سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنى ئېچىلدى
0
2019-03-04 09:47:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملىنىپ، يېڭى دەۋرنىڭ گۈزەل سەھىپىسى ئېچىلدى، دۆلەت ئىشلىرى ئورتاق كېڭىشىلىپ، گۈللىنىش پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. بۇندىن كېيىنكى ئون كۈندە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، زېھنىي كۈچىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، بۇرچىنى دادىل ئۈستىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېڭى، تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشىدۇ.

3-ئايدا بېيجىڭ باھار مەنزىرىسىگە چۆمگەن ئىدى. خەلق سارىيىنىڭ چوڭ زالىدا چىراغلار چاقناپ، يىغىن مەيدانى داغدۇغىلىق، قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەن ئىدى. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى گىربى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېسىلغان، ئوتقاشتەك جۇلالىنىپ تۇرغان ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە ئېسىلغان ئىدى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، پابالا گېلىلاڭجى، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، خې خۇخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، مابياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۈەنتاڭ، لى بىن، باتۇر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇخۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 2157 ئىدى، ئەمەلىيەتتە 2133 ئادەم قاتنىشىپ، بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن كەلدى.

چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە، جاڭ چىڭلى يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى.

يىغىندا ئالدى بىلەن سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ قارالمىسى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

ۋاڭ ياڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىندا خىزمەت دوكلاتى بەردى.

ۋاڭ ياڭ ئۆتكەن بىر يىلدىكى خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئۈچ نۇقتىلىق خىزمەت ۋە يەتتە جەھەتتىن يەكۈنلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 2018-يىلى-جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل شۇنداقلا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ باشلانغان يىلى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا، ۋارىسلىق قىلىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئورگانلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەكلىپ بېرىش، مەسلىھەت كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشكە تەڭ كۈچ چىقىرىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىگە بولغان تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەشتىن كەلگەن سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ يېڭى قىياپىتى، يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلدى.

ۋاڭ ياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2019-يىلى-جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، خەلق سىياسىي كېڭىشىمۇ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى-شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۆت ئاڭنى كۈچەيتىپ، تۆت ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىككىنى قوغداپ، بۇرچ ۋەزىپىلەرنى بېكىتىپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش، تۆت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تەڭكەش تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنى ياخشى قىلىش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، تەكلىپ بېرىش، مەسلىھەت كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشكە تەڭ كۈچ چىقىرىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشتىن ئىبارەت.

ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشنىڭ باش پىروگراممىسى قىلىپ، ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئاساسىي ئوق قىلغان ھالدا ئورتاق ئىدىيە-سىياسىي ئاساسنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش؛ خەلق سىياسىي كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى، تېخىمۇ قېلىپلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئورگانلىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى يېڭى يۆنىلىش، يېڭى بۇرچ سۈپىتىدە، يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، نەزەرىيە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش؛ ئىدىيە-سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەشنى كۈچەيتىش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەشنى خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىش خىزمىتىنىڭ مەركىزىي ھالقىسى قىلىپ، ئىتتىپاقلىقنى قەدىرلەپ، ئىتتىپاقلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغاپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە گۈللىنىش ئۇلۇغۋار ئىشىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

سۇ خۇي سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، يىغىندا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ لايىھەسى خىزمىتىنىڭ ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى. سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىدىن بۇيان، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەر قايسى قاتناشقان ئورۇنلىرى ۋە مەخسۇس كومىتېتلىرى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركەزلىك ۋەزىپىلىرى، خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرى، بولۇپمۇ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، مۇھىم نۇقتىنى ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىغا قارىتىپ، 5360 يىغىن تەكلىپى، 211 ئادەتتىكى تەكلىپ تاپشۇردى. تەكلىپنىڭ سۈپىتىنى ۋە تەكلىپنى بىجىرىش سۈپىتىنى ئاشۇرۇش تەلىپى بويىچە، 4567 تەكلىپنى تۇرغۇزۇپ، بىجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان 165 ئورۇننىڭ بىجىرىشىگە تاپشۇردى. 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە، %99.2ى بىجىرىلىپ جاۋاب قايتۇرۇلدى. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تىرىشىشى بىلەن، تەكلىپنىڭ نەتىجىسى ئۈنۈملۈك قوللىنىلىپ، ھەل قىلغۇچ قارار چىقىرىشقا مۇلازىمەت قىلىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ چېن، ليۇ خې، شۈ چىلياڭ، سۈن چۈنلەن، لى شى، لى چياڭ، لى خۇڭجۇڭ، ياڭ جېچى، ياڭ شاۋدۇ، جاڭ يۇشيا، چېن شى، چېن چۈەنگو، چېن مىڭئېر، خۇ چۈنخۇا، گو شىڭكۇن، خۇاڭ كۇنمىڭ، سەي چى، يۇ چۈەن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيماچىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافىڭ، ۋۇ ۋىيخۇا، ۋىي فىڭخې، ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى، شاۋ جې، جاۋ كېجى، جۇ چياڭ، جاڭ جۈن قاتارلىقلار رەھبىرىي يولداشلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى تەكلىپكە بىنائەن ئېچىلىش يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشتى. ھەر قايسى ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، ئاخبارات ئەمەلدارلىرى ۋە چەتئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار تەكلىپكە بىنائەن ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا، كۈنتېكىن ئىمام

代表通道(1).jpg