شى جىنپىڭ خەلق ئىشلىرى خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى
0
2019-04-03 10:53:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئادىل ئابلەت

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا خەلق ئىشلىرى خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلق ئىشلىرى سىستېمىسى مەركەزنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، نۇقساننى تۈگىتىشتە يېڭىلىق يارىتىپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىپ، ئىسلاھات تەرەققىيات مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمىتىنى كۈچەيتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلق ئىشلىرى خىزمىتى خەلق تۇرمۇشى ۋە ئەل رايىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان، جەمئىيەت قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان، ئۇللۇق خىزمەت. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئىشلىرى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ خەلق ئىشلىرى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئىشلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئالاھىدە توپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارغا قارىتىپ؛ ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش، ئاساسىي ئىجتىمائىي مۇلازىمەت قاتارلىقلاردىكى مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ؛ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت ۋە ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

a03.jpg
a08.jpg
封面01.jpg
640.webp-(14).jpg