گۇيجۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈردى
0
2019-02-17 16:40:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :كۈنتېكىن ئىمام

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش، چىڭ تۇتۇش، يەنە چىڭ تۇتۇش، ئەستايىدىل ئىشلەش، ئەستايىدىل ئىشلەش، يەنە ئەستايىدىل ئىشلەش كېرەك، تەرەققىيات تەپەككۇرىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كېيىن تەرەققىي قىلىش ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلاردىن ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشىش كېرەك. 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان گۇيجۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، گۇيجۇنىڭ خىزمىتىگە مۇھىم كۆرسەتمە بەرگەن.

گۇيجۇ تاپشۇرۇقنى ئەستا چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇيجۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىشنىڭ يۆنىلىشى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى قىلىپ، تەرەققىي قىلىش ۋە ئېكېلوگىيەدىن ئىبارەت ئىككى تۆۋەن چەكنى چىڭ ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي قىلىپ، ماس قەدەمدە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتە ھەل قىلغۇچ غەلبە قىلدى. شەرقىي قىسىمدىن پەرقلىنىدىغان، غەربىي قىسىمدىكى باشقا جايلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان يېڭى تەرەققىي يولىنى شەكىللەندۈرمەكتە.

ليۇ چاۋيىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۇ گۇيجۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقىلى كەلگەن باش شۇجى شى جىنپىڭنى كۆردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: باش شۇجى «نامرات رايونلاردىكى ئاممىغا ئۈزلۈكسىز ھەقىقىي نەپ ئاتا قىلىش كېرەك» دېدى، مەن باش شۇجىنىڭ سۆزىنى ئىزچىل ئەستە ساقلاپ كەلدىم، قايتىپ كەلگەدىن كېيىن نامراتلارنى يۆلەشنى قانداق چىڭ تۇتۇش جەھەتتە يۆنىلىش ۋە نىشانغا ئىگە بولدۇم.

دەل شۇ يىلى، دۆلەت دەرىجىلىك يېڭى رايون گۇيئەن يېڭى رايونى تەسىس قىلىندى، مالاڭ كەنتى ئۇنىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. ليۇ چاۋيىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كەنت ئاھالىسىنى باشلاپ دېھقاندىن ئىشلەمچىلىككە بۇرۇلۇش ياسىدى. كارخانىلارنىڭ ئىشچى ئىزدەش ئېھتىياجىنى قاندۇردى، ئەمگەك تارماقلىرى بىلەن ئالاقە قىلىپ ماھارەت تەربىيەسى ئورۇنلاشتۇردى. بىر قانچە يىلدىن كېيىن، پۈتۈن كەنتتىكى 300 نەچچە ئەمگەك كۈچىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى كارخانىلاردا ئىشلەيدىغان بولدى.

بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ئەنئەنىۋى بۇيىلار كەنتى قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتى. 2014-يىلى، پۈتۈن كەنتتىكى 286 ئائىلىلىكنىڭ 71ى نامرات ئائىلە، يىللىق كىشى بېشى ساپ كىرىمى 4100 يۈەن ئىدى. 2018-يىلى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 13 مىڭ يۈەنگە ئۆستى.

گۇيجۇ ئىلگىرى ئېلىمىزدىكى نامرات نوپۇس ئەڭ كۆپ ئۆلكە ئىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇيجۇنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە باشتىن ئاخىرى ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. گۇيجۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئەڭ چوڭ ئىش ۋە بىرىنچى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى دەپ بىلىپ، بۇ مۈشكۈل جەڭنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى قىلدى، شۇنداقلا غەلىبە قىلدى. 2018-يىلى، گۇيجۇدا 1 مىليون 480 مىڭ نامرات نوپۇس ئازايدى، نامراتلىشىش نىسبىتى %4.3كە تۆۋەنلىدى، 14 نامرات ناھىيە نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى.

2015-يىلى 6-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇيجۇغا بېرىپ تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلغاندا «ئۇچۇرلىشىش ئېقىمى ئالدىدا، ئاكتىپلىق بىلەن ئەۋزەل ئورۇننى ئىگەللىگەندىلا تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشىكىلى بولىدۇ» دەپ تەكىتلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئىككى قېتىم نەق مەيداندا ئاڭلىغان 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، گۇيجۇ لاڭما ئۇچۇر-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى ۋاڭ ۋىي: ئىگىلىك تىكلەش قىزغىملىقىم ناھايىتى زور دەرىجىدە ئۇرغۇدى، شۇڭا بۈيۈك مەلۇمات دېڭىزىغا تېز سۈرئەتتە كىردىم، دېدى.

بۈيۈك مەلۇمات، ساياھەتچىلىك گۇيجۇنىڭ گۈللەنمە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنىڭ كۈچەش نۇقتىسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇيجۇ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسىپنى ئىلغارلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كونا قۇۋۋەتنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى قۇۋۋەتنىڭ شەكىللىنىشىنى تېزلەتتى. 2018-يىلى، گۇيجۇنىڭ رايون ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2017-يىلىدىكىدىن %9.1 ئېشىپ، ئۇدا سەككىز يىل مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

يېقىندا، گۇيجۇ ئۆلكىسى توڭرىن شەھىرى يەنخې ناھىيەسىنىڭ شىنچۈن كەنتى جۈزىدىن ھوسۇل ئالىدىغان پەسىلنى كۈتىۋالدى. تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسىدىكى جاڭ گويىڭ كەنت ئاھالىسى بىلەن بىرلىكتە، ئوخشىغان جزىلەرنى قاچىلاپ ماشىنىغا بېسىپ، ناھىيە بازىرىغا ئەۋەتتى.

2014-يىلى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان جاڭ گويىڭ بېيجىڭغا بېرىپ ئىككى يىغىنغا قاتنىشىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭغا كەنت ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. ئۇ: باش شۇجىنىڭ «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار قىممەتلىك بايلىق دېگەن بۇ ئۇقۇم بىر-بىرىگە زىت ئەمەس، ئېكېلوگىيەنى قوغدىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى قوغدىغانلىقتۇر» دېگەن تاپشۇرۇقى ھېلىھەم ئېسىمدە، دېدى.

2017-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇيجۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرەسىگە قاتناشتى. يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «گۇيجۇ تەرەققىي قىلىش ۋە ئېكېلوگىيەدىن ئىبارەت بۇ ئىككى تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، خەلقى باي، ئېكېلوگىيەسى گۈزەل، رەڭدار گۇيجۇنىڭ يېڭى كەلگۈسىنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

جاڭ گويىڭ باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى ئاڭلىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدى. ئۇ كەنت ئاھالىسىغا ياردەملىشىپ دەرەخ تىكتى، مېۋە كۆچەتلىرىنى ھەقسىز بېرىپ، تىرىش ۋە بېقىشنى قولمۇ-قول ئۆگەتتى. كەنتتىكى تاغ تەدرىجىي يېشىللىققا ئايلاندى، كەنت ئاھالىسىنىڭ ھەميېنى تومپايدى. 2018-يىلى، پۈتۈن كەنتتىكى 434 ئاھالىنىڭ 380نى مېۋە كۆچىتى تىكتى. كەنت ئاھالىسىنىڭ كىشى بېشى كىرىمى 9216 يۈەنگە يەتتى، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %61.2كە يەتتى.

شىنچۈن كەنتى تۇڭرىن شەھەرىنىڭ ئېكېلوگىيەنى قوغداش ۋە قۇرۇشىنىڭ بىر كارتىنىسى. 2018-يىلى، تۇڭرىن شەھىرىنىڭ فەنجىڭشەن تېغى دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، تۇڭرىن شەھەرلىك پارتكومىنىڭ شۇجىسى چىن چاڭشۈ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلارنىڭ ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن، بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن فەنجىڭشەن تېغىنى قوغداش نىزامى چىقىرىشتىن سىرت يەنە، يېشىل شەھەر، يېشىل يول، سۈزۈك سۇ، يېشىل كەنت، يېشىل باغچا، يېشىل مەنزىرەدىن ئىبارەت ئالتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدۇق.

بۈگۈنكى كۈندە، يېشىل رەڭ گۇيجۇنىڭ ئىسىم كارتىسىغا ئايلاندى. دۆلەتلىك ئېكېلوگىيە مەدەنىيلىكى سىناق رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، گۇيجۇنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %57كە يەتتى، مەركىزىي شەھەر ۋە ناھىيە دەرىجىلىك شەھەلەرنىڭ ياخشى ھاۋالىق كۈن سانى ئايرىم ئايرىم ھالدا %97.2 ۋە %97.7كە يەتتى.

 

b01.jpg