جىلىن كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى قېلىپىنى شەكىللەندۈردى
0
2019-02-25 19:45:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :كۈنتېكىن ئىمام

2015-يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جىلىن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا: شەرقىي شىمال كونا سانائەت بازىلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىنى تېزدىن ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارغا ئېنىق تەلەپ قويغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جىلىن ئۆلكىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، يېڭى ئۈستۈنلۈك يارىتىپ، يېڭى قۇۋۋەت يېتىشتۈردى، بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر تېز تەرەققىي قىلدى، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلدى.

چاڭچۈن شەھەرلىك چاڭگۇاڭ سۈنئىي ھەمراھ شىركىتىنىڭ سىناق قىلىش زالىدا، 10 نەچچە ئىنژىنېر سۈنئىي ھەمراھنى قۇراشتۇرۇشتىن بۇرۇنقى سىناق خىزمىتىنى ئىشلەۋاتاتتى. تۈرنىڭ مۇئاۋىن باش ئىنژىنېرى زو جىۋىي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قويۇپ بېرىلىدىغان گاۋفىن 03 يۈرۈشلۈك سۈنئىي ھەمراھلىرىدا نۇرغۇن تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل بولدى، بۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئۈچ تۆۋەن بىر يۇقىرى، يەنى تەنەرخ تۆۋەن، سەرپىيات تۆۋەن، يېنىك، پەرقلەندۈرۈش دەرىجىسى يۇقىرى. سۈنئىي ھەمراھنىڭ ھازىرقى ئېغىرلىقى 50 كىلوگرامدىن، سەرپىياتى 50 ۋاتتىن تۆۋەن، بۇ ھېسابتا باشقىلارنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدۇ.

چاڭگۇاڭ شىركىتى ئېلىمىزدىكى تۇنجى يىراقتىن سېزىش سودا سۈنئىي ھەمراھى شىركىتى. 2015-يىلى تۇنجى سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىلگەندىن بۇيان، يىراقتىن سېزىش سودا سۈنئىي ھەمراھلار گۇرۇپپىسى «جىلىن بىرىنچى» 12 كىچىك سۈنئىي ھەمراھ تورىغا ئىگە بولدى. ھازىر، بۇ تۈردىن بىرلەمچى ئالەم ئۇچقۇلىرىنىڭ زاپچاسلىرىنى تەمىنلەيدىغان كارخانىلار بارلىققا كەلتۈرۈلدى، بۇنىڭدىن باشقا يەنە غەيرى ئەنئەنىۋى ئالەم قاتنىشى سانائىتى تارماقلىرى سۈنئىي ھەمراھنى يۈرۈشلەشتۈرۈش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىنىپ، جاپدۇق ياسىمچىلىقى تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە سانلىق ئۇچۇر قېزىش بىلەن تەھىلىل قىلىش تېخنىكىىسنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى. چاڭچۈن شەھىرى يېڭى رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات ۋە سانائەت-ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى رۈي مۇنداق دېدى: ھازىر بىز كىچىك راكېتا تۈرلىرىنى باشلىدۇق، بۇ ئادەتتىكى سۈنئىي ھەمراھنى يۈرۈشلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ خىل كەسىپ زەنجىرى شەكلىدىكى توپلىنىش تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق توپلىنىش ھېسابلىنىدۇ، كەلگۈسىدە بىز كەسىپ ئېكېلوگىيەسى بەرپا قىلىپ، كەسىپ زەنجىرى ھاسىل قىلىپ، كەسىپنىڭ تۈجۈپىلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

2015-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جىلىن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھالىتىگە ماسلىشىپ، شەرقىي شىمال كونا سانائەت بازىلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئېنىق تەلەپ قويۇپ: ئەمدى «سانائەت ئۇ بىر تىرەك، قۇرۇلمىسى ئاددىي» دېگەن غەزەلنى توۋلاۋەرسەك بولمايدۇ، چوقۇم ھېسابقا يامان بولىشىمىز كېرەك، دېگەن. شى جىنپىڭ يەنە: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ۋە كەسىپنى سەرخىللاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزگىچە گۈللەنمە كەسىپ توپى شەكىللەندۈرۈپ، رىقابەت كۈچى ۋە تىرەكلىك رولغا ئىگە كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، مۇھىم ساھەلەردىكى ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئسىلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈلمىلىك توسالغۇلارنى قەتئىي بۇزۇپ تاشلاپ، كونا سانائەت بازىرىلىرىنىڭ زور ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك، دېگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جىلىن ئۆلكىسى سۈنئىي ھەمراھ ۋە ئالەم قاتنىشى ئۇچۇرى، يېڭى ماتېرىيال، بۈيۈك مەلۇمات قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئۆزگىچە گۈللەنمە كەسىپلەر توپى شەكىللەندۈردى، بۇنىڭ بىلەن بىرگە، سانائەت قېلىپىدا ئەنئەنىۋى ئۈچ چوڭ تىرەك كەسىپ ئاپتوموبىل، خېمىيە سانائىتى، داۋالاش-دورا، جاپدۇقتىن ئىبارەت بەش تىرەك كەسىپكە قاراپ تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، مەھسۇلات قىممىتى %70كە يېقىنلاشتى. جىلىن ئۆلكىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ خەيفىڭ مۇنداق دېدى: 2015-يىلىدىن بۇيان، بىز ئۈچىنچى كەسىپنىڭ سالمىقىنى 11 پوئىنت ئۆستۈردۇق. جاپدۇق ياسىمىچىلىقىدا رېلىسلىق قاتناش جاپدۇقلىرى ياسىمىچىلىقى باش بولغان جىلىن جاپدۇقى ئۆزگىچە كەسىپ سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى، پۈتۈن ئۆلكىدە ھازىر چاڭچۈن رېلىسلىق قاتناش جاپدۇقى قاتارلىق سەككىز كەسىپ توپى، 304 كارخانا بار، كەسىپ توپىنىڭ كەسىپتىكى سالمىقى %35كە يەتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ جىلىن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا: زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈچ چوڭ سىستېما قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئالدىن زامانىۋىيلاشتۇرۇپ، زامانىۋىي يېزا ئىگىلىكى بەرپا قىلىشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.

جىلىن ئۆلكىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھى بويىچە، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا قارىتىشتا چىڭ تۇردى، 2018-يىلى يېزىلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق ئاھالىنىڭ ئۆز ئىلكىدىكى كىرىمى 13 مىڭ 748 يۈەنگە يېتىپ، 2015-يىلىدىكىدىن %21.4 ئاشتى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، «جىلىن ئۆلكىسىنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك پىلانى» رەسمىي ئېلان قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە زامانىۋىي يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈچ چوڭ سىستېما قۇرۇلۇشى قاتارلىق سەككىز ھەرىكەت ۋە 106 قۇرۇلۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇنىڭ يادروسى كەسىپ گۈللەندۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېزىلارنى زامانىۋىيلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، جىلىننىڭ يېزا ئىگىلىكى چوڭ ئۆلكىسىدىن يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك ئۆلكىسىگە ئۆزگىرىش ياسىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بولدى.

جىلىن ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىكى يېزا نازارىتىنىڭ باشلىقى يۈ چاڭ مۇنداق دېدى: 1-2-3-كەسىپلەرنى يۇغۇرۇش جەھەتتە جىلىننىڭ بوشلۇقى ناھايىتى چوڭ. بىز ئاشلىق خام ئەشياسى جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە، جىلىن ئۆلكىسى دۇنياغا داڭلىق ئالتۇن كۆممۈقوناق بەلبىغى ۋە ئالتۇن شال بەلبىغى؛ يەنە بىر جەھەتتىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىزنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەش ئىقتىدارىمىز ئاشتى. بىز «كونا ماركا» ئاساس قىلىنغان ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسىپىنىڭ كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسىپىنى زامانىۋىي يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش كەسىپىگە ئۆزگەرتىمىز.

1124152640_15508411469131n.jpg
a07.jpg