گۇاڭشى باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش سۈرئىتىنى تېزلەتمەكتە
0
2019-02-24 11:20:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

گۇاڭشى باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىنى تېزلىتىپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈردى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2015-يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى چىڭ، توغرا، دەل جايىدا چىڭ تۇتۇپ، بىرمۇ ئاز سانلىق مىللەت، بىرمۇ رايوننى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق، نامراتلىق ھادىسىسىنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك دەپ تەكىتلىدى. ئۇ يەنە گۇاڭشى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېڭىز، دەريا، چېگرا بويلىرىنى ئومۇميۈزلۈك سىرتقا ئېچىۋېتىش سەھنىسىنى بەرپا قىلىشى لازىم دەپ كۆرسەتتى. تۆت يىلدىن بۇيان، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىنى تېزلىتىپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈردى.

گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى تيەنياڭ ناھىيەسى نامەن بازىرى شىنلى كەنتى داشى تاغلىق رايونىغا جايلاشقان، تۇپرىقى ئۈنۈمسىز، شۇ جايدا داڭقى چىققان نامرات كەنت ئىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 2010-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى بۇ كىچىك تاغلىق كەنتكە بېرىپ، شۇ جايدىكى كادىرلار ۋە ئاممىغا غايەت زور ئىلھام بەرگەن ھەم ئىشەنچ ئاتا قىلغان ئىدى. شىنلى كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لو جاۋياڭ مۇنداق دېدى: بۇرۇن تاغلىق رايوندا تۇرىدىغان 158 ئائىلە گۇاڭشىن مەھەللىسىگە ئومۇميۈزلۈك كۆچۈرۈلدى، كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاممىنىڭ كىرىم مەنبەسىمۇ كۆپەيدى، بۇ كۆچۈرۈش نۇقتىسىدا، ناھىيە بازىرىغا بېرىپ ئىشلىسىمۇ ياكى كەنتىمىزدىكى باشلامچى شىركەتلەردە ئىشلىسىمۇ بولىدۇ. 2015-يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، لو جاۋياڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە، باش شۇجىغا شىنلى كەنتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەم تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىنى تونۇشتۇردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ لو جاۋياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەن كېيىنكى بەش يىلدا، كەنتىڭلەر ھەم پۈتكۈل بەيسې رايونىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن دېدى.

لو جاۋياڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە شىنلى كەنتى نەزىرىنى يېزا-كەنت ساياھىتىگە قارىتىپ، 30 مولۇق ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مەركىزىنى ئىشقا كىرىشتۈردى، كەنت سىرتىدىكى 40 نەچچە كىلومېتىرلىق تاغ يولىنى قاتتىقلاشتۇردى. شىنلى كەنتىنىڭ كىشى بېشى يىللىق كىرىمى بىر نەچچە يىل بۇرۇنقى ئۈچ مىڭ يۈەن ئەتراپىدىن 2018-يىلى ئون مىڭ يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى چىڭ، توغرا، دەل جايىدا چىڭ تۇتۇپ، نامراتلارنى دەل يۆلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تەپسىلىي ھېساباتنى ياخشى قىلىپ، بىرمۇ ئاز سانلىق مىللەت، بىرمۇ رايوننى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق، نامراتلىق ھادىسىسىنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك دەپ تەكىتلىدى. گۇاڭشى نەندەن ناھىيەسى لىخۇ يېزىسى ۋاڭشاڭ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا، كەنت ئاھالىسى خې ۋېنبىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن، ئون نوپۇسلۇق ئائىلىمىز تاغ ئارىسىدىكى 70، 80 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆي بىلەن خوشلاشتى، يېڭى ئۆيىمىزنىڭ نەچچە ئېغىزىنى چىقىرىپ، ياتاق قىلدۇق، كەنتىمىز شياۋچىكۇڭغا ناھايىتى يېقىن، ئۇ يەرگە دائىم ساياھەتچىلەر توشۇپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلىدىغان ئىستېمالىمۇ كۆپ، شۇڭا كىرىمىمىزمۇ يۇقىرى بولىدۇ، ساياھەتچىلىك بىزنىڭ بۇ يەردىكى ئەڭ ياخشى تاللىشىمىز بولدى.

2016-يىلىدىن 2018-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، گۇاڭشى 640 مىڭدىن ئارتۇق نامرات نوپۇسنى تاغلىق رايوندىن كۆچۈرۈپ چىقتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلەتنىڭ بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئەگىشىپ، گۇاڭشىنىڭ دۆلەتنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭ ئەندىزىسىدىكى ئورنى تېخىمۇ گەۋدىلىنىپ، تارىخىي تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى. دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئاراغا يۈزلەنگەن ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئىشنى ياخشى قىلىش؛ تېخىمۇ ئاكتىپلىق، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ جانلىق ئېچىۋېتىشچان ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېچىۋېتىش جەريانىدا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىى كۈچەيتىپ، رىقابەت جەريانىدا پۇرسەت ۋە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. بۇ يىل چاغان ئۆتۈپ كېتىشىگىلا، بېيبۇ قولتۇقىنىڭ بويىدىكى چىنجۇ پورتى ئالدىراش بولۇپ كەتتى. جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتى چىنجۇ پويىز ئىشلىرى ئوچاستىكىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ گۇاڭخۇي 2015-يىلى بۇ يەردە يىلىغا ئاران ئىككى پويىزغا يۈك قاچىلىغىلى بولاتتى، ھازىر كۈنىگە ئۈچ پويىزغا يۈك قاچىلايمىز دېدى. گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى تەن شيۇخۇڭ بىز باش شۇجىنىڭ يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، غەربىي رايوننىڭ دېڭىزغا چىقىش ئېغىزىنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ، جەنۇبقا يۈزلەنگەن، شىمال بىلەن بىرلەشكەن، شەرق بىلەن يۇغۇرۇلغان، غەرب بىلەن ھەمكارلاشقان يېڭى ئەندىزىنى تېزدىن بەرپا قىلىمىز دېدى.

a07.jpg