لى كېچياڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى
0
2019-03-16 13:48:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

لى كېچياڭ جۇڭگو ئىقتىسادى ھەققىدە مۇنداق دېدى: بۇلتۇر، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىنىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئىلگىرى سۈرۈلدى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ %6.6 لىك ئېشىش سۈرئىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ھەقىقەتەن ئاسان قولغا كەلمىدى. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئاستىلىشى، جۇڭگو ئىقتىسادى دۇچ كەلگەن يېڭى تۆۋەنلەش بېسىمىدا، بىز بۇ يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى نىشانىنى %6 تىن %6.5 ئەتراپىغا مۇۋاپىق چۈشۈرۈپ، دائىرىلىك تەڭشەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئالدىنقى يىلدىكىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىلەن ئۆز ئارا تۇتاشتۇردۇق. بۇ يۇقىرى ئاساسىي سان، چوڭ ئومۇمىي مىقدارلىق ئېشىشنىڭ ئۆزىنى ئىلگىرىلەش دېيىشكە بولىدۇ. بۇ يىل قانداق يېڭى ئەھۋال يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، بىز سىياسەت بوشلۇقىنى قالدۇرۇپ، مەۋقەنى ھازىرغا قارىتىپ، يىراقنى كۆزلەپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ئارقىلىق تۆۋەنلەش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەت ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشنى ئۆزگەرتمەي ساقلاپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنى باشتىن-ئاخىر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بىر مۇھىم تۇراقلاشتۇرغۇچىسىغا ئايلاندۇرىمىز.

لى كېچياڭ باجنى كېمەيتىش، ھەقنى ئازايتىش ھەققىدە مۇنداق دېدى: بۇ يىل كەڭ كۆلەملىك باجنى كېمەيتىش، ھەقنى ئازايتىش-يۈز مىليوندىن ئارتۇق بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا پايدا يەتكۈزۈپ، تۈرلۈك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك كارخانىلىرى، بولۇپمۇ ياسىمىچىلىق ۋە كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى ئومۇميۈزلۈك نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەت غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئادەتتىكى چىقىملارنى ئازايتىدۇ، مەركىزىي ھۆكۈمەت يەنە ئالاھىدە بەلگىلەنگەن دۆلەت پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى ۋە مەركەز كارخانىلىرىدىن يۇقىرىغا تاپشۇرىدىغان پايدىنى كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلىپ، كۆپ يىل تىنىپ قالغان مالىيە مەبلىغىنى جانلاندۇرۇش ئارقىلىق مەبلەغ جۇغلايدۇ. بۇ كەلگۈسى ئۈچۈن ئاشۇرۇپ چىقىم قىلىش بولماستىن، كەلگۈسىنى يېتىشۈرگەنلىك بولۇپ، مالىيەنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىدۇ. بۇ سىياسەتنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، قۇرۇق تالون تاپشۇرۇشقا قەتئىي بولمايدۇ، بۇنىڭ ئۈنۈمىنى بازار سۇبيېكتى ئارقىلىق سىناپ كۆرۈش لازىم.

لى كېچياڭ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا نۇرغۇن نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى شۇنداقلا نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىقلارنى بېسىپ ئۆتتى، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن يەنىلا ئالدىغا قاراپ ماڭماقتا، ئورتاق مەنپەئەت باشتىن-ئاخىر ئىختىلاپتىن چوڭ. جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىقىنى ساقلاش-ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. بىز ئىككى دۆلەت ئىقتىساد-سودا كېڭىشىشىنىڭ نەتىجىلىك بولۇپ، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ، تەڭ ئۇتۇق قازىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بۇ يەنە دۇنيانىڭمۇ ئۈمىدى. بىز ئىككى تەرەپنىڭ يېتەرلىك پاراسەت، ھەمكارلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى تىزگىنلەپ، زىددىيەتلەرنى پەسەيتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

لى كېچياڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە مۇنداق دېدى: بۇ يىل بىز تۇنجى قېتىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىغا قويۇش سىياسىتى ۋە مالىيە، پۇل سىياسىتىنى ماكرولۇق سىياسەت قاتارىغا قويدۇق، شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن 11 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا 13 مىليون ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىمىز.

لى كېچياڭ داۋالىنىش قىممەت، قىيىن بولۇش ھەققىدە مۇنداق دېدى: ئېغىر كېسەللىك-خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن نۇقتا. بۇ يىل بىرىنچىدىن يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابېت قاتارلىق سوزۇلما كېسەللىكلەرگە ئامبۇلاتورىيەدە ئىشلىتىلگەن دورىلار داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئاتچوت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، %50 ئاتچوت قىلىنىدۇ، بۇ ئارقىلىق 400 مىليون بىمارغا نەپ يەتكۈزۈلىدۇ. 2-ئېغىر كېسەللىك سۇغۇرتىسىنى تۆلەش چېكى تۆۋەنلىتىلىپ، ئېغىر كېسەللىك سۇغۇرتىسىنى ئاتچوت قىلىش ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلىدۇ. ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەت بىرلىكتە تېرىشىپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى بۇ قىيىن نۇقتىنى ھەل قىلىدۇ.

لى كېچياڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ھەققىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىلىدۇ، جۇڭگو ۋەدە قىلغان ئىشىنى ھەقىقىي نەقلەشتۈرىدۇ. بىز ئىجازەتتىن بۇرۇنقى پۇقراۋى مۇئامىلە قوشۇلغان پاسسىپ تىزىملىك قوشۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى بارلىق كارخانىلارغا ئوخشاش كۆزدە قارايمىز. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى قىلىش دېلولىرىنىڭ بىرىنى بايقىساق، بىرىنى تەكشۈرىمىز.

بۇندىن باشقا، لى كېچياڭ يەنە ئىسلاھات، خەلق تۇرمۇشى، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىساد، ھەمبەھىر ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشى، ئىستېمال ھەم جۇڭگو-رۇسىيە، جۇڭگو-ياۋروپا، ئەتراپ مۇناسىۋىتى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

111111111111.jpg
1111111111111111.jpg
222222.jpg
1124217133_1552228389892_title0h.jpg