شى جىنپىڭ يېڭى زېلاندىيە زۇڭلىسى ئاردېرن بىلەن كۆرۈشتى
0
2019-04-02 15:32:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا يېڭى زېلاندىيە زۇڭلىسى ئاردېرن بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ يېقىندا يېڭى زېلاندىيەدە ئېغىر ئوققا تۇتۇشۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن يېڭى زېلاندىيەدىن يەنە بىر قېتىم سەمىمىي ھال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سىز دۆلەت ئىچى ئالاھىدە مۇھىم ئەھۋالغا ئۇچرىغان پەيتتە جۇڭگوغا مەخسۇس زىيارەتكە كېلىپ، ئۆزىڭىز ۋە يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردىڭىز. جۇڭگو ئەزەلدىن يېڭى زېلاندىيەنى سەمىمىي دوستى ۋە ھەمكارلىق شېرىكى دەپ قاراپ كەلدى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 47 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتى ئىزچىل جۇڭگو بىلەن غەربتىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىپ، نۇرغۇن «بىرىنچىلىك»لەرنى ياراتتى. نۆۋەتتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى ۋەزىيەتكە دۇچ كەلمەكتە. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ئىشىنىش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو يېڭى زېلاندىيە بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ جۇڭگو بىلەن غەرب ئەللىرى مۇناسىۋىتىنىڭ ئالدىدا مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى ۋەزىيەتتە، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا چۈشۈنىشى ۋە ئۆزئارا ئىشەنچىسىنى يەنىمۇ چۇڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش روھى بويىچە، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشتە جۇڭگو ئەمەلىي كۈچى بار كارخانىلارنىڭ يېڭى زېلاندىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىشىنى داۋاملىق قوللاشنى خالايدۇ، يېڭى زېلاندىيەمۇ جۇڭگو كارخانىلىرىغا ئادىل، ھەققانىي، كەمسىتمەيدىغان سودا مۇھىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو يېڭى زېلاندىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. خەلقئارا ئىشلاردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا ئىقتىسادىي قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداش كېرەك. جۇڭگو كېلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، يېڭى زېلاندىيە بىلەن بىرگە ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيەنىڭ جەمئىيەت ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، 2019 «جۇڭگو-يېڭى زېلاندىيە ساياھەت يىلى»نى ياخشى ئۇيۇشتۇرۇپ، ياشلار ئالماشتۇرۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيەنىڭ دوستلۇقىنى كىشى قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

ئاردېرن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى زېلاندىيەدە ئېغىر ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ھال سورىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى ھەمدە يېقىندا جۇڭگونىڭ جياڭسۇ شياڭشۈي خىمىيە سانائىتى زاۋۇتىدا ئېغىر ۋەقە يۈز بېرىپ، ئۆلۈم-يېتىم بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھال سورىدى. ئاردېرن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى زېلاندىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇھىم، ھەمكارلىق ساھەلىرى كەڭ. يېڭى زىىللاندىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ، يېڭى زېلاندىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە كۆپ قېتىم «ئالدىدا ماڭغانلىقى»دىن ئىپتىخارلىنىدۇ. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بەرگەن باھاسىنى قۇۋۋەتلەيمەن، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن يېڭى زېلاندىيەنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلەيمەن. يېڭى زېلاندىيە مۇستەقىل، ئۆز-ئۆزىگە ئىگە بولغان دېپلوماتىيە سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، كۆپ تەرەپچىلىكنى قەتئىي قوللايدۇ، ئەركىن سودىنى قوللايدۇ، ناھايىتى بۇرۇنلا «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى قوللىغان، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىغا قاتناشقان. يېڭى زېلاندىيە ئالىي دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. يېڭى زېلاندىيە كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق زور خەلقئارا مەسىلىلەردە جۇڭگو بىلەن زىچ ماسلىشىشنى خالايدۇ.

 

未标题-1.jpg
640.webp-(14).jpg
0.jpg
1124275911_15534497154291n.jpg