مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار خىزمىتىدىن يازما مەلۇمات بەردى
0
2019-03-01 10:41:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :گۈزەلنۇر روزى

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

«جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمىسى»نىڭ تەلىپى بويىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ھەر يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا خىزمىتىدىن يازما مەلۇمات دوكلاتى بېرىدۇ. يېقىنقى مەزگىلدە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار بەلگىلىمە بويىچە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا خىزمىتىدىن يازما مەلۇمات بەردى. شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن تارىخىي مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئادا قىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتى ۋە ئىنقىلابىي روھىنى مەڭگۈ ساقلاپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي خىزمەت ئىشلىدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار قەتئىي جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، پاك-تەلەپچان بولۇپ، كېچە-كۈندۈز ئومۇم ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەگە ياخشى ئۈلگە ۋە نەمۇنە بولدى.

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار بىر يىلدىن بۇيانقى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى چۆرىدەپ، خىزمەت مەلۇماتى دوكلاتىنى ئەستايىدىل يېزىپ چىقتى. خىزمەت مەلۇمات دوكلاتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىگە قاتتىق توغرىلانغان بولۇپ، ئىدىيە، خىزمەت، ئىستىل جەھەتتىن تەجرىبىلەر يەكۈنلىنىپتۇ ۋە تونۇش، تەسىرات ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، مەسىلىلەر تەكشۈرۈلۇپتۇ ۋە ئۆزگەرتىش تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، يەنە خىزمەت پىلانى ۋە پىكىر تەكلىپلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ.

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلارنىڭ خىزمەت مەلۇمات دوكلاتى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار «تۆت ئاڭ»نى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق قوغداشنى ئالى سىياسى پرىنسىپ ۋە تۈپ سىياسى قائىدە قىلىپ، قوغداش ئېڭىنى ئاشۇرۇش، قوغداش ھەرىكىتىنى چىڭىتىش، قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، قوغداش ئۈنۈمىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، سىياسى مەيدان، سىياسى يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسى يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ئاڭلىق ساقلىدى.

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشنى باش سىياسى ۋەزىپە قىلىپ، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇرچ تۇيغۇسىنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن ماركىسىزملىق مەيدان، قاراش، ئۇسۇلنى ئىگىلەپ، چوڭقۇر، ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ، ئۆگىنىپ، تەپەككۇر قىلىپ، ئۇنىڭدىن ھەقىقەت كۈچى، ئىدىيە كۈچى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش كۈچىنى قوبۇل قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزى مەسئۇل ساھەلەرنىڭ ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختىلاش جەھەتتە كۈچ چىقىرىشىغا ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلدى.

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئومۇملۇقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆزى مەسئۇل ساھەدىكى مۇھىم خىزمەت، زور ئىسلاھات، مۇھىم ۋەزىپىلەرگە دىققەت قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى، بولۇپمۇ تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە جىددىي مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلدى.

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئاڭلىق ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا دوكلات قىلىپ، زور مەسىلىلەر، چوڭ ئىشلار، مۇھىم خىزمەتلەردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭدىن ۋاقتىدا يوليورۇق سورىدى.

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار دېموكراتىيە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنىڭ تۈرلۈك تۈزۈم تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئۆزى مەسئۇل بولغان ساھە، ئۆزى مەسئۇل بولغان خىزمەتلەردە ھەم دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالدى، ھەم توغرا مەركەزلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇپ، تەرتىپ بويىچە قاتتىق ھەل قىلغۇچ تەدبىر چىقىرىپ، قائىدە بويىچە ئىش قىلدى.

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشىلاش، يىغىن پائالىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، ھۆججەت-ماتېرىياللارنى ئىخچاملاش، زىيارەت پائالىيەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئاخبارات خەۋەرلىرىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بەلگىلىمە بويىچە ئىش قىلىپ، «تۆت خىل ناتوغرا ئسىتىل»غا، بولۇپمۇ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىگە قارشى تۇردى. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئۆزى مەسئۇل ساھەدە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتتى.

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار پاك-تەلەپچان بولۇش ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، كىچىك ئىش، كىچىك ھالقىلاردا ئۆزىنى چەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە ئەتراپىدىكى خىزمەتچى خادىملارغا بولغان تەربىيە ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى.

 

1551004314432485.jpg