ئەنخۇي باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرمەكتە
0
2019-02-20 17:46:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى ئەنخۇي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ يولدا، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلار ھەم ئۆزىنى قاتتىق تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھوقۇقنى قاتتىق يۈرگۈزۈپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشى ھەم پىلان تۈزۈش، ئىگىلىك تىكلەشتە ئەمەلىيەتچىل بولۇشى، سەمىمىي ئادەم بولۇشى كېرەك، ئەنخۇي ئۆلكىسى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىدا تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلىشى لازىم دەپ كۆرسەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئەنخۇي ئۆلكىسى ئۈچتە قاتتىق، ئۈچتە ئەمەلىي بولۇشنى يېتەكچى قىلىپ، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە.

تور قۇرۇلۇشىنى قانداق قىلىپ تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؟ چوڭ شەھەر پەن-تېخنىكا سانائەت باغچىسىنى قانداق قىلىپ گۈللەنمە كەسىپ بازىسىغا ئايلاندۇرۇش لازىم؟ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، دېھقانلار كالېندارىدىكى يېڭى يىلدا ئىشقا چىققان تۇنجى كۈنى خېفېي شەھىرى ياۋخەي رايونى شەرقىي رايون يېڭى مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كادىرلار يىغىنى بەش چوڭ تۈرنىڭ نەق مەيدانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ياۋخەي رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى خۇاڭ ۋېيدۇڭ مۇنداق دېدى: بىز پەقەت پەيتنى قولدىن بەرمەي، قىيىن نۇقتىلارنى بىۋاسىتە نىشانلاپ، ئىش باشلاشنى ھەل قىلغۇچ كۈرەش قىلىپ، باشلانمىدىن تارتىپ چىڭ تۇتۇپ، ئىش باشلاش ئارقىلىق بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار ئۈچتە قاتتىق، ئۈچتە ئەمەلىي بولۇش مەخسۇس تەلىم-تەربىيەسىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى تەكشۈرگەندىلا، ئاندىن پۈتۈن رايوننىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانىنى ياخشى باشلىيالايمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى ئەنخۇي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ يولدا، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلار ھەم ئۆزىنى قاتتىق تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھوقۇقنى قاتتىق يۈرگۈزۈپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشى ھەم پىلان تۈزۈش، ئىگىلىك تىكلەشتە ئەمەلىيەتچىل بولۇشى، سەمىمىي ئادەم بولۇشى كېرەك دەپ كۆرسەتتى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئۆزىنى قاتتىق تاكامۇللاشتۇرۇشتا، پارتىيەۋىلىك تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئەخلاق مەنزىلىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئالىيجاناب پەزىلەتكە ئىنتىلىپ، پەس ئارزۇ-ھەۋەسلەردىن ئاڭلىق يىراق تۇرۇپ، ناتوغرا ئىستىل، ناچار كەيپىياتنى ئاڭلىق توسۇش كېرەك. ھوقۇقنى قاتتىق يۈرگۈزۈشتە، ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، قائىدە، تۈزۈم بويىچە ھوقۇق يۈرگۈزۈپ، ھوقۇقنى تۈزۈم قەپىسىگە كىرگۈزۈش لازىم، ھەر قانداق ۋاقىتتا ئىمتىيازلىق بولۇۋېلىشقا، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىشقا بولمايدۇ. ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشتا، كۆڭلىدە ئەيمىنىش، تەلەپچان، ئېھتىياتچان بولۇش، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىش، پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىغا رىئايە قىلىش، ھوقۇق تۇتۇشتا پاك بولۇش كېرەك. پىلان تۈزۈشتە ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا، ئىش ۋە خىزمەتلەرنى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ پىلانلاپ، مۇھىم نۇقتا، سىياسەت، لايىھەلەرنى ئەمەلىي ئەھۋال، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەت، ئىلىم روھىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشقا ئېسىلىۋالماسلىق، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قالماسلىق لازىم. ئىگىلىك تىكلەشتە ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا، ھەقىقىي، ئەستايىدىل، ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، زىددىيەتلەرگە دادىل بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، مەسىلىلەرنى ماھىرلىق بىلەن ھەل قىلىپ، ئەمەلىيەت، خەلق، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى تېرىشىپ يارىتىش كېرەك. سەمىمىي ئادەم بولۇشتا، پارتىيە، تەشكىل، خەلق، يولداشلارغا سادىق، سەمىمىي بولۇش، سەمىمىي ئادەم بولۇش، راست گەپ قىلىش، سەمىمىي ئىش قىلىش، ساپ دىل، ئاقكۆڭۈل، ئادىل-دۇرۇس بولۇش لازىم.

كۆڭۈل قويۇپ قۇلاق سېلىش، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئالدىدا تۇرىدۇ. خېفېي ياۋخەينى يادرو قىلغان شەرقىي رايون يېڭى مەركىزى قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئاچتى. ياۋخەي رايونى ياۋخەينىڭ مەملىكەتلىك كونا سانائەت رايونلىرىنى كۆچۈرۈپ ئۆزگەرتىش سىناق رايونىغا كىرىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلەتتى. خېفېي شەرقىي رايون يېڭى مەركىزى ياۋخەي قۇرۇلۇشى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ خىزمەتچىسى ياڭ چۈەنخەي مۇنداق دېدى: سانائەت مىراسىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىش-ماڭا نىسبەتەن يىپيېڭى خىرىس، بۇنىڭدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىش، نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، مەن بۇنىڭغا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي تۇتۇش قىلىپ، بۇ جاينى كىشىلىك ھاياتىمنى تاۋلايدىغان سەھنىگە ئايلاندۇرىمەن.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىدا تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلىشى لازىم دەپ كۆرسەتتى.

دۇنيادىكى تۇنجى كۋانت ئىلمىي تەجرىبە سۇنئىي ھەمرىيى «موزى» مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى. «خۈنشىن» ناملىق ئۆزەك ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشتى. كېدا شۈنۋېي شىركىتىنىڭ تاۋۇش بىرىكتۈرۈش سېستىمىسى ھەقىقىي ئادەم سۆزلەش سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەنخۇي ئۆلكىسى پەن تېخنىكا ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇردى، نۇقتىلىق ساھە ۋە باشلامچى كارخانىلارنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى. نۆۋەتتە ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كەسىپىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتىدە ئىگىلىگەن سالمىقى %40 تىن ئاشتى، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ سانى 5403 گە يەتتى. ئەنخۇي ئۆلكىلىك پەن –تېخنىكا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى لو پىڭ مۇنداق دېدى: يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرى ئەنخۇينىڭ كەسىپتە بۇرۇلۇش ياساپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشتىكى تايانچ كۈچكە ئايلاندى. يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى، يېڭى ماتىريال، ئېنېرگىيە تېجەش مۇھىت ئاسراش، يۇقىرى سۈپەتلىك جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق بىر تۈركۈم كەسىپلەرنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 100 مىليارد يۇەندىن ئېشىپ، ئەنخۇينىڭ كەسىپتە بۇرۇلۇش ياساپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسلىق يېتەكچىگە ئايلاندى. يېڭىلىق يارىتىش ئەنخۇينىڭ ئەڭ گۈزەل ئۆزگىچە ماركىسىغا شۇنداقلا ئەنخۇينىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ چوڭ يوشۇرۇن كۈچكە ئايلاندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ «يېزا-ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، ئەنخۇي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېزا ئىسلاھاتىنى پائال چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، سىناق نۇقتىسىدا ئالدى بىلەن سىناق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دېھقان بىلەن يەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، يېزا ئىسلاھاتىنىڭ ساغلام ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «يېزا-ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ئاۋالقىدەكلا چىڭ تۇتۇش كېرەك، «يېزا-ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ئىشلىرى ياخشى بولسا، ئومۇمىي ئەھۋال تەشەببۇسكار بولىدۇ، «يېزا-ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى ئىسلاھاتنى ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىشتا. ئەنخۇينىڭ يېزا-ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى تەلىپىگە ماسلىشىپ، يېزا ئىسلاھاتىنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى بىر مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شەھەر يېزا تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش تەپپەككۇرى بويىچە، دادىللىق بىلەن ئالدى بىلەن يولغا قويۇپ ئالدى بىلەن سىناق قىلىپ، دادىللىق بىلەن ئىزدىنىپ، شەھەر يېزا تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى تېز بەرپا قىلىپ، يېزا-ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

مىليونلىغان يېزا ھاجەتخانىلىرىنى ئۆزگەرتىش، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتى يېرىمدىن ئاشتى، 817 ئۆلكە دەرىجىلىك گۈزەل يېزا كەنت مەركىزى كەنتلەردە قۇرۇلۇپ يېزىلارنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتى ياخشىلاندى، «مەينەت، قالايمىقان، ناچار» بولۇش تەدرىجىي ئۆتمۈشكە ئايلاندى.

47 مىڭ يېڭىچە كەسىپىي دېھقان تەربىيەلەندى، كوللېكتىپ مۈلۈك ھەسسىدارلىق ھەمكارلىق تۈزۈمى ئىسلاھاتى بىلەن «ئۈچ ئۆزگىرىش» ئىسلاھاتى قانات يايدۇرۇلۇپ، دېھقانلارنىڭ ھەميېنى بارغانسېرى تومپايدى، يېزىلارنىڭ تۇرۇپ قالغان بايلىقى جانلاندۇرۇلدى.

نۆۋەتتە، ئەنخۇي كەسىپ ھوقۇقى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە مۇھىم ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يېزا ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى قۇۋۋەتنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، يېزا كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىچكى ھاياتى كۈچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتماقتا. ئەنخۇي ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا نازارىتى تىجارەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لى بەيلىن مۇنداق دېدى: يەر ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ مۇقىملاشتۇرۇپ، يەر بايلىقىنى تەقسىملەشنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، دېھقانلارنىڭ يەر ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، يەر تۈزۈم تەمىناتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىش ئىشەنچىسى ئاشتى. 2018-يىلى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 3 تىرىليون يۇەنلىك ئۆتكەلدىن ئېشىپ، %8.02 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ يېزىلىرىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ئاھالىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆز ئىلكىدىكى كىرىمى %9.7 ئېشىپ، 13 مىڭ 996 يۇەنگە يەتتى، 726 مىڭ نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يىللىق نىشانى ئۆز قەرەللىدە ئىشقا ئاشۇرۇلدى.