ئىچكى موڭغۇل، شىنجاڭ باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈردى
0
2019-03-03 18:29:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

ئىچكى موڭغۇل، شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى قەدەم تاشلىدى

2018-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، مۇھىم نۇقتىنى كەسپ قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا قارىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى ھەقىقى كۈچەيتىشى، سەرخىللاشتۇرۇشى كېرەك. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى زامانىۋىي ئېنېرگىيە ئىقتىسادىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، يېڭى كونا قۇۋۋەتنىڭ ئالمىشىشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى قەدەم تاشلىدى.

چاغان مەزگىلىدە باۋتۇ پولات-تۆمۈر گۇرۇھى سىيرەك يەر پولات تاختا ماتېرىياللىرى شىركىتىنىڭ قىزدۇرۇپ پىروكاتلاش سېخىدا ئىشچىلار ئېكىسپورت قىلىنىدىغان سىيرەك يەر پولات تاختا ماتېرىيالىنى ئىسمېنا قوشۇپ جىددىي ئىشلەپچىقىرىۋاتاتتى، تېخنىكا باشقۇرغۇچىسى جۇ شۆگاڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئارىلاپ يۈرۈپ، نەق مەيداندا ھەر بىر ئىش تەرتىپىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىپ، ئەمدىلا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئاپتوموبىللارغا ئىشلىتىلىدىغان سىيرەك يەر پولات تاختا ماتېرىيالىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش ئۆلچىمىگە يېتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

2018-يىلى باۋتۇ پولات تۆمۈر گۇرۇھىنىڭ سىيرەك يەر پولىتى قاتارلىق پولات ماتېرىياللار 62 دۆلەتكە ئېكىسپورت قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە «بىر بەلباغ بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلار 46گە يېتىدىغان بولۇپ، جەمئىي 1 مىليون 660 مىڭ توننا سېتىلدى. باۋتۇدا سىيرەك يەرگە مۇناسىۋەتلىك 134 كارخانا ئىچىدە سىيرەك يەر يېڭى ماتېرىيالى، تېرمىنال قوللىنىدىغان كارخانا 85گە يېتىدۇ، باۋتۇ شەھىرى ئىقتىسادى ئۇچۇر كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خادىمى كۇاڭ سىچۈەن: سىيرەك يەر ماتېرىيال كەسپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنىڭ سۈپىتى ئاشتى، دېدى.

باۋتۇنىڭ سىيرەك يەر پولات ماتېرىياللىرى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئۆزگىرىش ئىچكى موڭغۇل ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنىڭ بىر كارتىنىسى. 2018-يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا: ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم نۇقتىنى كەسپ قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا قارىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى ھەقىقىي كۈچەيتىش، سەرخىللاشتۇرۇش كېرەك. مەۋقەنى ئۈستۈنلۈككە، يوشۇرۇن كۈچنى قېزىشقا، ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلەرنى تولۇقلاشقا قارىتىپ، ئەنئەنىۋىي كەسپلەر كۆپ، گۈللەنمە كەسپلەر ئاز بولۇش، تۆۋەن سەۋىيەلىك كەسپلەر كۆپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك كەسپلەر ئاز بولۇش، بايلىق تىپىدىكى كەسپلەر كۆپ، يۇقىرى قوشۇلما قىممەتلىك كەسپلەر ئاز بولۇش، ئەمگەك كۈچى زىچ كەسپلەر كۆپ، كاپىتال پەن-تېخنىكىسى زىچ كەسپلەر ئاز بولۇش ئەھۋالىنى تىرىشىپ ئۆزگەرتىپ، كۆپ مەنبەلىك تەرەققىي قىلىدىغان، كۆپ قۇتۇپلار تىرەك بولىدىغان زامانىۋىي كەسپ يېڭى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئۈستۈنلۈكلىرى گەۋدىلىك، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈرۈتكە قىلغان، رايونلار تەڭكەش تەرەققىي قىلغان، شەھەر يېزىلار بىرگەۋدىلەشكەن تەرەققىيات يېڭى قېلىپىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن زامانىۋىي ئېنېرگيە ئىقتىسادىنى ياخشى ئېلىپ بېرىشقا كۈچىدى. 2019-يىلى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە ئىچكى موڭغۇل كۆمۈر، سىيرەك يەرنى باشقا مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇش نىسبىتىنى ئايرىم-ئايرىم %38.4 ۋە %80.6گە يەتكۈزدى، كۆمۈر بايلىقىدىكى يېڭى كونا قۇۋۋەتنى ئالماشتۇرۇش قەدىمى مۇقىم بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇلۇتچوت بۈيۈك مەلۇماتى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگيەلىك گۈللەنمە كەسپ تۈرى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى 12 ئايماق شەھەرگە تارىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى ئىزچىل ئاشتى، يېڭى قۇۋۋەت بەرپا قىلىنىپ، ئىچكى موڭغۇل ئىقتىسادىنىڭ تېپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ قوشتى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات، ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى گوڭ مىڭجۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تىپنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئىچكى موڭغۇل كۆمۈر ئېلېكتىرى، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ۋە يېڭى ئېنېرگيە، يېڭى ماتېرىيال، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۈسكۈنە ياسىمىچىلىقى قاتارلىقلار مۇھىم نۇقتا قىلىنغان، بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان سانائەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى، كۆمۈردىن ماي، گاز ئىشلەپچىقىرىش، كۆمۈردىن ئالكىن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە مەھسۇلات مىقدارى شۇنداقلا سىرتقا توك يەتكۈزۈش مىقدارى مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى، داۋاملىق يېڭىچە سانائەتلىشىشنىڭ ئاكتىپ ئېنېرگىيەسى قوشۇلدى.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئېكولوگيەلىك مۇھىتىنى ياخشى قوغداش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېكولوگيەلىك مۇھىتىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي چېگرىسىدا ئون مىڭ چاقىرىملىق بوستانلىق سېپىلى بەرپا قىلىش كېرەك.

ئۆتكەن بىر يىلدا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش زور قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %22.1گە يەتكۈزدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئورمانلىق، يايلاقلارنى بۇزۇپ تېرىلغۇ قىلىش، تەبىئىي قوغدىلىدىغان رايونلار ئىچىدە قانۇن بەلگىلىمىگە خىلاپ قۇرۇلۇش قىلىش، يايلاق ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۆزى بىلگەنچە قالايمىقان قۇرۇلۇش قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مەركەزلىك تۈزىدى. 2018-يىلى 8-ئايدا ئورمانلىق ئېكولوگيە قۇرۇلۇش يۇرتىنىڭ مۇتەخەسسسلەر خىزمەت پونكىتى ئىچكى موڭغۇل يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىدە ۋىۋېسكا ئېسىپ قۇرۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ كۆچەت يېڭى سورتلىرىنى يېتىلدۈرۈشنى تېخنىكا جەھەتتىن قوللاپلا قالماي يەنە ئىچكى موڭغۇلنىڭ يېشىللىق ئەقىل پاراسىتىدىن ئۈچ شىمال رايونى ۋە تېخىمۇ كۆپ رايونلاردىكى قاقاس تاغلارنى تۈزەش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرلۇشىغا نەپ يەتكۈزدى.

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى جۇڭگو موڭغۇلىيە رۇسىيە ھەمكارلىق تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ليۇ شىڭبو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تاغ، سۇ، ئورمانلىق، ئېتىز ئېرىق، كۆل، يايلاق، قۇملۇقلارنى تىزگىنلەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بيېجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ قۇملۇق بوران مەنبىيىنى تىزگىنلەش، ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمانلىقى، تەبئىي ئورمانلىق بايلىقى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىنىڭ ئاخىرىدا ئورمانلىقنىڭ قاپىلىنىش نىسبىتىنى %23گە، ئوتلاق، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قاپلىنىش نىسىبىتىنى %45گە يەتكۈزۈشكە تىرىشىمىز.

2017-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن ئىدى: جەمئىيەت ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك. ئىككى يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتنى كۆزلەپ، ھەممە بىر نىيەتتە گۈزەل چېگرا رايون قۇرۇشقا ئاتلاندى.

قىش كېچىسىدىكى ئۈرۈمچىنى قىروۋ قاپلىغان ئىدى، خەلقئارا چوڭ بازارنىڭ پىيادىلەر كوچىسىدا چىراغلار چاقناپ تۇرغان بولۇپ، كىشىلەر ئۇياق-بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. سودىگەر پەرىدەم ئەلى: ھازىر سودىنىڭ كاسات پەسلى، ئەگەر ياز پەسلى بولغان بولسا سودا قىزىپ كەتكەن بولاتتى، دېدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مۇقىملىقنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسپلەرنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سانائەتتىكى «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى چەكلەپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك، كۆلنى قۇرۇتۇپ بېلىق تۇتىدىغان ئىشنى قىلماي، چوقۇم تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

جەمئىيەت مۇقىملىقىنىڭ داۋاملىق ياخشىلىنىشى شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تېز ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى، پۇقرالارنىڭ چۆنتىكى تومپايدى. 2018-يىلى، ئاپتونوم رايون بويىچە كۈتۈۋېلىنغان مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچى 150 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، %40 ئاشتى. بۇ يىل چاغاندا، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ كۈتۈۋالغان ساياھەتچى ۋە ساياھەت كىرىمى ئايرىم-ئايرىم %70 ئاشتى.

شىنجاڭ پارتىيە مەكتىپى پەلسەپە ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ دوتسېنتى لى دەن مۇنداق دەپ قارىدى: ساياھەتچىلىكنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى - ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرغانلىقى، جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى دادىل ئۈستىگە ئالغانلىقىدىن بولدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسى خاتىرجەم بولالمايۋاتقان مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلارنى دەل يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل قۇتۇلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاساسلىق جەڭگاھ قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئەمىن ئۆي ۋە كۆچمەن چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، شەھەر-بازارلارنىڭ كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە چېگرا رايونلارنىڭ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىسىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

يېقىنقى يىللادىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇردى. ھەر يىلى 70 مىڭ كادىر كەنت، گۇرۇپپا، مەھەللىلەرگە بېرىپ، ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدى، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.

نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتىن ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكىچە، ماھارەت جەھەتتە ھەقسىز تەربىيەلەشتىن ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقىچە، شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلاندى، تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىدى. قەشقەرلىك دېھقان زۇلخۇمار مۇنداق دېدى: ئىلگىرى مەن دېھقان ئىدىم، ھازىر ئىشچىغا ئايلاندىم. تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ بىزگە ئوخشاش ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئۆز بەختىنى تېپىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بۇلتۇر، شىنجاڭنىڭ مالىيە چىقىمىنىڭ 70 پىرسەنتى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىلدى، %90 نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا سەرپ قىلىندى. ئاپتونوم رايون بويىچە 486 مىڭ نامرات نوپۇس نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 513 نامرات كەنت نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى، نامراتلىق يۈز بېرىش نىسبىتى %5كە تۆۋەنلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدە قالدۇرغان سەمىمىي تاپشۇرۇقنى كۆپچىلىك ئەستە چىڭ ساقلىدى، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈردى. ئىككى يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى، شىنجاڭ بويىچە 1 مىليون 120 مىڭ كادىر ئىشچى، خىزمەتچى 1 مىليون 690 مىڭ ئاساسىي قاتلام ئاممىسى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى، بىر يىلدا ئالتە قېتىم، بىر قېتىم يەتتە كۈن زىيارەت قىلدى، ياتاق، تاماق، ئەمگەك، ئۆگىنىش، كۆڭۈل ئېچىشتا بىللە بولۇپ، ئالاقە جەريانىدا سىڭىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇ يىل 1-ئايغىچە، شىنجاڭدىكى كادىرلار، ئىشچى–خىزمەتچىلەر قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش ھەپتىلىكى پائالىيىتىدە، جەمئىي 40 مىليون ماددىي بۇيۇم، 640 مىليون يۈەن پۇل ئىئانە قىلدى، داۋالىنىش، ئوقۇشقا كىرىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەرنى چۆرىدەپ ئاساسىي قاتلام ئاممىسى ئۈچۈن 12 مىليون تۈرلۈك ئەمەلىي ياخشى ئىش قىلىپ بەردى. شىنجاڭ پارتىيە مەكتىپى پەلسەپە تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ دوتسېنتى لى دەن مۇنداق دېدى: بىر قاتار جانلىق ئەمەلىيەت ئارقىلىق، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇشى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنىڭ ئاممىۋى ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، ھەر مىللەت خەلقى قەلبداش بولدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى چوقۇم تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلغۇسى.

代表通道(1).jpg