باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزا ئىگىلىك چوڭ ئۆلكىسى خېنەنگە ئېنىق تەلەپ قويدى
0
2019-03-10 14:44:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسى-دۆلەت پىلانى، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك مەسىلە، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش-پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى خېنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئېنىق تەلەپ قويدى.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم خېنەنگە بېرىپ خىزمەت تەكشۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى خىزمەت تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ خېنەننىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە نېمە ئۈچۈن شۇنچە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ؟ قانداق مۇھىم يوليورۇقلارنى بەرگەن؟

ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان خېنەن-ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك چوڭ ئۆلكىسى. 2018-يىلى، خېنەننىڭ ئاشلىق مەھسۇلاتى 66 مىليون 490 مىڭ توننا بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتىنىڭ ئوندىن بىرىنى ئىگىلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە، بۇغداي مەھسۇلاتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تۆتتىن بىرىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى. خېنەن يەنە نوپۇس چوڭ ئۆلكىسى، خېنەندە 50 مىليونغا يېقىن نوپۇس يېزىلاردا ياشايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 8-كۈنى خېنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش-خېنەنگە نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، مېنىڭ خېنەنگە قويغان بىرىنچى تەلىپىم-ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى مۇقىم ئۈستىگە ئېلىش دەپ كۆرسەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: خېنەن يېزا ئىگىلىك چوڭ ئۆلكىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېزا ئىگىلىك، بولۇپمۇ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى پۈتۈن مەملىكەتكە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىن ئىبارەت بۇ ئەۋزەللىكنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش يادرولۇق رايونى قۇرۇشنى نىشانلاپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش يېرىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئاشلىقنى تېخنىكىلىق ساقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇقىم ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا يېڭى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى، يېڭى نەتىجە يارىتىشى كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ خېنەننىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە ئەزەلدىن ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014-يىلى 3-ئايدا، خېنەن ئۆلكىسى لەنكاۋ ناھىيەسىگە بېرىپ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلدى. شى جىنپىڭ لەنكاۋ ناھىيەسى دۇڭباتۇ يېزىسى جاڭجۇاڭ كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، ئائىلە ئەزالىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. شى جىنپىڭ سىلەر بىر يىلدا قانچىلىك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىسىلەر، يېزا ئىگىلىك تولۇقلىمىسى ۋە تۆۋەن كاپالەت، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىق سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولدۇڭلارمۇ-يوق، يېڭى يېزا قۇرۇشقا قانداق تەلەپلىرىڭلار بار دەپ سورىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە شۇ جايدىكى كادىرلارغا يېزىلاردىكى ھەر بىر ئائىلە، بولۇپمۇ نامرات ئائىلىلەرگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشنى تاپىلىدى.

ئارىدىن بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ 2014-يىلى 5-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم خېنەنگە بېرىپ خىزمەت تەكشۈردى. كەيفېڭ شەھىرى ۋېيشى ناھىيەسى جاڭشى بازىرىدىكى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئاشلىق ئېتىزى ئۇنىۋېرسال تەرەققىيات ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېتىزغا كىرىپ، بۇغدايلارنىڭ دان تۇتۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي تەكشۈردى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىدىن مەھسۇلاتنى مۆلچەرلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، دېھقانلاردىن ئېتىز-ئېرىق پەرۋىشىنى سۈرۈشتۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مو بېشى باشاق سانى، دان تۇتۇش سانى، مىڭ دانە دان ئېغىرلىقى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ بەك خۇشال بولدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: زىرائەتلەرنىڭ مۇشۇنداق ياخشى ئۆسكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ، مەن كەنتتىكىلەرگە ئوخشاشلا بەك خۇرسەن بولدۇم، بۇ يىل ئاق موما يېيەلەيدىكەنمىز. شى جىنپىڭنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ھەممەيلەن كۈلۈشۈپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەمدى غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، بۇ بۆلەكنى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك. خېنەن پۈتۈن مەملىكەتتە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، خېنەننىڭ ئاشلىق، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشىنى چىڭ تۇتقاندا، بۇ يىل ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ياخشى ئاساس سالغىلى بولىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى خىزمەت تەكشۈرۈشتە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاشلىق بىخەتەرلىكى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى-بارلىق خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم ئاساسى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ۋە ھۆكۈمەتلەر بۇنى چوقۇم چىڭ تۇتۇشى، يەنىمۇ چىڭ تۇتۇشى كېرەك. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئاساسى تېرىلغۇ يەرلەردە، جان تومۇرى سۇچىلىقتا، چىقىش يولى پەن-تېخنىكىدا، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى سىياسەتتە، بۇ مۇھىم ھالقىلارنى بىرمۇ-بىر چىڭ تۇتۇپ ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئاساستا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا يېڭى بۆسۈشنى تېرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. ئائىلە ئىگىلىكى بىلەن كۆلەملىك ئىگىلىكنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يەر ئوبوروتىنى پائال، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى تېزلىتىش كېرەك.

2017-يىلى 10-ئايدا، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ زور تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىسى چىقىرىلدى. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى-يېڭى دەۋردىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ باش تۇتقىسىغا ئايلاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 8-كۈنى خېنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش-كەسىپ، ئىختىساسلىقلار، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە، تەشكىلاتنى گۈللەندۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش دەپ كۆرسەتتى ھەم يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ باش نىشانى، باش فاڭجېنى، ئومۇمىي تەلىپى ۋە تۈزۈم كاپالىتىنى يەنە بىر قېتىم ئايدىڭلاشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ باش نىشانى-يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، باش فاڭجېنى-يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئومۇمىي تەلىپى-كەسىپنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەنى تۇرۇشقا باب قىلىش، يېزا ئىستىلىنى مەدەنىي قىلىش، ئۈنۈملۈك تەرتىپكە سېلىش، تۇرمۇشنى باياشات قىلىش، تۈزۈم-كاپالىتى-شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىيات تۈزۈلمە مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش.

باش شۇجى شى جىنپىڭ خېنەن ئۆلكىسىگە ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى مۇقىم ئۈستىگە ئېلىشتىن سىرت، يەنە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش جەھەتتىكى مۇنداق باشقا تەلەپلەرنىمۇ قويدى: يېزا ئىگىلىكنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇش، يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرىدىن ئىبارەت بۇ يېتەرسىزلىكنى تولۇقلاش، يېزا-كەنتلەرنى تەرتىپكە سېلىشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسنى پۇختىلاش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭگۈشتەردىن ياخشى پايدىلىنىش.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، خېنەن ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك، يېزا نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى سۇڭ خۇجېن مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى-خېنەننىڭ كېيىنكى قەدەمدە يېزا ئىگىلىكتە كۈچلۈك ئۆلكە قۇرۇش تەپەككۇرىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ دەللەشتۈرۈپ بەردى. باش شۇجىنىڭ خېنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىشى-باش شۇجىنىڭ بىزنىڭ خېنەنگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ، بۇ-خېنەن خەلقىگە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇق. كېيىنكى قەدەمدە، بىز باش شۇجىنىڭ سۆزىنىڭ روھىنى ناھايىتى ياخشى ئۆگىنىپ، ناھايىتى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، كەسىپ تەرەققىياتى، يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى ۋە يېزا ئىسلاھاتىنى چىڭ تۇتۇپ، خېنەننىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى پۇختا، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولىمىز.

0.jpg
640.webp-(14).jpg
640.webp-(7).jpg
640.webp-(4).jpg