جايلار باش شۇجىنىڭ سۆزىنى ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرماقتا
0
2019-03-17 17:34:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :كۈنتكىن ئىمام

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىغاندا تەكىتلەپ: مەدەنىيەت ئىشەنچىسنى چىڭىتىپ، دەۋىر رېتىمىنى پەملەپ، دەۋىر ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، دەۋىر بىلەن قەتئىي تەڭ ئىلگىرىلەپ، خەلقنى مەركەز قىلىپ، خەلقكە نادىر ئەسەلەرنى تەقدىم قىلىپ، گۈزەل ئەخلاق ئارقىلىق كەيپىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك، دېدى. مەدەنىيەت-سەنئەت، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى خىزمەتچىلەر بەس-بەستە: تۈپتىن ياخشىلاش جەھەتتە يېڭى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئېلىپ، دۇرۇس بولۇش، يېڭىلىق يارىتىشقا يېڭى تۆھپە قوشىمىز، دېيىشتى.

بىر دۆلەتتە، بىر مىللەتتە روھ بولمىسا بولمايدۇ. مەدەنىيەت-سەنئەت خىزمىتى، پەلسەپە ۋە ئىجتىمائىي پەن خىزمىتى روھ تاۋلايدىغان خىزمەت، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئومۇمىي خىزمىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە، يېڭى دەۋىردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىغاندا تەكىتلەپ: دەۋىر بىلەن ماس قەدەمدە بولۇش كېرەك، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم يېڭى دەۋىرگە كىردى، كۆپچىلىكنىڭ يېڭى دەۋىرنى خاتىرىلەش، يېڭى دەۋىر يارىتىش، يېڭى دەۋىرنى مەدھىيلەش بۇرچىنى ئۈستىگە ئېلىپ، دەۋىرگە دادىل جاۋاب قايتۇرۇپ، ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيىتىدە ئىجادىيەتنىڭ باش تېمىسىنى تېپىپ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئىلھامىنى تۇتۇپ، بىزنىڭ بۇ دەۋىرىمىزنىڭ تارىخىي زور ئۆزگىرىشىنى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈپ، بۇ دەۋرىمىزنىڭ مەنىۋى سەھىپىسىنى ئېچىپ، دەۋىر ئۈچۈن ئىجادىيەت قىلىپ، دەۋىر ئۈچۈن تەرجىمھال تۇرغۇزۇپ، دەۋىر ئۈچۈن گۈزەل ئەخلاق يېتىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.

لى چىخۈي نەنچاڭ شەھىرى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى نەنچى مەھەللىسى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇ ئەتراپىدىكىلەر، ئەتراپىدىكى ئىشلارغا ئاساسلىنىپ، ئىتوت، دېيىشىش قاتارلىق نومۇرلارنى ئىجاد قىلىپ، مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا زور ئىلھام بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ كۆرەش قىلىدىغان دەۋىردە، بىز كۆرەش قىلىش، ھالقىش، ئېشىپ كېتىش ھىدىنى ھەر ۋاقىت ھېس قىلالايمىز، بۇ بىزدەك مەدەنىيەت-سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى چەكسىز سەھنە بىلەن تەمىنلىدى. كەلگۈسىدە بىز پارتىيە، ۋەتەن، خەلقنى مەدھىيلەيدىغان يېڭى دەۋىر ئەسەرلىرىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىمىز.

خەلق ئىجادىيەتنىڭ بۇلۇقى، خەلق ئارىسىغا چوڭقۇر چۆككەندىلا ئاندىن ئىجادىيەتنىڭ تۈگەتكۈسىز بۇلىقىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ: ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتى، پەلسەپە ۋە ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتىدا ئالدى بىلەن كىم ئۈچۈن ئىجاد قىلىش، كىم ئۈچۈن سۆز قىلىش مەسىلىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش لازىم، بۇ تۈپ مەسىلە، دەپ كۆرسەتتى.

جياڭسۇ ئۆلكىسى چىنجۇ شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەت بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ليۇ رىنچيەن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە خەلقنى مەركەز قىلىش، نادىر ئەسەلەرنى خەلقكە تەقدىم قىلىشنى تەلەپ قىلدى، بىز بۇ بىر قانچە يىلدا لىشاخې ئەدەبىيات ئېقىمىنى ياراتتۇق، بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم روھ يازغۇچىلار، ئەسەلەرنىڭ خەلقچىلىكىگە ئېتىبار بېرىش.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نادىر ئەسەلەرنى خەلقكە تەقدىم قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. قىممەتكە، ئەھمىيەتكە ئىگە بارلىق ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە پەن تەتقىقاتىدا رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈش، رېئاللىقنى كۆزىتىش، رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا پايدىلىق بولۇش، رېئال مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىش كېرەك. كۆپچىلىكنىڭ مەۋقەنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە قارىتىپ، جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارىتىپ، ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ ئىلگىرلىشى، تەرەققىياتى ۋە ھازىرقى زامان جۇڭگولۇقلارنىڭ سەرخىل تۇرمۇشىنى ياخشى نامايەن قىلىپ، جۇڭگو روھى، جۇڭگو قىممىتى، جۇڭگو كۈچىنى ياخشى شەرھىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتىدە بۇ تۇپراقتا يىلتىز تارىتىشنى ئاساس قىلىپ، ئەسەلەرنىڭ مەنىۋى يۈكسەكلىكى، مەدەنىيەت مەزمۇنى، سەنئەت قىممىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. پەلسەپە ۋە ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتىدا مەۋقەنى جۇڭگوچە سوتىسىيالىزم ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە قارىتىپ، ئۆزگىچە، مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىلغان نەزەرىيىۋى قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.

شىنجاڭ سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ياش ناخشىچىسى جيا چيەنچيەن مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ سۆزى ئىجادىيىتىمىزگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، مەن ھەر قېتىم ئاساسى قاتلامغا چۈشۈپ ئويۇن قويۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان بىر تۈركۈم ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشنى ئويلاۋاتىمەن، بۇنداق بولغاندا ھەم ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتالايمىز ھەم ئەسەر ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئىچكى قوۋۇەتنى يەنىمۇ قوزغىتالايمىز. مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ ئەزاسى، نىڭشىيا ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى جەمئىيەتشۇناسلىق، قانۇنشۇناشلىق تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى لى باۋپىڭ مۇنداق دېدى: كېلەر قەدەمدە بىزنىڭ خىزمىتىمىز ئاساسى قاتلامدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بولىدۇ، بىر قىسىم ئەمەلىي ئەھۋاللارنى ئېنىقلاپ، پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتكە بىر قىسىم قىممىتى بار سىياسەت خاراكتېرلىك تەتقىقاتنى سۇنۇپ، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرىنىڭ جەمئىيەتتە ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. 70 يىل جاسارەت بىلەن كۆرەش قىلىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. مەيلى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخىدا بولسۇن ۋەياكى دۇنيا تارىخىدا بولسۇن، بۇ يەر جاھاننى زېلزىلىگە سالىدىغان كۆرەش داستانى. كۆپچىلىكنىڭ 70 يىلدىن بۇيان پارتىيە ۋە خەلقنىڭ كۆرەش ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇر ئەكىس ئەتتۈرۈپ، يېڭى جۇڭگونىڭ 70 يىللىق تارىخى خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشىدىكى ئىچكى لوگىكىنى چوڭقۇر شەرھىيلەپ، تارىخى خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنىڭ ئارقىسدىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، نەزەرىيىسى، تۈزۈمى، مەدەنىيەت ئۈستۈنلۈكىنى ئېنىق سۆزلەپ، جۇڭگو نەزەرىيەسى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشۈندۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىگە قۇدرەتلىك روھى رىغبەت ئادا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جۇڭگو كومپارتىيەسى ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ پروفېىسسورى جاڭ بىياۋ مۇنداق دېدى: نەزەرىيە خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن زېممەمگە يۈكلەنگەن ئېغىر ۋەزىپىنىڭ شەرەپلىك ھەم جاپالىق ئېكەنلىگىنى ھېس قىلدىم. بىز ئۆز ساپايىمىز ۋە ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرسەك، نەزەرىيە ئىشەنچىمىزنى چىڭتساقلا، سىياسى جەھەتتە مۇستەھكەم، ھەرىكەت جەھەتتە ئاڭلىقلىقنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئۇلانمۇچىرنىڭ ئۇسۇل ئارتىسى خاستانا ئۇلانمۇچىر ئۇسۇل ئەزالىرى بىلەن ئىجادىيەتكە ئاتلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: تىرىشىپ ئۇزاققىچە ھاياتى كۈچىنى يۇقاتمايدىغان نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ غەمخۇرلىقىغا جاۋاب قايتۇرىمىز. بىز ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك يېقىن مۇناسىۋىتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان «جۇرىخىغا مۇھەببەت» ناملىق ناخشا-ئۇسۇللۇق تىياتىرنى ئىجاد قىلىمىز. بىز ئاساسى قاتلامغا چۈشۈپ، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بۇ ناخشا-ئۇسۇللۇق تىياتىرنى ئاممىغا سۇنىمىز.

111111111111.jpg
1111111111111111.jpg