بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى جۇڭگو-مىسىر ھەمكارلىقىنى كۈچەيتتى
0
2019-04-07 14:31:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئادىل ئابلەت

2013-يىلى رەئىس شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئىدىيەدىن ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلىنىپ، ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى ۋە ئەمەلىيلەشتى، بۇ ئېلىمىز بىلەن يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەر خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت ئېلىپ كەلدى. قىزىل دېڭىز قىرغىقىدىكى چۆللۈكتە «جۇڭگو-مىسىر ھەمكارلىق كۆۋرۈكى» دەپ نام ئالغان جۇڭگو-مىسىر سودا ھەمكارلىق رايونى بۈگۈنكى كۈندە كەسىپ زىچ تارقالغان، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان يېشىل يېڭى شەھەرگە ئايلاندى، بۇ جۇڭگو بىلەن مىسىر ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم سۇپىسى بولۇپلا قالماي، يەنە چەت ئەلدىكى باغچە رايونىنى ئېچىش ۋە گۈللەندۈرۈشنىمۇ قىممەتلىك تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى.

2018-يىلى 8-ئايدا، جۇڭگو مىسىر تەيدا سۇۋەيش ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق رايونىغا جايلاشقان جۇڭگو جۈشى گۇرۇھى مىسىر شىركىتى يىلىغا 200 مىڭ توننا ئەينەك تالا ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، بۇ ئەسلىدە 10 يىلدا پۈتكۈزۈلىدىغان ئەينەك تالا بازىسىنىڭ مۇددەتتىن تۆت يىل بۇرۇن تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. جۇڭگو-ئافرىقا تەيدا مەبلەغ سېلىش پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋېي جيەنچىڭ مۇنداق دېدى: سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان بۇ تۈر جۇڭگونىڭ مىسىرغا سالغان مەبلىغى ئەڭ كۆپ، تېخنىكا جابدۇقلىرى ئەڭ ئىلغار سانائەت تۈرى بولۇپ، مەيلى ئىقتىسادىي جەھەتتە بولسۇن ياكى تېخنىكا جەھەتتە بولسۇن مىسىر ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ تۈرنىڭ تۈرتكىلىك رولى ئىنتايىن كۈچلۈك، چۈنكى جۈشى گۇرۇھىنىڭ بۇ تۈرى ھازىر مىسىرنى دۇنيادىكى 5-چوڭ ئەينەك تالا ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتكە ئايلاندۇرۇپ، مىسىرنىڭ كەسىپ بوشلۇقىنى تولدۇرۇپ، شۇ جايغا 2500 ئىش ئورنى يارىتىپ بېرىپ، ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر تۈركۈم تېخنىك ئىشچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.

بىراق، ئىككى تەرەپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان بۇ تۈر يولغا قويۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئېلېكتىر كۈچىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش قاتارلىق مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن يوققا چىققىلى تاس قالدى. ۋېي جيەنچىڭ مۇنداق دېدى: بۇ تۈرنىڭ ئېنېرگىيەگە بولغان ئېھتىياجى بولۇپمۇ ئېلېكتىر بولغان ئېھتىياجى بىر قەدەر زور، بىرىنچى باسقۇچتا 15 مېگاۋاتلىق ئېلېكتىر كۈچىگە ئېھتىياجلىق. ئەمەلىيەتتە بىز مىسىردىكى بىر قانچە مىنىستىرلىق-كومىتېتلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردۇق، بۇ مىنىستىرلار ئاغزاكى ۋەدە بەرگەندە مەسىلە يوق ئىدى، لېكىن ئەمەلىيەتتە رەسمىي قىلماقچى بولغاندا، كەچۈرۈم سوراپ، پەقەت 8 مېگاۋات توك بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى، بۇ توك بىلەن ماشىنا-ئۈسكۈنىلەر تامامەن ھەرىكەتلىنەلمەيتتى.

تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە، جۇڭگو ئافرىقا تەيدا شىركىتى مىسىرنىڭ قانۇن، قائىدە نىزاملىرى، مەدەنىيىتىنى چۈشىنىپ ۋە دەرھال مىسىر ھۆكۈمىتىگە تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىپ، جۈشى گۇرۇھىنىڭ زىياننى قايتۇرۇۋېلىشىغا ياردەم بەردى. جۈشى مىسىر ئەينەك تالا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جېن گويۇڭ مۇنداق دېدى: بۇنداق مەسىلىلەر چەت ئەلگە مەبلەغ سالغاندا دەسلەپكى قەدەمدە كۆرۈلۈدىغان بىرقەدەر ئومۇميۈزلۈك مەسىلە. ھەرقانداق بىر كىچىك مەسىلە ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت، كۆپلەپ زېھنىنى سەرپ قىلىش، ماسلاشتۇرۇش، ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

جۈشى گۇرۇھىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئېلىمىز كارخانىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىش جەريانىدا كۆپ كۆرۈلۈدىغان ئىشلارنىڭ بىرى. 2008-يىلى تيەنجىن تەيدا مەبلەغ سېلىش پاي كونترول چەكلىك شىركىتى مىسىرغا بېرىپ، كۆز يەتكۈسىز چۆللۈكتە 1.34 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان جۇڭگو مىسىر تەيدا سۇۋەيش ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق رايونىنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى. كۆپ يىل قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق باغچە رايونى تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، كارخانىلارنى سىياسەت، ئۇل ئەسلىھەدىن پۇل مۇئامىلىگىچە بىرلا جايدا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مىسىرغا تەرەققىي قىلىشىدىكى ئالدىنقى تاللاش بولۇپ قالدى. خېڭشى مىسىر تالا توقۇلما پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ جيەن مۇنداق دېدى: ھەمكارلىق رايونىدىكى بۇ غايەت زور پاراخوت كۆپچىلىكنىڭ ئۆمەكلىشىپ دېڭىزغا چىقىشىغا ياردەم قىلىپ، ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئىش قىلدى. تىجارەت ۋە سىياسەت جەھەتتىكى مەسىلە، ۋىزا مەسىلىسى، جۈملىدىن سىرتقى بىخەتەرلىك، بىخەتەرلىك كاپالىتىنى كۆپچىلىك بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بىزمۇ تەيدا سانائەت رايونى سۇپىسىدىن پايدىلىنىمىز، بۇ شىركەتنى رويخەتكە ئالدۇرۇش، ئىشچى-خىزمەتچى قوبۇل قىلىش، تەربىيەلەش جۈملىدىن شىركەتنىڭ كۈندىلىك تىجارىتىنى نۇرغۇن قولايلىق بىلەن تەمىنلىدى.

2016-يىلى 1-ئايدا رەئىس شى جىنپىڭ مىسىردا زىيارەتتە بولغاندا، زۇڭتۇڭ سېسسى بىلەن بىرلىكتە ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق رايونىنىڭ 2-قارارلىق يوپۇقىنى ئاچتى، بۇ باغچا رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا ئايلاندى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو مىسىر ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى بىلەن بۇ ئالتە كىۋادرات كىلومېتىرلىق رايون پىلاندىن رېئاللىققا ئايلانماقتا. 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە تەيدا ھەمكارلىق رايونىغا جەمئىي 77 كارخانا ئورۇنلاشتى؛ ئەمەلىي سېلىنغان مەبلەغ 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، ساھىبخان دۆلەتكە تاپشۇرغان باج 1 مىليارد مىسىر فوندستېرلىڭدىن ئاشتى، 3500 دىن ئارتۇق ئادەم بىۋاسىتە ئىشقا ئورۇنلاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە مىسىرلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر %90 تىن ئېشىپ، مىسىردىكى ئۇنىۋېرسال مۇھىتى ئەڭ ياخشى، سېلىنما زىچلىقى ئەڭ يۇقىرى، بىرلىك مەھسۇلاتى ئەڭ يۇقىرى، جۇڭگو مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان كارخانىلار ئەڭ زىچ سانائەت رايونىغا ئايلاندى. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو-مىسىر تەيدا سۇۋەيش ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق رايونىنىڭ قۇرۇلۇش تەجرىبىسى كېنىيە-مونباسا ھەمكارلىق رايونى، جىبۇتى ھەمكارلىق رايونى، گانا كۇماش سانائەت رايونى قاتارلىق تۈرلەردە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قوللىنىلدى. تيەنجىن تەيدا مەبلەغ سېلىش پاي كونترول چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر جاڭ بىڭجۈن مۇنداق دېدى: بىز يەنە بۇ تەجرىبىلەرنى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كۆچۈرۈپ، جۇڭگو مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنىڭ سىرتقا چىقىشى ئۈچۈن ھەمكارلىق كۆۋرۈكى قۇرماقچى. مىسىر تەيدا سۇۋەيش ئىقتىساد-سودا رايونى تۈرى ئارقىلىق، جۇڭگو مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان كارخانىلارنىڭ سىرتقا چىقىشى، «بىر بەلباغ، بىر يول» نىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن دۆلەت كارخانىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى نامايەن قىلىندى.

a03.jpg
a08.jpg
00003.jpg
0002.jpg