13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى
0
2019-03-05 18:45:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. 3000گە يېقىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى زېممىسىگە ئېلىپ يىغىنغا قاتنىشىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇندا بېرىلگەن مۇقەددەس بۇرچىنى ئەستايدىل ئادا قىلدى.

يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسىلىرى، ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆ يۆ، جى بىڭشۇەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيماچىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، ياڭ جېنۋۇلار رەئىس سەھنىسىدىكى ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدا ئولتۇردى.

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2- يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2975 بولۇپ، 3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىنغا 2948 ۋەكىل قاتناشتى، 27 ۋەكىل قاتنىشالمىدى، يىغىنغا قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، لى جەنشۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى. يىغىن مەيدانىدا ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى.

يىغىن قارالمىسىغا ئاساسەن، لى كېچياڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىندا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. دوكلات ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن: بىرىنچى، 2018-يىللىق خىزمەتلەرگە نەزەر؛ ئىككىنچى، 2019-يىللىق ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەەققىياتنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسەت يۆنىلىشى؛ ئۈچىنچى، 2019-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى ۋەزىپىلەر.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا دۆلىتىمىز تەرەققىياتى كۆپ يىللاردىن بېرى كەم كۆرۈلگەن مۇرەككەپ، كەسكىن ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى، ئىقتىسادتا يېڭىدىن تۆۋەنلەپ كېتىش بېسىمى كۆرۈلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشان ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە يەنە يېڭى زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدۇق.

لى كېچياڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلەرنى سەككىز جەھەتتىن ئەسلەپ ئۆتتى: ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشتە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى يۈرۈشۈشىنى ساقلاپ قالدۇق؛ ئۈچ چوڭ جەڭنى پۇختا ئېلىپ بېرىپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەردە ئىجابىي ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدۇق؛ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتتۇق؛ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈردۇق؛ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى داۋاملىق كۈچەيتتۇق؛ شەھەر-يېزا رايون تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇش ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈردۇق؛ تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل بەھرىلەندۈردۇق؛ قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى ۋە ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلىدۇق.

لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەۋپ-خەتەرنى ئويلاپ تۇرغاندا خاتىرجەم ياشىغىلى بولىدۇ. نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلىتىمىز تەرەققىياتى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە ۋە خىرسلارنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەك. بىز چوقۇم مەسىلە ۋە خىرسلارغا بىۋاستە يۈزلىنىپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ۋەزىپىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، خىزمەتنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى ئىشلىشىمىز، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ھەرگىز يەردە قويماسلىقىمىز كېرەك.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: 2019-يىلى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى: ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %6.5-%6كىچە ئاشۇرۇش؛ شەھەر بازارلاردا 11 مىليوندىن كۆپرەك ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەر-بازارلاردىكى تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %5.5 ئەتراپىدا، شەھەر-بازارلاردىكى تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %4.5 ئىچىدە تېزگىنلەش؛ ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى %3 ئۆپچۆرىسىدە بولۇش؛ خەلقئارا كىرىم-چىقىمنى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ئىمپورت-ئېكسپورتنىڭ سۈپىتىنى مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆستۈرۈش؛ ماكرو پىشاڭ نىسبىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن تۇراقلاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلە، مالىيە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش؛ يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنى 10 مىليوندىن كۆپرەك ئازايتىش، ئاھالە كىرىمىنى ئاساسەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن ماس قەدەمدە ئاشۇرۇش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %3 ئەتراپىدا تۆۋەنلىتىش، ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش مىقدارىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىش.

لى كېچياڭ خىزمەت دوكلاتىدا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: 2019-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قانچە مۇناسىۋەتنى ئوبدان ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك: بىرىنچى، دۆلىتىمىز ئىشلىرى بىلەن خەلقئارا ئىشلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى زېھنى-كۈچىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك؛ ئىككىنچى ، مۇقىم ئاشۇرۇش بىلەن خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك؛ ئۈچىنچى ، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش ئارقىلىق، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشىمىز كېرەك.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: 2019-يىلى مۇھىم نۇقتىلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇھىم ھالقىلارنى ئىگىلەپ، ئون تۈرلۈك خىزمەتنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك: بىرىنچى، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشتە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنى مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز؛ ئىككىنچى، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، سودا مۇھىتىنى كۈچەپ ياخشىلايمىز؛ ئۈچىنچى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى قۇۋۋەتنى يېتىلدۈرىمىز ۋە زورايتىمىز؛ تۆتىنچى، كۈچلۈك ئىچكى بازىرىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل قوزغىتىمىز؛ بەشىنچى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋەزىپىسىنى نىشانلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىمىز؛ ئالتىنچى، رايونلار ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرىمىز؛ يەتتىنچى، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تۈزەشنى ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېشىل تەرەققىياتقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىمىز؛ سەككىزىنچى، نوقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار مېخانىزمىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرىمىز؛ توققۇزىنچى، ئىشىكنى سىرتقا ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە رىقابەت يېڭى ئۈستۈنلۈكىنى يېتىلدۈرىمىز؛ ئونىنچى، ئىجتىمائىي ئىشلارنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرىمىز ۋە ياخشىلايمىز.
لى كېچياڭ يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مىللەت، دىن ۋە چياۋمىن خىزمىتى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى، ھەم ئېلىمىزنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى شەرھلىدى.

يىغىن قارالمىسىغا ئاساسەن، يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ 2018ـ يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى، 2019-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات ھەم 2019-يىللىق پىلان لايىھەسى، 2018-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2019-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات، ھەم 2019-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خامچوت لايىھەسى قاراپ چىقىپ تەكشۈرۈلىدۇ.

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى، ھەر قايسى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى ياكى يىغىننى سىرتتىن ئاڭلىدى.
چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى يىغىننى سىرتتىن ئاڭلىدى.

تەرجىمان: ئىلنۇرە رەھىمبەگ، گۈزەلنۇر روزى

W020190305365261046849.jpg