شى جىنپىڭ 30-نۆۋەتلىك ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشى يىغىنىغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى
0
2019-03-31 18:54:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئىلھام مامۇت

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 31-كۈنى ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشى يىغىنىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى تۇنىس زۇڭتۇڭى ئېسىبسىغا تەبرىك تېلگراممىسى يوللاپ، 30-نۆۋەتلىك ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار كېڭىشى يىغىنىنىڭ تۇنىس شەھىرىدە ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىغى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى پائال تەشەببۇس قىلىپ، ئەرەب دۇنياسىنىڭ بىرلىشىپ قۇدرەت تېپىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىپ كەلدى، مەن بۇنىڭغا ئاپىرىن ئېيتىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر. بۇلتۇر 7-ئايدا، جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 8-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى بېيجىڭدا غەلىبىلىك ئېچىلدى، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشقا بىردەك قوشۇلدى. بۇ جۇڭگو-ئەرەپ ئەللىرى دوستلۇق ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى تارىخىي باشلىش نۇقتىسى. جۇڭگو ئەرەپ ئەللىرى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ،، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول »نى بىرلىكتە قۇرۇش ھەرىكەت خىتاپنامىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

 

未标题-1.jpg
1124275911_15534497154291n.jpg
1124274012_15533587057731n.jpg
1111111.jpg
1111111111111.jpg