پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئېلىمىز خەلق ئىشلىرى تەرەققىياتىدا داۋاملىق يېڭى سەھىپە ئېچىلدى
0
2019-04-02 16:55:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى-خەلقنى خاتىرجەم قىلىش. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا، خەلق ئىشلىرى-ھەر بىر پۇقراغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، دۆلەتنىڭ باي-قۇدرەتلىك بولۇشىنىڭ ئاساسى.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلق تۇرمۇشى، خەلق ئىشلىرى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر يۈرۈش مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر يۈرۈش مۇھىم يوليورۇق، كۆرسەتمىلەرنى بەردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بىر يۈرۈش زور ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقاردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۆت ئاڭنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئىككىنى قەتئىي قوغداپ، مەركەزنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «خەلق ئىشلىرى خەلق ئۈچۈن، خەلق ئىشلىرىدا خەلقنى سۆيۈش» خىزمەت ئىدىيەسىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي، ئەمەلىي ئىشلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسلىق خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇملۇقىغا كۈچلۈك مۇلازىمەت قىلدى.

تۆۋەن كاپالەت ۋەكىللىكىدىكى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش سىياسىتى-ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا تولۇق كاپالەتلىك قىلىش رولىنى ئوينىدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، خەلق ئىشلىرىدا ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش، چەككە كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، قىيىنچىلىقى بار تۈرلۈك ئاممىنىڭ تۇرمۇش كاپالەت سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى.

مەركەز مالىيەسى 2013-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە، شەھەر-يېزا تۆۋەن كاپالىتى، داۋالاپ قۇتقۇزۇش، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى بېقىش، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش قاتارلىق مەبلەغدىن جەمئىي 840 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق ئاجرىتىپ، شەھەر-يېزا تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمىنى ھەر يىلى ئوتتۇرىچە %9.2 ۋە %14.7 ئاشۇردى، نۆۋەتتە ھەر يىلى 50 مىليونغا يېقىن قىيىنچىلىقى بار ئامما دائىملىق تۇرمۇش ياردىمىگە ئىگە بولدى، ئون مىليوندىن ئارتۇق ئادەم قېتىم ۋاقىتلىق تۇرمۇش ياردىمىگە ئىگە بولدى.

ئامما ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ياشانغاندا تايىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئۈزلۈكسىز كەسكىنلىشىۋاتقان نوپۇسنىڭ قېرىلىشىش مەسىلىسى ئالدىدا، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى بىر يۈرۈش سىياسەت، تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتى. 13-بەش يىللىق دۆلەت ياشانغانلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە كۈتۈنۈش سىستېما قۇرۇلۇشى پىلانىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى تېزدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېتەكچى پىكرىنى چىقىرىپ، ھۆكۈمەت كۈتۈنۈش ئورگانلىرى ئىسلاھات سىنىقى، ئۆيدە تۇرۇش ۋە مەھەللىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئىسلاھات سىنىقى، داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش سىنىقىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، كۈتۈنۈش ئورگانلىرىنى تەسىس قىلىش ئىجازىتىنى بىكار قىلىپ، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى بازىرىنى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋەتتى.

سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزدىكى تۈرلۈك كۈتۈنۈش ئورگانلىرى ۋە ئەسلىھەلىرى 163 مىڭ 800 گە، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى كارىۋىتى يەتتە مىليون 463 مىڭغا، پۇقراۋى كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئورگانلىرىنىڭ نىسبىتى %48 كە يېتىپ، مەھەللە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرى بارلىق شەھەر-يېزا مەھەللىلىرى ھەم %50 تىن ئارتۇق يېزا مەھەللىلىرىنى قاپلىغان.

خەلق تۇرمۇشى بەخت-سائادىتىنى كېڭەيتىشتە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشلا كۇپايە قىلمايدۇ. ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جەھەتتە، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش سەۋىيەسىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

خەلق ئىشلىرى سىستېمىسى سىچۈەننىڭ لۇشەندىكى يەر تەۋرەش، يۈننەننىڭ لۇديەندىكى يەر تەۋرەش، جياڭسۇنىڭ يەنچېڭدىكى قارا قۇيۇن، سىچۈەننىڭ ماۋشيەندىكى پەۋقۇلئاددە ئېغىر تاغ گۈمۈرۈلۈش قاتارلىق ئېغىر، پەۋقۇلئاددە ئېغىر تەبىئىي ئاپەتلەرگە يۇقىرى ئۈنۈمدە تەرتىپلىك تاقابىل تۇردى. 2017-يىلى، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە ئېغىر تەبىئىي ئاپەتلەردە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە بېرىلىدىغان ھال سوراش پۇلى، ئۆتكۈنچى مەزگىلدىكى تۇرمۇش ياردىمى ۋە پۇقرالارنىڭ ئۆرۈلگەن، بۇزۇلغان ئۆيلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا سېلىش جەھەتتىكى مەركەزنىڭ تولۇقلىما ئۆلچىمى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى، مەركەزنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى يىلىغا ئوتتۇرىچە توققۇز مىليارد يۈەن ئاجرىتىلدى، يەتتە مىليون 400 مىڭ ئادەم قېتىم جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، 55 مىليون 700 مىڭ ئادەم قېتىم ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا ياردەم بېرىلدى.

بۇندىن باشقا، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەر يىلى تەخمىنەن 500 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر ھەربىي سەپتىن چېكىندى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى. نۇقتىلىق نەپىقە بېرىش ئوبيېكىتلىرىنىڭ نەپىقە، تولۇقلىما ئۆلچىمى يىلمۇ-يىل ئۆستۈرۈلدى، ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە كۈنى تەسىس قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلدى، چەتئەللەردىكى ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش ئەسلىھەلىرىنى قوغداش، باشقۇرۇش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، بۇ بىر يۈرۈش تەدبىرلەر-قەھرىمانلارنىڭ شان-شەرىپى ۋە تەمىناتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى تېخىمۇ چىڭىدى.

خەلق ئىشلىرى خەلق ئۈچۈن، خەلق ئىشلىرى-خەلقنى سۆيۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئىسلاھات، تەرەققىيات قەدىمى مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ، خەلق ئىشلىرىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق. يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، بارلىق خەلق ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپەت بىلەن، كىشىنى قەلبىنى ئىللىتىدىغان بۇ ئىشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتماقتا.

 

a03.jpg
a08.jpg
封面01.jpg
640.webp-(14).jpg