رەئىس شى جىنپىڭ بىزنىڭ ئەسلى مەقسەتتە چىڭ تۇرۇشىمىزغا ئىلھام بەردى
0
2019-02-17 10:53:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئىمىنجان ئىسمايىل

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

«بۇ فىلىمنى كۆرسىڭىز، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن ھەممىنى قىلالايدىغانلىقىنىڭ ئاچقۇچىنى تاپالايسىز».

بىر قانچە ئاي ئۆتۈپ كەتتى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىگە قاتناشقان قىسىمنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى مۇتەخەسسىسى ليۇ شىڭشىڭ «يەنئەنگە نەزەر» ناملىق تارىخىي ھۆججەتلىك فىلىمنى ھېلىلا كۆرگەندەك ھېس قىلىدۇ.

ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىۋاستە تەستىقلىشى بىلەن ئىشلىگەن بۇ ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلۇپ، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

رەئىس شى جىنپىڭ 2015-يىلى شەنشىدە خىزمەت تەكشۈرگەندە تەكىتلەپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا يەنئەن روھىدىن داۋاملىق كۈچ ئېلىشىمىز كېرەك. ليۇ شىڭشىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يەنئەندىكى مەزگىلدە پارتىيەمىز پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى، بىر تۈركۈم ئۈنۈملۈك قائىدە-تۈزۈملەرنى تۇرغۇزدى، بۇ بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا ناھايىتى زور رىغبەتلەندۈرۈش ئەھمىيىتىگە ئىگە.

«ھەممىدە ئالدىغا قاراپ مېڭىش، ھەممىدە بېسىپ ئۆتكەن يولىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق؛ ھەرقانچە يىراققا، ھەرقانچە شانلىق كەلگۈسىگە قاراپ ماڭسىمۇ، بېسىپ ئۆتكەن يولىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك». يەنئەندىكى گەمە ئالدىدا، شىبەيپودىكى كىچىك ھويلىدا، جىڭگاڭشەندىكى باجياۋ راۋىقىدا، نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمىدە … رەئىس شى جىنپىڭ ئارقا-ئارقىدىن پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيەنى يېتەكلەپ، جاپالىق ئىنقىلابى مۇساپىسىنى ئەسلەپ، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشنى قايتا-قايتا تاپىلىدى. پارتىيە ۋە ئارمىيەنىڭ ياخشى ئەنئەنىسى تەدرىجىي ئەسلىگە قايتتى، ئارمىيىنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى يەنىمۇ كۈچەيدى.

شاڭخەيدىكى شىڭيې يولى 76-نومۇرلۇق قورو-جۇڭگو كومپارتىيەسى دۇنياغا كەلگەن جاي. قوراللىق ساقچى قىسىم شاڭخەي باش ئەترىتى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش 4-تارماق ئەترىتى 3-چوڭ ئەترىتى 10-ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ جەڭچىسى شۈ پېڭخاۋ بۇ يەرگە يىلدا كۆپ قېتىم كېلىپ، ئېكىسكۇرسىيەچىلەرگە خالىسانە چۈشەندۈرۈش بېرىدۇ.

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى يېپىلىپ بىر ھەپتە ئۆتۈپلا، رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى باشلاپ بۇ يەرگە كېلىپ كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ئۈستىدە ئىزدەندى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيىنىڭ خالىسانە چۈشەندۈرگۈچىسى بولغان شۈ پېڭخاۋ بۇ كىچىك ئۆينىڭ تارىخىنى ئوبدان بىلگەچكە، دائىم ئېكىسكۇرسىيەچىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدۇ. ئۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىدىن بۇ خالىس خىزمىتىدىن تېخىمۇ شەرەپلىك ھېس قىلدى.

بۇ قېتىمقى ئېكىسكۇرسىيە داۋامىدا، رەئىس شى جىنپىڭ «ئەسلى مەقسەت» دېگەن سۆزنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالدى. تامدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ بايرىقى ئالدىدا، ئۇ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىدىكى ئەزالىرىنى باشلاپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى.

خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك، پارتىيەگە كىرىش قەسەمنامىسىنىڭ خەت سانى كۆپ ئەمەس، ئەستە تۇتۇشمۇ ئۇنچە قىيىن ئەمەس، لېكىن ئۆمۈر بويى ئەمەل قىلىش تەس. شاڭخەيدىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قوراللىق ساقچى قىسىم مالىپو ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى تۆتىنچى دەرىجىلىك ساقچى باشلىقى لى گوشىن ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى شۇ كۈنىدىكى خەۋەرنى بىرلىكتە كۆردى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئۇلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

لى گوشىن مۇنداق دېدى: مېنىڭ مالىپودا تۇرۇۋاتقىنىمغا 15 يىل بولدى، قاراۋۇللۇق ئورنىدا 20 مىڭ سائەتتىن ئارتۇق تۇردۇم. 20 مىڭ سائەت گەرچە ئاددىي سان بولىسىمۇ، ئەمما بۇنىڭغا ھەربىي سەپكە قاتناشقان 15 يىلدىن بۇيانقى ياشلىق باھارىم سىڭدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 15 يىل چېگرىنىڭ 1-سېپىدىكى جاپالىق يالغۇز مۇھىتتا تۇرغان چاغلىرىمدا ئىككىلىنىش ۋە تەۋرىشمۇ بولغان ئىدى، لېكىن ھەر قېتىم چېگرا مۇداپىئە لىنىيەسىگە بارغىنىمدا ھەربىي سەپكە قاتنىشىشتىكى ئەسلى مەقسەتنى تاپىمەن.

پارتىيە-18قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ غايە-ئېتىقادىدىن ئىبارەت بۇ روھنى تاۋلاش قۇرۇلۇشىنى باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راسچىل بولۇش» مەخسۇس تېمىلىق تەربىيە ۋە تۈزەش، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. 2018-يىلى، پۈتۈن ئارمىيە «قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئېغىر مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىش» تېمىسىدىكى تەربىيەنى قانات يايدۇردى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى «قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشنى يولغا قويۇش پروگراممىسى» نى بېسىپ تارقىتىپ، ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ قىزىل گېننى قانغا سىڭدۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا رەئىس شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفېتسېر ئەسكەرلەرگە «پۈتۈن ئارمىيە خەلقنى قەلبىگە پۈكۈپ، خەلق ئۈچۈن مىلتىق كۆتۈرۈش، خەلق ئۈچۈن جەڭ قىلىشتەك مۇقەددەس مەسئۇلىيىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنىڭ تىنچ ئەمگەك قىلىشى ۋە تۇرمۇش كۆچۈرۈشىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك» دەپ تاپىلىدى.

خەلقىمنى، ئارمىيەمنى سۆيىمەن. بۇ بىرقانچە يىلدا، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ ۋە ياردەم بېرىپ، جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق خەلققە بەخت يارىتىش ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلارنى قىلدى. يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش، چەت ئەلدىكى مۇھاجىرلارنى چېكىندۈرۈش ئىشلىرىدا پەرزەنت ئەسكەرلەر سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەسلى مەقسەتنى قەتئىي ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى تولۇق يېشىپ بەردى.

18-قۇرۇلتايدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئىشنى يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقى، ماشىنا چىرىكلىكى، پاراۋانلىق جەھەتتىكى ھىيلە-مىكىرلەردىن ئىبارەت مۇشۇنداق كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، چوڭىغىمۇ، كىچىكىگىمۇ زەربە بېرىش، خىيانەتچىلىكنى جازالاش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە زورايتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھوقۇقنى نازارەت قىلىش ۋە چەكلەش مېخانىزمىنىمۇ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى. 2016-يىلىنىڭ بېشىدا، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى سىياسىي قانۇن كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي ئىشىلار كومىتېتى ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى يېڭىدىن تەڭشەپ تەشكىللەنگەن مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئورگىنىدىكى تارماقلار تەرتىپىدىن ئورۇن ئالدى؛ 2018-يىلىنىڭ بېشىدا، يېڭىدىن تۈزىتىلگەن «مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى» بېسىپ تارقىتىلدى.

ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ … يەنئەندىن شىبەيپوغىچە، گۇتيەندىكى پۈتۈن ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنىدىن مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى يىغىنىغىچە، بۈگۈندىن كەلگۈسىگىچە، رەئىس شى جىنپىڭ بىزنى ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماسلىققا، داۋاملىق سىناققا قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، دۆلەتنى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا يېڭى دەۋر سەھىپىسىنى ئاچتى.