ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىلماقتا
0
2019-04-06 15:35:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئومۇمىي خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈشتە، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەن، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىپ، خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش شەرت دەپ كۆرسىتىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مائارىپ ساھەسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتى، داۋالاش، دورا، ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى، تېخىمۇ ئادىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى تەدرىجىي ئورنىتىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تەرەققىياتنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش، ئۇنىڭدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش جەريانىدىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.

ھۆكۈمەت خەلقنىڭ ئىنتىزار بولغان ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. خەلق تۇرمۇشى بەخت-سائادىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش-تەرەققىياتنىڭ تۈپ مەقسىتى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەرەققىيات جەريانىدا خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، خەلق تۇرمۇشىغا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپ پىلانلاپ، خەلقنىڭ غەم-ئەندىشىلىرىنى كۆپ تۈگىتىپ، تەرەققىيات جەريانىدا خەلق تۇرمۇشىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بالىلارنى تەربىيەلەش، ئوقۇيدىغان مەكتەپ بولۇش، ئىشلىگەن چىشلەش، كېسەل بولسا داۋالىنىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، تۇرىدىغان ئۆيى بولۇش، ئاجىزلارنى يۆلەش ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىش شەرت دەپ تەكىتلىدى.

شاڭخەيدە، مائارىپ ساھەسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى ئالدى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى. شاڭخەي ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات لايىھەسىدە، ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن توسىقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، سىنىپتىكى ئۇنىۋېرسال ساپانى باھالاشتىن ھالقىپ، ئەسلىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يۈرۈشلۈك تەدبىرىنى تاللا تەدبىرىگە ئۆزگەرتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇردى. شاڭخەي چەتئەل تىللىرى داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى جۇ ۋېنچاۋ ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپ ھەم قىممەتلىك تاللاش ئاتا قىلغاندا، ئوقۇش باسقۇچىدا پۈتۈن زېھنىنى ئوقۇشقا قارىتىدۇ، ئارزۇ تولدۇرغاندا، تېخىمۇ كەڭ تاللاشقا ئىگە بولىدۇ دېدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شاڭخەي دۆلەتنىڭ مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئاكتىپ ئۈستىگە ئېلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتىدىكى سەركىگە ئايلىنىشقا تېرىشىپ، بىر تۈركۈم تۈزۈم خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيتىپ، نۇرغۇن كۆرسەتكۈچلەردە دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيەسىگە يېتىپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش نىشانىغا قاراپ مۇقىم قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلىدى. شاڭخەي شەھەرلىك مائارىپ، سەھىيە خىزمىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى يۈ لىجۈەن 2020-يىلىغىچە، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ھەرىكىتى لايىھەسىنى ئالدى بىلەن ئېلان قىلىپ، يېتەرسىزلىكلەرنى قانداق تۈگىتىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىمىز دېدى.

نامرات ئاممىنى ئىشىكى ئالدىدىلا ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن، شەنشى ئۆلكىسى دوختۇرخانىلار نۇقتىلىق ياردەم بېرىش، داۋالاش بىرلەشمىسى ئارقىلىق ياردەم بېرىش، مۇلازىمەت كاپالىتى ئارقىلىق ياردەم بېرىش، دەل ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ سىستېمىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان داۋالاش، ساقلىق ساقلاش ياردەم سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈردى. شەنشى ئۆلكىلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتى داۋالاش ئىشلىرى ۋە داۋالاشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەن خەييەن مۇنداق دېدى: ئۆلكىمىز ئۆلكە تەۋەسىدىكى 3A دەرىجىلىك 86 دوختۇرخانىنى نامرات ناھىيەلەردىكى 104 ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە، 2A دەرىجىلىك 218 دوختۇرخانىنى 1634 يېزا-بازار شىپاخانىسىغا ياردەم بېرىشكە، يېزا-بازار شىپاخانىلىرىنى كەنت ئامبۇلاتورىيەلىرىگە ياردەم بېرىشكە، 28 ئۆلكە، شەھەر دەرىجىلىك ئاممىۋى سەھىيە ئورگىنىنى ئېغىر نامرات ناھىيەلەردىكى 11 ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت ئورگىنىغا ياردەم بېرىشكە تەشكىللەپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش بىلەن تولۇق قاپلىدى.

داۋالاش، ساقلىق ساقلاشتا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى يولغا قويغاندىن بۇيان، شەنشى ئۆلكىسى جەمئىي 8300 دىن ئارتۇق تېببىي خادىمنى تەشكىللەپ، ئالاھىدە مەخسۇس بۆلۈمدىن 194 نى يېڭىدىن قۇرۇپ، كىلىنىكا غوللۇق دوختۇرىدىن 1571 ئادەم قېتىم تەربىيەلەپ، 18 مىڭ 200 قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىپ، 23 مىڭ 200 بىمارغا يىراق مۇساپىدىن كوللېكتىپ دىياگنوز قويدى. نوپۇسى 300 مىڭدىن ئاشىدىغان ناھىيە، رايونلاردىكى ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلارنىڭ ھەممىسى 2A دەرىجىلىك دوختۇرخانا ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈلدى، يېرىمدىن ئارتۇق ناھىيە، رايون تەۋەسىدە دىياگنوز قويۇش نىسبىتى %90 كە يەتتى. ئەن خەييەن مۇنداق دېدى: 3A دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار باش بولغان، ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار يۇغۇرۇلما شەكىلدە قاتناشقان زىچ داۋالاش گۇرۇھىنى بەرپا قىلدۇق؛ توختام شەكلى ئارقىلىق، بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، كۆكرەك ئاغرىش قاتارلىق مەخسۇس بۆلۈم ئىتتىپاقىنى قۇرۇدۇق؛ مەركەز، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە، يېزا-بازار، كەنتتىن ئىبارەت ئالتە دەرىجىلىك داۋالاش، سەھىيە ئورگىنى بىر ۋاقىتتا ئالاقە باغلىغان ھەر قايسى دوختۇرخانىلار يىراق مۇساپىدىن داۋالاش ھەمكارلىق تورىنى شەكىللەندۈردۇق.

ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى ئۆز ئۆيىدە خاتىرجەم ئۆتكۈزۈش نۇرغۇن ياشانغانلارنىڭ ئۈمىدى. يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان، ئەنخۈينىڭ ھەر قايسى جايلىرى شەھەرلەردىكى مەھەللىلەردە كۈتىنىش مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ سېلىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈتىنىش مۇلازىمىتى تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈردى. قىسمەن ياشانغانلارنىڭ ھەرىكەت قىلىشى قولايلىسىز، ئۆز ھاجىتىدىن چىقالماسلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۆيىدە كۈتۈنۈشنى مۇھىم خىزمەت بىلىپ ئىلگىرى سۈردى. ۋۇخۇ شەھىرى جىڭخۇ رايونى جىڭخۇشىنچىڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى دياۋ جىيى: ھەر ۋاقىت تېلېفون قىلسام ئادەم كېلىدۇ، ئۆيدە كۈتۈنۈش خاتىرجەملىك ئاتا قىلدى، دېدى.

نۆۋەتتە، ئەنخۇيدىكى %90تىن كۆپرەك ياشانغانلار بۇ خىل ئۆيدە تۇرۇش، ئۆيگە كېلىپ مۇلازىمەت قىلىشتەك كۈتۈنۈش ئەندىزىسىنى تاللىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەنخۈي ناھىيە، كوچا، مەھەللىدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك ئۆيدە كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ياشانغانلارغا بەش مىنۇت ئىچىدىلا مۇلازىمەت قىلىش مۇھىتى بەرپا قىلدى. خېفىي شەھىرى باۋخې رايونى باۋگۇڭ كوچىسى ياشانغانلار ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاۋ خۈي: مەھەللە ئۆيدە كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزىدىن ئىبارەت بۇ سۇپا ياشانغانلارنى ئۆيدە تاماق يېيىش، كۆڭۈل ئېچىش، ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، دېدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مائارىپ، داۋالىنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كۈتىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ئىجتىمائىي ئىشلار ساھەسىدىكى ئىسلاھات خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ ئۈمىد كۈتىدىغان مەسىلىلەردىن باشلاندى، يېڭى سىياسەت، يېڭى تەدبىرلەر ئۈزلۈكسىز چىقىرىلىپ، ئاممىغا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش ھەققىدە ياخشى خەۋەر ئاتا قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: بىز خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىغا ماسلىشىپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىرىم تەقسىماتىنى تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلبە قىلىپ، خەلقنىڭ باراۋەر قاتنىشىش، باراۋەر تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن پۈتۈن خەلقكە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈپ، پۈتۈن خەلق تەڭ باي بولۇشتەك نىشانغا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

a03.jpg
a08.jpg
00003.jpg
0002.jpg