شى جىنپىڭ مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى
0
2019-02-26 16:42:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :پاتىگۈل مۇھەممەد

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ 2-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 40 يىللىق تەجرىبىلەر بىزگە ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ قانۇنچىللىقتىن ئايرىلالمايدىغانلىقى، ئىسلاھات ئېچىۋېتىش قانچە چوڭقۇرلاشتۇرۇلغانسىېرى قانۇنچىللىقنى شۇنچە تەكىتلەش كېرەكلىكىنى ئۇقتۇردى. قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى پىلانىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، ئىناق، مۇقىم جەمئىيەت مۇھىتى بەرپا قىلىپ، چەتئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياخشى قانۇنچىللىق مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭلار يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا «مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ 2018-يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى دوكلاتى»،«مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ 2019-يىلدىكى خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى»، «2019-يىلى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە ئىچى قانۇن نىزاملىرىنى تۈزۈش پىلانى»،«مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2019-يىللىق قانۇن چىقىرىش خىزمىتى پىلانى»،«گوۋۇيۈەننىڭ 2019-يىللىق قانۇن چىقىرىش خىزمىتى پىلانى»،«قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى ئۈلگە كۆرسىتىش، بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ھەققىدىكى پىكىر»،«خەينەننىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، خەينەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللاش ھەققىدىكى پىكىر»،«زور مەمۇرىي ھەل قىلغۇچ تەدبىر تەرتىپلەرنى ۋاقىتلىق يولغا قويۇش نىزام لايىھەسى» قاتارلىق ھۆججەت نۇسخىلىرى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشىغا بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پائال ئىلگىرى سۈردى. جايلار ۋە تارماقلار شۇنداقلا كومىتېتنىڭ ھەرقايسى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىلىرى، ئەزا ئورۇنلار مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇملىرىنىڭ تولۇق ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى. كومىتېت بېكىتكەن يىللىق خىزمەت ۋەزىپىلىرى ئاساسەن ئۇرۇندالدى، ئاساسى قانۇننى ئۆگىنىش، تەشۋىقى تەربىيە خىزمىتى تولۇق ئەمەلىيلىشپ، ئۈنۈمى ياخشى بولدى، يۇقۇرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاشقا مۇناسىۋەتلىك بىر تۈركۈم قانۇن بەلگىلىمىلەر ئارقا ئارقىدىن چىقىرىلدى، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا يېڭى قەدەم تاشلاندى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى پىلانى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 4-ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى زور مەسىلىلەر مەخسۇس تەتقىق قىلىندى، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا 2035-يىلى ئاساسەن قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇپ بولۇش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق نەزىرىيەسى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇنى ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى بىلەن، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئدارە قىلىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈم لايىھەسىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا، ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قانۇنچىللىقنىڭ تۈپ يىلتىزىنى مۇستەھكەملەش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەلگۈسىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: تەرەققىيات يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇشى، قانۇن چىقىرىشمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇشى كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەردە قانۇن چىقىرىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلمىي قانۇن چىقىرىش، دېموكراتىك قانۇن چىقىرىش، قانۇن بويىچە قانۇن چىقىرىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن چىقىرىشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسى قانۇن يادرولۇقىدىكى جۇڭگوچە سوتسيالىزم قانۇن سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان پارتىيە ئىچى قانۇن نىزام تۈزۈم سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قانۇن چىقىرىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى دەۋردە ئېچىۋېتىشچان ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش تەلىپىگە ماسلىشىپ، چەتئەل مەبلىغى ھەققىدە بىرلىككە كەلگەن ئۇللۇق قانۇن تۈزۈش كېرەك. ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ئالدىن يولغا قويۇلغان، ئالدىن سىناق قىلىنغان رايونلارنىڭ ئالاقىدار قانۇنلارنى چىقىرىشىغا ھوقۇق بېرىش خىزمىتىنى بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، جانلىقلار بىخەتەرلىكى، يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى، ئېكولوگيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى قانۇن چىقىرىش تۈرىنى بىرتۇتاش ئويلىشىش، يېڭىدىن تۈزۈش، تۈزىتىش، بىكار قىلىش، ئىزاھات بېرىشنى تەڭ ئېلىپ بېرىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى نۇقتىلىق ۋەزىپە بولۇپ، قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىدا ئۈلگىلىك، تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى، ئۈلگە كۆرسىتىش بەرپا قىلىش پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، شەكىلۋازلىقنى توسۇپ، راستچىل بولۇش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قوغلىشىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: زور مەمۇرىي ھەل قىلغۇچ تەدبىر تەرتىپلەرنى قېلىپلاشتۇرۇش ــ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى زور مەمۇرىي ھەل قىلغۇچ تەدبىر تەرتىپلەرنىڭ بارلىق جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ھەل قىلغۇچ تەدبىرنىڭ قانۇندىكى تەرتىپىنى ئادا قىلىپ، ئاۋام قاتنىشىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، مۇتەخەسسىسلەر دەلىللەشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇنلۇق تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەل قىلغۇچ تەدبىر بەلگىلەشتىكى خەۋپ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىشتا، ئەمەلىيەنى چىقىش قىلىشتا، چامىسىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، مادارىنىڭ يېتىشىچە ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قېلىپلىق تەرتىپ، ئىلمىي ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئارقىلىق زور ئاممىۋى مەنپەئەتنى، خەلقنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى مەنپەئەتىنى قوغداپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قانۇنچىللىق ئەڭ ياخشى سودا مۇھىتى. باراۋەرلىكنى قوغداشنى قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، ئەدلىيە، قانۇنغا رىئايە قىلىش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارغا سىڭدۈرۈپ، تۈرلۈك بازار ئاساسى گەۋدىلىرىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇقى مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە باراۋەر قوغداش كېرەك. قانۇنچىللىق ئارقىلىق ھۆكۈمەت ۋە بازارنىڭ چەك چېگراسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، بازار ئىگىلىكىنىڭ قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، بازارلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق قانۇنچىللىق رامكىسى ئىچىدە تۈرلۈك بازار ئاساسى گەۋدىلىرىنىڭ پايدا مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش لازىم، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تۈزۈم مۇھىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە قارىتىپ، قانۇن قائىدە، تۈزۈم، ئۆلچەم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرلۇشىنى، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش لازىم، يېمەكلىك، دورا قاتارلىق ساھەلەردىكى زور بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىگە قارىتا تۈپتىن تۈزەش تەدبىرى قوللىنىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى قانۇن ئارقىلىق قاتتىق جازالاپ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتلىكىنى ياخشى قوغداش لازىم، ئېلىمىز قانۇنىنى چەتئەلدە تەتبىقلاشنىڭ قانۇن سىستېما قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، چەتئەلگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنچىللىق كەسپى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، چەتئەلگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن مۇلازىمتىىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ قائىدىگە ئۇيغۇنلىشىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، چەتئەلگە يۇقىرى سۈپەتلىك ئېچىۋېتىشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش لازىم.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جايلار ۋە تارماقلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ھەققىدىكى ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇملىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشى لازىم. مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز ساھەسىنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ۋەزىپىلىرىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئىشخانىسى مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، خىزمەت ۋەزىپلىرىنى ماسلاشتۇرۇش، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش، ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشتە توغرا ئۇسۇلنى ئىگىلەپ، خىزمەتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى گەۋدىلەندۈرۈشى لازىم.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى. مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

1124152640_15508411469131n.jpg
1551004314432485.jpg
a07.jpg