جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىرىنى ئېلان قىلدى
0
2019-02-28 18:57:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئىلنۇرە رەھىمبەگ

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىرنى ئېلان قىلدى. بۇ پىكىرنى ئېلان قىلىش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىرادىنى، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىردەك قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

«پىكىر»دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، كۈچەپ چىڭ تۇتۇپ، روشەن سىياسىي يېتەكچىلىكنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى ئېغىر سىياسىي يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىدا زور تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان سىياسىي مەسىلىلەر تېخى تۈپتىن ھەل بولمىدى، بەزى پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار ئارىسىدا سىياسىيغا سەل قاراش، سىياسىينى سۇسلاشتۇرۇش، سىياسىيغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك مەسىلىسى يەنە بىر قەدەر گەۋدىلىك، بەزىلىرىدە ھەتتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يۆنىلىشىدىن چەتنەپ كېتىشتەك ئېغىر مەسىلە مەۋجۇت. بۇ مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئۈچۈن، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش شەرت.

پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تاكتىكىسىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ باش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭنى» كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ» نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، سىياسىي يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئاساسنى پۇختىلاپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنى يېتىلدۈرۈپ، سىياسىي خېيىم-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، سىياسىي خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئاشۇرۇپ، پارتىيەمىزنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، پارتىيەمىزنىڭ باشتىن-ئاخىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «ئىككى يۈز يىللىق» كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: سىياسىي ئېتىقادنى چىڭىتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق مېڭىنى قوراللاندۇرۇپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ سىياسىي لۇشيەنىنى چىڭىتىپ، سىياسىي مەيداندا قەتئىي چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. «ئىككىنى قەتئىي قوغداپ»، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئۇسۇلىنى ياخشىلاش كېرەك. سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ سىياسىي خاراكتېرىنى نامايەن قىلىپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ سىياسىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلىرىغا بولغان سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ سىياسىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى ئىجابىي، ساغلام سىياسىي مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش، سىياسىي ئۆلچەم بويىچە ئادەم تاللاش ئادەم ئىشلىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دۇرۇس، پاك سىياسىي خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك.

تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىق»لارنى چىڭ تۇتۇپ، تۈزۈم كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: رايونلار، تارماقلار پىكىرنى ئىزچىل يولغا قويۇشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرىنى ئۆز ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىقىشى كېرەك. مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى پىكىرگە ئاساسەن، پارتىيەنىڭ ئارمىيەدىكى سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى كونكرېت پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ.

1551004314432485.jpg