خەينەن ئۆلكىسى كۆپ پىلاننى بىرىكتۈرۈش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى
0
2019-03-31 18:10:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :پاتىگۈل مۇھەممەت

 

خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، شەھەر يېزا پىلانى، يەردىن پايدىلىنىش پىلانى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش پىلانى قاتارلىق نۇرغۇن پىلانلار ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان، بىرتۇتاش پىلانلانغان كۆپ پىلاننى بىرىكتۈرۈش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى بىر مۇھىم ۋەزىپە. 2015-يىلى 6-ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ 13-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا، خەينەننىڭ مەملىكەت بويىچە تۇنجىي بولۇپ كۆپ پىلاننى بىرىكتۈرۈش ئىسلاھاتى سىنىقى ئېلىپ بېرىشىغا قوشۇلدى، بىر قانچە يىلدىن بۇيان خەينەن ئۆلكىسى تەرەققىيات پىلانىنى ئۆلكە بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېكولوگىيە تۆۋەن چېكىنىڭ تەلىپىنى كۆپ پىلاننى بىرىكتۈرۈشنىڭ بارلىق جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى قوغداشنىڭ قىزىل سىزىقى، مۇھىت سۈپىتى تۆۋەن چېكى، بايلىقتىن پايدىلىنىش يۇقىرى چېكىنى قاتتىق ساقلاپ، دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك سىناق رايونى قۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

چيوڭجۇڭ يىزۇ، مياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى خەينەندىكى ئۈچ دەريا مەنبىيىگە جايلاشقان، ئوتتۇرا قىسىمدىكى ئېكولوگىيە يادرو رايونى بولۇپ، كۆپ پىلاننى بىرىكتۈرۈش ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن بۇ يەردىكى %60 دۆلەت زېمىنى ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقى قىلىپ ئايرىلدى، قايسىلىرى قىزىل سىزىققا تەۋە تېگىشكە بولمايدىغان يەر، قايسىلىرى ئىككىنچى تۈردىكى قىزىل سىزىققا تەۋە چەكلىك ئېچىشقا بولىدىغان يەر ئىكەنلىكىنى پىلان خەرىتىسىگە قاراپ ئېنىق بىلىۋالغىلى بولىدۇ، چيوڭجۇڭ ناھىيەلىك دۆلەت زېمىنى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلقى ۋۇ جۇڭماۋ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەزكۇر ناھىيە يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان بىرمۇ ئۆي-زېمىن مۈلكى تۈرىنى تەستىقلاپ باقمىدى، يەرنى باشقۇرۇش تېخىمۇ ئىنچىكىلەشتى، ناھىيەمىزدە، بىر مو يەرگە ئاز دېگەندە 2 مىليون 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىش، ھەر مو يەردىن 500 مىڭ يۈەن باج كىرىمى قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ، يەنە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلات يەر بىلەن تەمىنلەش تەلىپىگە يەتكەندىلا ئاندىن ئۆلكە سودا مەركىزىدە قاراپ چىقىشقا سۇنسا بولىدۇ. يەر بېرىلگەندىن كېيىن ئاندىن خېرىدار چاقىرىپ، كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلىدۇ. ئۆيگە ئىشلىتىلىدىغان يەر ئاستا ئاستا سودا يېرىنى ئېچىشقا ئۆزگەرتىلىپ، كەسپىي يەر ئىشلىتىش، ئېچىشقا يۈرۈش قىلىنىدۇ، ئالايلۇق ساياھەت، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، داۋالاش دېگەندەك.

ئېكولوگىيە رايونىدا قىزىل سىزىقنى قاتتىق ساقلاپ، شەھەر پىلانىدىمۇ يېشىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش. 2017-يىلى ئامما خەيكۇ شەھىرىدە ئەسلى تۈزلىنىش پىلانغانلانغان بىر پارچە نەم يەرنى ساقلاپ قېلىشنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن بۇ نەم يەر ساقلاپ قېلىنىپ، ئېكولوگىيەسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، بۈگۈنكى كۈندە بۇ يەرگە قويۇق ئۆت چۆپلەر ئۈنۈپ، گۈزەل بوستانلىققا ئايلاندى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 2016-يىلى خەيكۇ شەھىرى شەھەرنى يېڭىلاش ھەرىكىتىنى ئۈزلۈكسىز قانات يايدۇرۇپ، بارلىق بۇلغۇما سۇ قويۇپ بېرىش مەنبەسىنى تېپىپ، مېيشې دەرياسى، ۋۇيۈەن دەرياسى، خەيدىيەن ئۆستىڭى قاتارلىق نەم يەر باغچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ بوستانلىق، دەريا، كۆللەر شەھەر پىلانىدا نامايەن بولدى. خەيكۇ شەھىرى سۇ ئىشلىرى گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى دېڭ شىنبىڭ مۇنداق دېدى: بىز يەتتە كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تەبئىي قىرغاق لىنيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈردۇق، ئىككى قىرغاقتا 1500 مو ئاممىۋىي يېشىللىقنى ئۆزگەتتۇق، قايتا قۇردۇق.

پىلاننى ئالدىن يولغا قويۇش، تۈزۈم جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىش. يېقىنقى يىللاردىن بېرى خەينەن ئۆلكىسى يېڭىدىن تاۋار ئۆي سېلىشنى تەستىقلاشنى ۋاقىتىنچە توختىتىش، 12 شەھەر ناھىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى باھالاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، يېشىل يۆنىلىشلىك باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتىكى ئالتە چوڭ مەخسۇس تۈزەشنى ئۇزارتىش قاتارلىق بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى تەڭ يولغا قويۇپ، تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلىدى. كۆپ پىلاننى بىرىكتۈرۈشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، خەينەن ئۆلكىسىدە جەنۇب بىلەن شىمال تۈرتكە بولۇش، شەرق بىلەن غەرب تېز تەرەققىي قىلىش، ئوتتۇرا قىسىم ئېكولوگىيەنى قوغداشدىن ئىبارەت پۈتۈن ئۆلكىنىڭ بوشلۇق قېلىپى شەكىللىنىپ، ئېكولوگىيەگە ھەرگىز تەگمەسلىك تۆۋەن چەك قىلىنغان ئاساستا ئىقتىساد تەرەققىي قىلدۇرۇلدى.

ئۆتكەن يىلى 4-ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ خەينەن ئۆلكسىدە ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا سۆز قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەينەننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى تەبىئەتنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، ئۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، كۆڭۈل قويۇپ ئاسراپ، خەينەننى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۆت پەسىللىك باغچىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەينەندە دۆلەتلىك ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك سىناق رايونى تەسىس قىلىشقا مەدەت بېرىش، خەينەننىڭ ئادەم ۋە تەبئىيەت ئىناق تەرەققىي قىلدىغان يولدا مېڭىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تەجرىبە توپلىشىغا ئىلھام بېرىشنى قارار قىلدى.

نۆۋەتتە خەينەن ئۆلكىسىنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ئۇدا بەش يىل %60دىن يۇقىرى بولدى، ئاساسلىق دەريا ئېقىن، كۆل، سۇ ئامبارلىرى، قىرغاققا يېقىن دېڭىز ساھىلىنىڭ سۇ سۈپىتىنىڭ ئەلا بولۇش نىسبىتى %90دىن ئاشتى، ھاۋانىڭ ئەلا بولۇش نىسبىتى %98دىن ئاشتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى ئىزچىل مەملىكەتنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ كەلدى. خەينەن ئۆلكىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتىنىڭ نازىرى دېڭ شياۋگاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كەلگۈسىدە خەينەن ئۆلكىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە تىروپىك بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى دۆلەتلىك باغچىسى، پاكىز ئېنېرگىيەنى كېڭەيتىش، پارچىلانمايدىغان سۇلياۋ بۇيۇملارنى چەكلەش، يېزا مۇھىتىنى تۈزەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرگە داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك سىناق رايونىنى ياخشى قۇرىدۇ.

 

未标题-1.jpg
1124275911_15534497154291n.jpg
1124274012_15533587057731n.jpg
1111111.jpg
1111111111111.jpg