شى جىنپىڭ ئىتالىيە زۇڭتۇڭى ماتتارېللا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
0
2019-03-23 11:31:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئىلھام مامۇت

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 22 - كۈنى رىمدا ئىتالىيە زۇڭتۇڭى ماتتارېللا بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى، ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراققا نەزەر سېلىش نۇقتىسىدىن جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات چوڭ يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، قول تۇتۇشۇپ، جۇڭگو بىلەن ئىتالىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋردە تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشقا بىردەك قوشۇلدى.

باش باھاردىكى رىمدا مەيىن شامال چىقىپ تۇراتتى، ھاۋا ناھايىتى ئوچۇق ئىدى. ئىتالىيە زۇڭتۇڭى ماتتارېللا زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى مەيدانىدا رەئىس شى جىنپىڭ ئۈچۈن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، بايراملىق كىيىملىرىنى كىيگەن ئىتالىيەنىڭ جەسۇرانە ئاتلىق ئەسكەرلىرىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدىكى مەيدانىغا يۈرۈپ كەتتى. شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن يېتىپ كەلگەندە، زۇڭتۇڭ ماتتارېللا ۋە ئۇنىڭ قىزى لاۋرا شى جىنپىڭنى قىزغىن كۈتۈۋېلىپ، ئۆزئارا ھال سوراشتى. ئارقىدىن، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن ئىتالىيەنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى، جۇڭگونىڭ دۆلەت بايرىقىنى چىقاردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭنىڭ ئالدىغا كېلىپ ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەكلىپ قىلدى. شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ماتتارېللانىڭ ھەمراھلىقىدا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، دېڭىز ئارمىيەسى، ھاۋا ئارمىيەسى ۋە ئاتلىق ئەسكەرلەر چاسا ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ ئىتالىيە تەرەپنىڭ ئاساسلىق ئەمەلدارلىرى بىلەن قول ئىلىشىپ كۆرۈشتى، زۇڭتۇڭ ماتتارېللا جۇڭگو تەرەپتىن ھەمراھ بولۇپ كەلگەن خادىملار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ ماتتارېللا سۆھبەتلەشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە مەدەنىيەتلىك قەدىمىي دۆلەت. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 15 يىللىقى، كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز. يېرىم ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، بىر بىرگە ئىشىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئۆز ئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز قويۇقلاشتۇرۇپ، ئالاقە ھەمكارلىقى ۋە مەنپەئەت يۇغۇرۇلمىسىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ كەلدى. بۈگۈنكى دۇنيا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلمىگەن چوڭ ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلمەكتە. جۇڭگو ئىتالىيە بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىق روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى نۇرلاندۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قىلىش، ھەمكارلىق ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئىتالىيە بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-ئىتالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات چوڭ يۆنىلىشىنى مۇستەھكەملەپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان ئىتالىيە بىلەن جۇڭگونىڭ مەنپەئەتتە كەڭ قورساق بولۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان شېرىكلەردىن بولۇشقا قوشۇلىمەن. جۇڭگو ئىتالىيە بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ، كۆز قاراشلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە داۋاملىق ئۆزئارا چۈشىنىپ ۋە قوللاپ، ھۆكۈمەت، قانۇن چىقىرىش ئورگىنى، پارتىيەلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق يارقىن نۇقتىسىنى بەرپا قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇشنى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىق پىلانىنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو ئىتالىيەنىڭ سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى تېخىمۇ كۆپلەپ ئىمپورت قىلىشنى خالايدۇ، ئەمەلىي كۈچى بار تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ ئىتالىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، كىنو، تېلېۋىزىيە، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئەل رايى قۇرۇلۇشىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى ئىزچىل قوللاپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ھۆرمەت قىلىپ كەلدى. ئىتالىيەنىڭ ئاكتىپ رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە تىنچلىق، ئىشىش، ئىسلاھات، مەدەنىيەتتىن ئىبارەت تۆت چوڭ شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو ئىتالىيە بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىزمىتى، يەر شارىنى ئىدارە قىلىش، كىلىمات ئۆزگىرىشى، 2030 - يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىلىرى قاتارلىق مۇھىم قارالمىلاردا ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش،قولايلاشتۇرۇشنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ، ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، نەپ يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ بولغان، ئورتاق مەنپەئەتلىنىش تەرىپىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكلەشنى خالايدۇ.

ماتتارېللا مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. ئالدىنقى يىلى جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان ۋاقىتتىكى ئىشلار ھازىرغىچە ئېسىمدە. ئىتالىيە بىلەن جۇڭگونىڭ يۇقىرى قاتلام قويۇق ئالاقىسىنى ساقلىغانلىقى، بولۇپمۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم زىيارەتكە كېلىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى. جۇڭگو ئىتالىيەنىڭ يېقىن ھەم مۇھىم شېرىكى. ئىتالىيە تەرەپ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە قايىل، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ، ئىتالىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىق ئىستىقبالىدىن ئۈمىدۋار. جۇڭگو بىلەن ئىتالىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى ۋە كېلەر يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، پەن-تېخنىكا، يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. ئىتالىيە بىلەن جۇڭگو ئىلگىرى قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ ئىككى بېشىغا جايلاشقان، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىسىنى زىچ باغلىغان. ئىتالىيە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، ھەمدە بۇنىڭ ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشى ۋە ئورتاق تەرەققىياتىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىگە، قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ بۈگۈنكى دەۋردە يېڭى ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول» شۇنداقلا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يولى. ئىتالىيە، جۇڭگو بىلەن مەدەنىيەت ساياھەت ساھەسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ئىتالىيە بىلەن جۇڭگو مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە مەدەنىي قەدىمى دۆلەت، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بۈگۈنكى ئىنسانىيەت جەمئىيىتى دۇچ كەلگەن خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشقا يېتەرلىك ئەقىل پاراسىتى بار. ئىتالىيە جۇڭگونىڭ گۈللىنىشى دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن يېڭى تارىخىي تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئىتالىيە ياۋروپا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. جۇڭگو بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپ ئاپپاراتلىرىدىكى ئالاقىلىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى، كۆپ تەرەپچىلىكنى ۋە سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈشنى ئورتاق قوغداپ ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە، خەلقئارا خەۋپسىزلىك قاتارلىق جەھەتتىكى خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى. شۇ كۈنى، شى جىنپىڭ ئىتالىيە نامسىز قەھرىمانلار خاتىرە مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك قويدى. دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

1111111.jpg
1111111111111.jpg