مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» ھارپىسىدا جۇڭگو ئىشەنچىسىگە نەزەر
0
2019-03-02 17:38:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئىمىنجان ئىسمايىل

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۇنيانىڭ نەزىرى پات ئارىدا ئېچىلىدىغان «مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن»غا يەنە بىر قېتىم مەركەزلەشتى. بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، تۇنجى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھالقىلىق يىل. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى، يېڭى بۇرچ. باھاردىكى بۇ كاتتا مەرىكىگە مىليونلىغان خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئورتاق تونۇشى مۇجەسسەملىنىدۇ، تېخىمۇ قۇدرەتلىك ئىشەنچ ۋە كۈچ تارقىتىلىدۇ.

ئىشەنچ-جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە ياخشى بولىدىغان ئاساسىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىدىن كەلگەن. نۆۋەتتە، جۇڭگونىڭ ئومۇمىي ئىقتىساد مىقدارى 90 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى ئۇدا نەچچە يىل %30 تىن ئاشتى؛ جۇڭگونىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئۇدا ئالتە يىل 1 تىرىليون 200 مىليارد جىڭنىڭ يۇقۇرىسىدا مۇقىملاشتى، جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسى جۇڭگولۇقلارنىڭ قولىدا بولدى؛ شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئۇدا ئالتە يىل 13 مىليوندىن ئاشتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى مۇقىم، پۇختا بولدى.

ئىشەنچ-جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يوشۇرۇن ئىقتىدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن كەلگەن. جۇڭگونىڭ نوپۇسى 1 مىليارت 400 مىليونغا يېقىنلاشتى، ئوتتۇرا كىرىملىك ئاممىنىڭ كۆلىمى زورايدى، ئىستېمال ئېھتىياجىنىڭ دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى ھەمدە كۆپ مەنبەلەشتى. بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە پارچە سېتىش ۋە يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ سېتىش مىقدارى تەخمىنەن 1 تىرىليون 10 مىليارت يۈەنگە يەتتى، بانكا بىرلەشمىسىنىڭ تور سودا ئومۇمىي سوممىسى 1 تىرىليون 160 مىليارت يۈەنگە يەتتى، بۇ «ئىككى تىرىليون» كۈچلۈك ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى نامايەن قىلدى. بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار تەڭ ئىلگىرى سۈرۈلدى، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتى-ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسىنى قېزىش، يېڭى بوشلۇق ئېچىشنى تېزلەتتى.

ئىشەنچ-جۇڭگونىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش سالمىقى بوشلۇقىدىن كەلگەن. يىڭى دەۋردە، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يەنىلا «تېز ئىلگىرىلەش كۇنۇپكىسى» بېسىلدى: گوۋۇيۈەن دائىمىي ئىشلار يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: كارخانىلارغا چېتىلىدىغان قانۇن-نىزام، قائىدە ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى تۈزۈشتە ئالاقىدار كارخانىلار، كەسپىي جەمئىيەتلەر، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش شەرت؛ ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى، يېڭى نۇسخىدىكى بازار ئىجازىتى سەلبىي تىزىملىكى رەسمىي ئېلان قىلىندى، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ «چەكلىمىسىز كىرىشى» ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ ئۇنىڭدىن سەل بۇرۇن، جۇڭگو سودا تەشكىلاتىغا كىرىش ۋەدىسىدىكى تاموژنا بېجى ئومۇمىي سەۋىيىسىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ %7.5كە تۆۋەنلەتتى.

چاغانلىق دەم ئېلىش ئاخىرلىشىپلا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شاڭخەي توقۇمىچىلىق بېزەكچىلىك (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋاڭ ۋېي بەكلا ئالدىراش بولۇپ كەتتى. توقۇمىچىلىق ساھەسىدە 30 يىلغا يېقىن ھەپىلەشكەن ۋاڭ ۋېي بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپتىن ئىزدىنىپ، قانداق قىلىپ جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت بۇ ئېچىۋېتىش چوڭ سەھنىسىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، كارخانىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە يۈكسەلدۈرۈشنىڭ كويىغا چۈشۈپ كەتتى.

18 يىل بۇرۇن، جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىردى، توقۇمىچىلىق، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق ساھەلەر «بۆرە كەلدى» دېگەندەك بىر مەھەل ئەندىشى ئىچىدە قالغان ئىدى. ۋاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: ئېچىۋېتىش شارائىتىدا، جۇڭگونىڭ توقۇمىچىلىق كەسپى خىرىسقا يۈزلەندى، بوشاشماي كۈرەش قىلىش داۋامىدا، مۇكەممەل ياسىمىچىلىق سىستېمىسى بەرپا قىلىندى، كەسىپ زەنجىرىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدىكى ياسىمىچىلىق ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسى پەيدىنپەي دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتتى، خەلقئارا بازار رىقابىتىگە تېخىمۇ زور ئىشەنچ بىلەن قاتناشتى.

يىل بېشىدا، جۇڭگو بەش خىل مېتال گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يىللىق خىزمەت يىغىنى ئاچتى، ئالدىنقى يىللاردىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا بىر ئايدىن كۆپرەك ئالدىغا سۈرۈلدى. ئۆتكۈر بازار زاتلىرى بۇ ئۆزگىرىشكە ماسلاشتى.

«يىغىن نېمىشقا زور دەرىجىدە ئالدىغا سۈرۈلىدۇ؟»، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو بەش خىل مېتال گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى تاڭ فۇپىڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن مەقسەت-مۇرەككەپ، كەسكىن تىجارەت مۇھىتى ئاستىدا، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ۋاقتىدا سىستېمىلىق يەكۈنلەپ، ئىچكى-تاشقى مۇھىت ۋە ئۆز تەرەققىياتىنىڭ ياخشى ئەۋزەللىكىگە مەركەزلىك توغرا ھۆكۈم قىلىپ، ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش.

ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ مېتال قېزىلما بايلىق كارخانىسى بولغان جۇڭگو بەش خىل مېتال گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ 2018-يىلىدىكى ئىپادىسى ياخشى بولدى : تىجارەت كىرىمى 503 مىليارت 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.5 ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى تىجارەت نەتىجىسىنى ياراتتى.

ئىقتىساد يەرشارىلىشىۋاتقان دەۋردە، قەيەردە بازار بولسا، قەيەرنىڭ ئېچىۋېتىش كۆڭلى-كۆكسى تېخىمۇ كەڭ بولسا، كارخانىلار شۇ يەرگە ماكانلىشىدۇ. تۇنجى چەت ئەل مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان شېرىكسىز يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل شىركىتى شاڭخەيگە ماكانلاشتى، تۇنجى چەتئەل مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان پاي كونتىرول ئاكسىيە شىركىتى، تۇنجى چەتئەل مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان سۇغۇرتا پاي كونتىرول شىركىتى قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كەلدى. تارىخ جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ بىپايان دېڭىزنىڭ دەھشەتلىك دولقۇنغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى پۇرسەتتىن تەڭ بەھرىمان قىلىشقا تېخىمۇ يېتەرلىك كەڭ كۆڭلى-كۆكسىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلىدى ۋە بۇنىڭغا داۋاملىق گۇۋاھ بولىدۇ.

مۇھىت قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى شۇنچە ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىش، ئومۇملۇقنى ئىگىلەش، يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرۈش، قەدەمنى پۇختا ئېلىش، خەۋپ-خەتەرگە بەرداشلىق بېرىش كېرەك.

ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، جەزمەن كۈچلۈك ئىشەنچ بىلەن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملىنىدۇ، قەتئىي ئېتىقاد بىلەن يۈز يىللىق ئارزۇ مۇساپىسىغا يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ گۈللىنىشىنىڭ دەۋر داستانى يېزىلىدۇ.

 

b02.webp.jpg
1551004314432485.jpg