شى جىنپىڭ چاڭئې 4-نومۇر ۋەزىپىسىگە قاتناشقان خادىملار بىلەن كۆرۈشتى
0
2019-02-21 10:28:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

شى جىنپىڭ ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چاڭئې 4-نومۇر ۋەزىپىسىنى تەتقىق قىلىش، سىناشقا قاتناشقان خادىملارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئېلىمىزنىڭ ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەپ، دۇنيا ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چاڭئې 4-نومۇر ۋەزىپىسىنى تەتقىق قىلىش، سىناشقا قاتناشقان خادىملارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالەم بوشلۇقى ھەققىدە ئىزدىنىشنىڭ مەنزىلى چەكسىز. ئېلىمىزنىڭ بارلىق پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى، ئالەم قاتنىشى خىزمەتچىلىرى ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەپ، دۇنيا ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىپ، ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسى، جۇڭگو كۈچىنى تەقدىم قىلىشى كېرەك. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ بىللە كۆرۈشتى.

خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا چىراغلار چاقناپ، ئىللىق كەيپىياتقا چۆمگەن ئىدى. چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ يېرىمدا، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى تەتقىق قىلىش، سىناش خىزمىتىگە قاتناشقان خادىملار ۋەكىللىرىنىڭ ئارىسىغا باردى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى، ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى ھەم كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن ئېلىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تارىخىي تۆھپە قوشقان بارلىق يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، چاڭئې 4-نومۇر ۋەزىپىسىنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاشقا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان بارلىق خادىملارنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: سىلەر پەن-تېخنىكىنىڭ يۇقىرى چوققىسىغا چىقىش، ئالەمنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە قالتىس تۆھپە قوشتۇڭلار، بۇ-پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يېڭى دەۋردە كۈرەش قىلىش، يېڭى مۇساپىنى ئېچىشىغا ئىلھام بېرىشتە مۇھىم ئۈلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بەش يىل بۇرۇن، بىز چاڭئې 3-نومۇر ۋەزىپىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىگەن ئىدۇق. بەش يىلدىن كېيىن، بىز بۇ يەردە چاڭئې 4-نومۇر ۋەزىپىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلەۋاتىمىز. بۇ قېتىم چاڭئې 4-نومۇر ۋەزىپىسىدە، مۇستەقىل، ماسلاشما، ئېچىۋېتىشچان يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئالەم ئۇچقۇسى تۇنجى قېتىم ئاي شارىنىڭ دۈمبىسىدە كۆزىتىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئاينىڭ دۈمبىسىدە ئالدى بىلەن جۇڭگونىڭ ئىزىنى قالدۇردى، بۇ-يېڭىچە پۈتۈن مەملىكەت تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشتىكى يەنە بىر جانلىق ئەمەلىيەت.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەمەلىيەت بىزگە ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ ئارزۇدىن باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئارزۇ-ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتىدىغان بۇلاق. جۇڭخۇا مىللىتى-ئارزۇغا دادىل ئىنتىلىدىغان مىللەت. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر بەلگىلەپ، ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشى-جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ توختىماي ئالغا باسىدىغان ئايدا پەرۋاز قىلىش ئارزۇسى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى مەقسەت قىلىدۇ. ئاي شارىنى تەكشۈرۈشتىكى ھەر بىر دادىل تەسەۋۋۇر، ھەر بىر قېتىملىق مۇۋەپپەقىيەتلىك يولغا قويۇشنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ پىلانىتلارنى بىلىش ۋە پايدىلىنىش ئىقتىدارىنىڭ تولۇق گەۋدىلىنىشى. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدا، ھەر بىر كەسىپ، ھەر بىر ئادەمنىڭ كۆڭلىدە ئارزۇ بولۇشى، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، قەدەممۇ-قەدەم ئالغا بېسىپ، بىرمۇ-بىر كۈچ ئۇلاپ، غەيرەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ۋە داۋاملىق كۈرەش قىلىش جەريانىدا ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەت بىزگە ئۇلۇغ ئىشلار ئاساسىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. يېڭىلىق يارىتىش كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ. دۇنيا پەن-تېخنىكىسىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش يولى تۈپتۈز يول ئەمەس، يېڭىلىق ياراتقاندىلا، ئاندىن پۇرسەتنى ئالدىن ئىگىلىگىلى بولىدۇ. بۇ قېتىمقى ۋەزىپىدە نۇرغۇن يېڭىلىق يارىتىلىپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى بىر يۈرۈش بوشلۇقلار تولدۇرۇلۇپ، مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىشتا ئالدىن ئاتلىنىشقا جۈرئەت قىلىش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇش روھى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلدى. بىز دۇنيا پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئىلىم-پەن روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئۇللۇق، ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەرنى نىشانلاپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، سىجىل تەرەققىي قىلىش، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەڭ قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھالقىلىق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا تىرىشىپ زور بۆسۈش ياساپ، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ پۈتكۈل ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دۇنيا يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىدە تىرىشىپ مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەمەلىيەت بىزگە ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. يېڭى دەۋر-كۈرەشچىلەرنىڭ دەۋرى. يېڭى دەۋر-كۈرەش جەريانىدا ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى يارىتىدىغان، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىدىغان دەۋر. بىز تېخىمۇ كۆپ ئالىملار، باشلامچى ئىختىساسلىقلار، ياش قابىللار ۋە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپلىرىنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا كىشىلىك ھايات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىپ، يېڭى، تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇشىغا ئىلھام بېرىشىمىز لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىپايان ئالەم ئۈستىدە ئىزدىنىش پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. جۇڭگو ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىدا خەلقئارا ھەمكارلىقنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇرغۇن دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن مول ئۈنۈملۈك ھەمكارلىق ئورناتتى، چاڭئې 4-نومۇر ۋەزىپىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىدا قاتناشقان نۇرغۇن ئەللەرنىڭ تۆھپىسىمۇ بار. بىز دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، تەڭ مەسلىھەت قىلىپ، تەڭ قۇرۇپ، تەڭ بەھرلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي تېخنىكا تەتقىقات خەلقئارا ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، بۈيۈك ئىلىم پىلانى، قۇرۇلۇشى ۋە مەركەز قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئېچىۋېتىپ، ھەمكارلىشىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىلىم-پەن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ. پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى، ئالەم قاتنىشى خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن غەلبەسېرى ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۇنيانىڭ ئالەم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىشى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشىغا جۇڭگونىڭ تېخىمۇ كۆپ پاراسىتىنى، جۇڭگونىڭ لايىھەسىنى، جۇڭگونىڭ كۈچىنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن! جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

چاڭئې 4-نومۇر ئىككى قېتىم قويۇپ بېرىلدى. 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى «سېغىزخان كۆۋرۈكى» نومۇرلۇق ئۇچۇر سۈنئىي ھەمراھىنى توشىدى. يۈتۇ 2-نومۇرلۇق كۆزەتكۈچ ۋە قونغۇچتىن تەركىب تاپقان چاڭئې 4-نومۇرلۇق تەكشۈرگۈچ 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە قويۇپ بېرىلدى، 2019-يىل 1-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاي دۈمبىسىنىڭ ئالدىن بېكىتىلگەن رايونىغا ئوڭۇشلۇق قوندى، نۇرغۇن دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار قاتناشقان ئىلىمىي تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى ئارقا-ئارقىدىن باشلاندى. چاڭئې 4-نومۇرنىڭ ۋەزىپىسى غەلبىلىك تاماملىنىپ، ئىنسانلار تارىخىدا ئۇچقۇ تۇنجى قېتىم ئاي دۈمبىسىگە يۇمشاق قونۇش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، يەر شارى بىلەن ئاي دۈمبىسىدە خەۋەرلىشىش تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئاي دۈمبىسىدە دۇنيانىڭ ئاي تەكشۈرۈش تارىخىدىكى تۇنجى ئاياغ ئىزى قالدۇرۇلۇپ، قەدىمىي ئاي دۈمبىسىنىڭ سىرلىق پەردىسى ئېچىلدى، ئىنسانىيەتنىڭ ئالەمنىڭ سىرى ئۈسىتىدە ئىزدىنىشىدە يېڭى سەھىپە ئېچىلدى.