جايلار باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى
0
2019-03-18 18:58:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئادىل ئابلەت

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

بۇ يىل مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك كۈچىنى ساقلاپ؛ ئېكولوگىيە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىدىغان، يېشىل تەرەققىيات يېتەكچى قىلىنغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ؛ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش سالمىقىنى زورايىتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۆرىشىنى ياخشى قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي چېگرا رايونىدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل مەنزىرە لىنىيەسىنى ياخشى قوغداش لازىم. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقىنىڭ تەلىپىنى جايلاردىكى كادىرلار ۋە ئامما ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، يەتكۈزۈپ، دەل ۋاقتىدا ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈردى؛ ئۇلار سۈزۈك سۇ يېشىل تاغنى ياخشى قوغداپ، يېشىل تەرەققىيات ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تىرىشىپ تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خولۇننۇر كۆلى، ئۇلاستاي كۆلى، داغىننۇر كۆلى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسىقىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدارى ئىنتايىن مۇھىم. باش شۇجى شى جىنپىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىدىكى ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا ئىچكى موڭغۇلدىكى خولۇننۇر كۆلى، ئۇلاستاي كۆلى، داغىننۇر كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تىزگىنلەش مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

شى جىنپىڭ خولۇننۇر كۆلى، ئۇلاستاي كۆلى، داغىننۇر كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشتە كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك دېدى.

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئاياغلاشقاندىن كېيىن، خولۇنبىر شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يۈ لىشىن خولۇننۇر كۆلىنى تىزگىنلەشنىڭ 2-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىنى تىزلىتىشنى دەرھال ئورۇنلاشتۇردى. يۈ لىشىن مۇنداق دېدى: خولۇننۇر كۆلىنى كېيىنكى باسقۇچتا تۈزەشتىكى مۇھىم نۇقتا 2020-يىلىغىچە بولغان ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئاساسلىقى 2-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشنى تاماملاش، بۇنىڭدا ئاساسلىقى بۇ كۆلنىڭ سۇ تولۇقلاش قۇرۇلۇشى، سۇ سۈپىتىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇھىم نۇقتىنى بارلىق ۋادىنىڭ سۇ سۈپىتىنىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسىنى ئەڭ زور چەكتە يېنىكتىلىشكە قارىتىشتىن ئىبارەت.

باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىنىڭ باش تېمىسىنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە قارىتىپ، ئىچكى موڭغۇلغا كونكرېت تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپلا قالماستىن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغىمۇ يېڭى سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقاردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە "تۆت بىر" سۆزىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئورنىنى تەكىتلەپ، جايلار ۋە تارماقلاردىن ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى پەللىگە قاراپ قەدەم بېسىشىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىز ئىقتىسادىي يۇقىرى سۈرەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا قاراپ بۇرۇلۇش جەريانىدا، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈزەش ۋە مۇھىتنى تۈزەش ھالقىشقا توغرا كېلىدىغان مۇھىم ئۆتكەل. بىز چىشىمىزنى چىڭ چىشلەپ، بۇ تۆپىلىكتىن يامىشىپ ئۆتۈپ، بۇ توسالغۇدىن ھالقىشىمىز لازىم. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كۈچىنى ساقلاشتا قىلچە تەۋرەنمەسلىكىمىز، بۇنى قىلچە بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇشىمىز لازىم.

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن غەلىبىلىك يىپىلىپ 2-كۈنى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكوم مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، ئىككى يىغىندا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈرلۈك نىشان ۋەزىپىلەرگە قاراپ چىقىپ، ئىش تەقسىماتىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى ۋە مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈردى. لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى تاڭ يىجۈن مۇنداق دېدى: بىز سۈزۈك سۇ يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بايلىقتىن ئىبارەت بۇ ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك كۈچنى باشتىن ئاخىر ساقلاشتا قىلچە تەۋرەنمەي، قىلچە بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، گۈزەل لىياۋنىڭ قۇرۇشنى تىزلىتىشىمىز لازىم.

ئەنشەن پولات تۆمۈر گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى گو شيەنچىن مۇنداق دېدى: گۇرۇھىمىزنىڭ باش مۇدىرى لى لىجيەن بېيجىڭدىن خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، تۇنجى بولۇپ كارخانا پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىغا مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى ئۆگەندى. ھازىر گۇرۇھىمىز بىر مىليارد يۈەندىن كۆپرەك پۇلنى باغ ئورمانلاشقان زاۋۇت قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتتى، ئەمدى بۇلغىنىشنى تۈزەشكە كۈچ چىقىرىمىز، بۇنى قىلچە تەۋرەنمەي، قىلچە بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتىمىز. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بىز بۇلغىما قويۇپ بېرىش مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولىمىز، ئاندىن يېشىل ئەشيا ئوبوروت كەسپىنى تېز ئىلگىرى سۈرىمىز.

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش، شۇنداقلا بۇ خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك. ئىككى يىغىن مەزگىلى دەل كۆچەت تىكىش بايرىمىغا توغرا كەلدى. جايلار مول مەزمۇنلۇق كۆچەت تىكىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، يۇرت ماكانىغا يېشىللىق ئاتا قىلدى. شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ يەنتەي شەھىرىدە شەھەر ئاھالىسى جاۋ يىنخۇا ئۇدا 6-يىل كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى، ئۇ باش شۇجىنىڭ سۆزى ماڭا تېخىمۇ مەدەت بولدى دېدى.

جاۋ يىنخۇا مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئومۇمىي پىلانىدا، ئادەم بىلەن تەبئىيەتنىڭ ئىناق بىرگە ئۆتۈشىدە چىڭ تۇرۇش بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئاساسىي پىلان؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە يېشىللىق بىر چوڭ ئىدىيە. مەن ئۆزىمىزنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىشقا ئاتلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، سۈيى سۈزۈك تاغلىرى يېشىل گۈزەل جۇڭگونى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىشنى ئويلايمەن.

خېبىي ئۆلكىسىنىڭ لاڭفاڭ شەھىرى ئەنسى رايونى تۈەنجې كەنتىنىڭ 500 نەچچە مو نەشپۇتلىكىدە، ئەمدىلا تىكىلگەن كۆچەتلەر قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، ئىككى يىغىن ئاياغلاشقاندىن كېيىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، لاڭفاڭ شەھەرلىك ئورمانچىلىق تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش پونكىتىنىڭ باشلىقى فاڭ جىنخۇا تۇنجى بولۇپ ئېتىز بېشىغا بېرىپ، باغۋەنلەرگە ئىككى يىغىن روھىنى يەتكۈزدى، كۆچەت تىكىش تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى.

فاڭ جىنخۇا مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىك تېخنىكى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مېنىڭچە كۆپ كۆچەت تىكىش، كۆچەتنى ياخشى قويۇش ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشقا تۆھپە قوشۇش ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ئەڭ چوڭ تۆھپە قوشۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز بۇ باغدا نەشپۈت كۆچىتىنىڭ يېڭى سورتى ۋە يېڭى تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇردۇق، 2020-يىلىغا بارغاندا بۇ يەر مېۋىلەرنىڭ خۇش پۇرىقى دىماقنى يارىدىغان مۇنبەت ئېتىز، ئۈمىد ئېتىزىغا ئايلىنىدۇ.

يىنچۈەن شەھىرى شىشيا رايونىنىڭ ياش كادىرى ۋاڭ تىڭيۈ مۇنداق دېدى: خېلەنشەن تېغى ئېتىكىدىكى نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ يىنچۈەن شەھىرى شىشيا رايونى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خېلەنشەن تېغىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي قوغداش رايونى، ئۈزۈم ئۆستۈرۈش ئېكولوگىيە كارىدورى قاتارلىق رايون ئېكولوگىيە چېكىنى قەتئىي قوغداپ، خېلەنشەن تېغى دوڭلۇ تەبىئىي قوغداش رايونىدىكى كىشىلەر قانۇنسىز پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان 20 ئورۇننى بىكار قىلدى، 21 ئۈزۈم ھارىقى قورىقىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ يۇندىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىشنى تاماملىدى. خېلەنشەن تېغىنىڭ ئېتىكىدە ئېكولوگىيە كارىدورى شەكىللەنمەكتە.

ۋاڭ تىڭيۈ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلام كادىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىيات يېتەكچى قىلىنغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشىمىز، بولۇپمۇ يېزىلاردىكى تۇرمۇش يۇندىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، يېزا ھاجەتخانا ئىنقىلابى قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم. بىز كېيىنكى باسقۇچتا يېزا ئىگىلىكى كېرەكسىز تاشلاندۇقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىپ يىغىش، زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، بارلىق خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ ياخشى تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزىمىز.

111111111111.jpg
1111111111111111.jpg