سىچۇەن ئۆلكىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈردى
0
2019-03-01 18:35:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :گۈزەلنۇر روزى

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

2017-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنى سىچۇەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: 2020-يىلغىچە ھازىرقى ئۆلچەمدە يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنى پۈتۈنلەي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى پۈتۈنلەي چۆرۈپ تاشلاش پارتىيىمىزنىڭ ۋەدىسى. نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كەينىگە سۈرۈلگەنسېرى شۇنچە قىيىن بولىدۇ، مەسئۇلىيەت شۇنچە كۈچىيىدۇ، سىياسەتنى دەل يولغا قويۇپ، خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ئەسىتايدىل ئىشلەش كېرەك. سىچۇەن ئۆلكىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشى سۈپىتىدە چىڭ تۇتتى، ئۆتكەن يىلىلا 1 مىليون 40 مىڭ نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزدى، نامراتلىشىش نىسبىتىمۇ %1.1كە تۆۋەنلىدى.

باش باھاردىكى دالياڭشەن يەنە سەل سوغۇق ئىدى. ھەممىلا يەردىلا ئېچىلاي دەپ قالغان سوما گۈلىنى كۆرگىلى بولاتتى. سچۇەننىڭ لىياشەن ئوبلاستى جاۋجۆ ناھىيەسى سەنچاخى يېزىسى سەنخى كەنتىدىكى يېڭى ئۆيلەردە چاپلانغىلى ئۇزۇن بولمىغان بېغىشلىمىنى كۆرگىلى بولاتتى. سەنخى كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى جاڭ لىڭ مۇنداق دېدى: سەنخى كەنتىدىكى 29 كەنت ئاھالىسى چاغاندىن ئىلگىرى يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، بۇ يىل كەنت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلىمىز. كىرىم جەھەتتىن ئېيتقاندا، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىمىزغا ئۇزۇن ۋاقىت قالمىدى. بەزى نامرات ئائىلىلەرنىڭ تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقى سەل ئاستا بولدى، شۇڭلاشقا ئۈنۈمى تېخى كۆرۈلمىدى. 2019-يىلى ھەممىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىمىز، يەنە كېلىپ يېڭى تەدبىرلەرنى قوللاندۇق. 2019-يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىمىزغا گەپ كەتمەيدۇ.

نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قىيىن مەسىلە، دالياڭشەن ئىلگىرى شۇ يەردىكىلەرگە سوزۇلۇپ كەتكەن تاغ ۋە نەچچە ئەۋلاد نامراتلىقتىن قۇتۇلالمايمىز دېگەن قاراشنى قالدۇرغان. دۆلەتنىڭ نامراتلارنى دەل يۆلىشى، ياردەم بېرىشى بىلەن بۇلغىنىش يوق بۇ زېمىن جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى تېرىيدىغان گۆھەر زېمىنغا ئايلاندى.

12-، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ياخشى دوختۇر تېببى دورا گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى گېڭ فۇنىڭ شىركەتنىڭ جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى بازىسىنى مۇشۇ يەردە قۇرۇشنى تاللىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ لياڭشەندە بىرى، ياۋايى ئۆسۈملۈكلەر بايلىقى بىر قەدەر مول، يەنە بىرى بۇ جاي دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز، تۇپراق بۇلغانمىغان. دېھقانلارغا دورا ماتېرىياللىرى تېرىتقۇزۇپ، ئۇلارغا دورا ماتېرىياللىرىنى تېرىشنى ئۆگەتتۇق، ئاشلىق تېرىشقا قارىغاندا كىرىمى يۇقىرى بولدى، دۆلەت بېكىتكەن نامرات ناھىيەدە مۇشۇنداق بازا قۇرۇش نامراتلارنى يۆلىگەنگە باراۋەر.

2017-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭ سىچۇەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا مەخسۇس تەلەپلەرنى قويۇپ مۇنداق دېگەن: ھازىر نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئاچقۇچى دەل كۈچەش، ئاساسىي قاتلامغا دىققەت قىلىش، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كەنتلەرگىچە، ئائىلىلەرگىچە، ئادەملەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىدە كىمنى يۆلەش، كىم يۆلەش، قانداق يۆلەش، نامراتلىقتىن قانداق چېكىندۈرۈشنىڭ پۈتۈن جەريانى دەل بولۇشى كېرەك، بەزىلىرىگە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

گېڭ فۇنىڭ شۇ چاغدا نەق مەيداندا باش شۇجىغا ئۆزلىرىنىڭ كارخانىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا قاتنىشىش ئەھۋالنى دوكلات قىلىپ: ئىككى يىغىندىن كېيىن، بىز باش شۇجىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش تاپشۇرۇقىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، دېگەن. ئىككى يىلغا يېقىن تەرەققىيات ئارقىلىق، ھازىر شىركەتنىڭ دورا ماتېرىياللىرى تېرىلغۇ كۆلىمى بەش مىڭ مودىن 20 مىڭ مودىن كۆپرەككە يېتىپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: بىز ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرگە ئېتىبار بەردۇق. بىزنىڭ دورا ماتېرىياللىرىمىزنىڭ بازار باھاسى ئىككى يۈەن، بىز نامرات ئائىلىلەردىن 3 يۈەندىن تۆت يۈەنگىچە سېتىۋالدۇق، بۇ بىر-ئىككى ھەسسە كۆپ. ئەمگەك ئارقىلىق ھەققە ئېرىشش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ھەم ئاكتىپلىقى ئاشتى ھەم ئۇلار ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا ئىگە بولدى.

لياڭشەن ئوبلاستى سىچۇەن ئۆلكىسىدىكى «نامرات چوڭ ئوبلاست» بولۇپ، نامرات نوپۇس ئۆلكە نوپۇسىنىڭ %30كە يېقىننى ئىگىلەيدۇ، ئېغىر نامرات رايون ئۆلكىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ناھايىتى قىيىن. سىچۇەن ئۆلكىسى دەل پەرقلەندۈرۈش ئارقىلىق، ئۈچ يىلغا ۋاقىت ئىچىدە دالياڭشەنىڭ مالىيە كىرىمىنى 20 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك يېڭىدىن ئاشۇردى، ئۆلكە بويىچە ھەممە نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئاتلاندى. 2018-يىلى لياڭشەن ئوبلاستىدا 194مىڭ ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىشش نىسبىتى 2017-يىلنىڭ ئاخىرىدىكى %11تىن 2018-يىلنىڭ ئاخىرى %7.1كە تۆۋەنلىدى. لياڭشەن بىلەن ئوخشاش ئۆزگىرىش بولغانلاردىن يەنە سىچۇەننىڭ دابا تاغلىق رايونى، زاڭزۇلار رايونى قاتارلىق نامرات رايونلار بار. نامراتلارنى دەل يۆلەش سىياسىتىنىڭ تۈرلەر بويىچە ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، سىچۇەن ئۆلكىسى 2017-يىلى 15 نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش ئاساسىدا، 2018-يىلى يەنە 10 مىليون 40 مىڭ ئادەمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى، نامراتلىشىش نىسبىتى 2013-يىلنىڭ ئاخىرىدىكى %9.6تىن 2018-يىلنىڭ ئاخىرىدا %1.1كە تۆۋەنلىدى.

ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىشتىن كارخانىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىشقىچە، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سچۇەندە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. سىچۇەن ئۆلكىلىك نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جياڭ چۇ مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىگىدە، بىز نامراتلىقتىن دەل قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىشىمىز، نامراتلارنى يۆلەش سۈرئىتىگە ئەھمىيەت بېرىشتىن نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش سۈپىتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشكە بۇرۇلۇش ياساپ، دىققەتنى تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ ، نامراتلارنى يەنىمۇ دەل يۆلەپ، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇشىمىز، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇشىمىز كېرەك.

 

1551004314432485.jpg