تيەنجىن شەھىرى كەسىپ زەنجىرى، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىدىن ئىبارەت قوش زەنجىر يۇغۇرۇلمىسىنى ئىلگىرى سۈردى
0
2019-04-04 14:16:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :پاتىگۈل مۇھەممەت

سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئىسلاھاتىدىكى مۇھىم تۈرتكىلىك كۈچ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەرەققىياتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە كەسىپ تەرەققىياتى يۇغۇرۇلمىسىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشىمىز لازىم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تيەنجىن شەھىرى ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن تېخنىكا كەسپى تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى ئېھتىياجىنى بەرپا قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، كەسىپ زەنجىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىدىن ئىبارەت قوش زەنجىرنى يۇغۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدار كەسپىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

تيەنجىن فېيتېڭ ئۇچۇر تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بازار ئېچىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش نازارەتچىسى كې گۇەنيەن مۇخبىرغا ئۆزلىرىنىڭ يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ چىققان فېيتېڭ FT2000+ ئۆزىكىنى كۆرسەتتى، بۇ ئۆزەكنىڭ يەككە يادرو ھېسابلاش ئىقتىدارى، يەككە ئۆزىكىنىڭ بىرىكمە ئىقتىدارى، زىيارەت قىلىپ ساقلاش بەلباغ كەڭلىكى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلىرى خەلقئارانىڭ ئىلغار سەۋىيەسىگە يەتكەن بولۇپ ئاساسلىقى يۇقىرى ئىقتىدارلىق، كىرگۈزۈش چىقىرىش نىسبىتى يۇقىرى مۇلازىمىتېر ساھەسىدە ئىشلىتىلىدۇ. نۆۋەتتە فېيتېڭ مەھسۇلاتىنى ئاساس قىلغان پۈتۈن سىستېما ھۆكۈمەتنىڭ ئىش بېجىرىش ئەسلىھەسى، كارخانا مۇلازىمىتېرى، بۇلۇتچوت سەھنىسى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلماقتا.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى تيەنجىن شەھىرى مەۋقەنى چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇتچوت، ئۆزەك قاتارلىق ئاساسى ئۈستۈنلۈكىگە قارىتىپ، سۈنئىي ئەقىلىي ئىقتىدار كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولدى، تيەنجىن شەھەرلىك پەن تېخنىكا ئىدارىسى يۇقىرى يېڭى تېخنىكا باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تەن جېندوڭ مۇنداق دېدى: تيەنجىن شەھىرى دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش ئۈچۈن مۇستەقىل كونترول قىلىش ئۇچۇرى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىخەتەرلىك مۇداپىئەسى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، ئىلغار خەۋەرلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تورلاشقان ئاپتوموبىل، سانائەت ماشىنا ئادىمى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال قاتارلىق يەتتە كەسىپ زەنجىرىنى رەتلەپ، ھەر بىر كەسىپ زەنجىرىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا ئورگانىك ئۇلاشتۇرۇش، ئەلالىرىنى يۆلەپ زورايتىش، كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلاپ، ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى قانات يايدۇرۇپ، تيەنجىن ئەقلىي پورتىنى بەرپا قىلدى.

تيەنجىن شەھىرى يەتتە يېڭىلىق يارىتىش كەسىپ زەنجىرىنى چۆرىدەپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، ئىشلىتىشنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، 300گە يېقىن يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرىنى ئارقىمۇ ئارقا ئۇلاپ، 2017-يىلى ئاساسى تىجارەت كەسپى كىرىمىنى 100مىليارد يۈەندىن ئاشۇردى، بىر تۈركۈم ئەنئەنىۋىي كەسىپلەرمۇ ئەقلىي ئىقتىدار پەن تېخنىكىسىدىن ئىبارەت بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى ھاياتى كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتتى.

تىەنجىن چاڭروڭ پەن تېخنىكا گۇرۇھى شىركىتى يۇقىرى سەۋىيەلىك باسما ئەسلىھەلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەنئەنىۋىي كارخانا، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بۇ يەردىن سېتىلغان ھەر بىر ئۈسكۈنىنىڭ ھەرىكەت ئۇچۇرىنى شىركەت ھەر ۋاقىت بىلىپ تۇرىدۇ، بۇ خېرىدارلارنىڭ رېمونت قىلىشى ۋە ئۈسكۈنىنىڭ ھەرىكەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشىنى توغرا مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئەتتى. شىركەت باش مۇدىرىنىڭ ياردەمچىسى چيۇ جېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھەر خىل سېنزورلار ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارالغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ھەرىكەت ئەھۋالىنىمۇ دەل ۋاقتىدا ئارقا سۇپا تېرمىنالىغا يەتكۈزگىلى بولىدۇ، بىز بۇ ئۈسكۈنىنىڭ ھەرىكەت ئۈنۈمىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى، قايسى زاپچاسلارنى ئالماشتۇرۇشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرۈپ، مۇددەتتىن بۇرۇن ئالدىن سىگنال بېرەلەيمىز.

2018-يىلى تيەنجىن 620مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، چاڭروڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كارخانىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان تۈرىدىن 183نى ئۆزگەرتتى، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى ۋە كەسىپ زەنجىرىنى يۇغۇرۇشنى تىزلىتىش، بەس بەستە كۈچ چىقىرىش ئارقىلىق تيەنجىننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى تەدرىجىي نامايەن بولدى، 2018-يىلى تيەنجىننىڭ يۇقىرى تېخنىكا ياسىمىچىلىقىنىڭ كۆپەيمە قىممىتى%6.6 ئېشىپ، سانائەت كۆپەيمە قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 4 پوئىنت يۇقىرى بولدى، ئىلغار ياسىمىچىلىق سالمىقى %63.5گە يەتتى. پىلان بويىچە 2020-يىلى تيەنجىن جۇڭگو سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كەسپى توپىنىڭ يېڭى يۇقىرى پەللىسى، دۆلەت سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېڭىلىق يارىتىشچان، قوللىنىشچان شەھەرگە دەسلەپكى قەدەمدە ئايلىنىدۇ.

تيەنجىن شەھىرىنىڭ باشلىقى جاڭ گوچىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تيەنجىن شەھىرى كەسىپ ساقلانمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئېشىش مىقدارىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئەقلىي ئىقتىدار پەن تېخنىكىسى، بىيودورىگەرلىك، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال كەسپىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنى مۇقىم ئۆستۈردى، يۇقىرى تېخنىكا مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن شەھەر مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن خېلى تېز بولدى، بىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، كۈچ توپلاپ، تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىۋاتىمىز.

a03.jpg
a08.jpg
0002.jpg
封面01.jpg