمگەككە قاتناشقان رەھبىرى يولداشلار كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە تىككەن كۆچەتلەرگە توپا يۆلەپ سۇغاردى، ئەتراپىدىكى كادىرلار ۋە ئامما بىلەن ئېكولوگىيەنى قوغداشنى كۈچەيتىش، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئالماشتۇردى.

كۆچەت تىكىش ئارىلىقىدا، شى جىنپىڭ نەق مەيداندىكى كادىرلار ۋە ئامما بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل-يېڭى جۇڭگو كۆچەت تىكىش بايرىمى تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. 40 يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئورمان كۆلىمى، ئورمان زاپىسى ئايرىم-ئايرىم بىر ھەسسە ئەتراپىدا ئاشتى، سۈنئىي ئەھيا قىلىنغان ئورمان كۆلىمى دۇنيادا 1-ئورۇندا تۇرىدۇ، ئېلىمىزنىڭ دۇنيا يېپىنچا ئۆسۈملۈك مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە يېتەرسىزلىكى يەنىلا بەك چوڭ، ئورمان كەمچىل، يېشىللىق ئاز، ئېكولوگىيە ئاجىز بولۇش-يەنىلا زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدىغان مەسىلە.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەزەلدىن ئورماننى سۆيۈش، كۆچەت تىكىش، ئورماننى قوغداشتىن ئىبارەت ياخشى ئەنئەنىسى بار. كۆپنىڭ كۈچى كۆپ، ھەممە ئادەم كۆچەت تىكسە ئاخىرىدا ئورمانلىققا ئايلىنىدۇ. بۇ جەھەتتە پۈتۈن مەملىكەتنى سەپەرۋەر قىلىپ، پۈتۈن خەلقنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى تەڭ قاتناشتۇرۇش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلار ئالدى بىلەن باشلامچى بولۇپ، مەجبۇرىي كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى ئىزچىل قانات يايدۇرۇشى لازىم. يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ-قىممەتلىك بايلىق دېگەن ئىدىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، يايلاقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، كەڭ كۆلەملىك دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرگەن ھالدا چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورمان شەھىرى، ئورمان يېزا-كەنتى قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، تۆت پەسىل دائىم يېشىل بولۇش، ھەممە پەسىلدە گۈللەر ئېچىلىپ تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، يېشىل ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئورمان پەرۋىشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشتە ئۈزلۈكسىز ئەمەلىي ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

بېيجىڭدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى قاتارلىقلار كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

كۆچەت تىكىش پائالىيىتى ئاياغلاشقاندا، شى جىنپىڭ يەنە كۆچەت تىكىشكە قاتناشقان پىيونېرلارغا مۇنداق دېدى: مەن سىلەرنى دالىدا پائالىيەت قىلىش، تەنھەرىكەت بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىشقا ئىلھاملاندۇرىمەن، بۇ يەرگە كېلىپ كۆچەت تىككىنىڭلار بەك ياخشى ئىش! كۆپچىلىك كۆچەتلەرنى بەك ياخشى تىكىپتۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ دالا ھەرىكىتى، دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرنى كۆپەيتىش لازىم. سىلەر كۆچەتكە ئوخشايسىلەر، سىلەرنىڭ كۆچەتكە ئوخشاش باراقسان ئۆسۈپ يېتىلىشىڭلارغا تىلەكداشمەن.

1124345526_15548158640301n-(1).jpg
企业微信截图_20190407143736.png