جياڭسۇ باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈردى
0
2019-02-14 18:00:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى زىيادە ئېشىپ كېتىش زىددىيىتىنى پەسەيتىشتىن ئىبارەت خىزمەتنىڭ بۇ مۇھىم نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك دەپ تەكىتلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن جياڭسۇ ئۆلكىسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە سۆزنىڭ روھىنى چۆرىدەپ، پۈتۈن زېھنىي كۈچى بىلەن تەرەققىيات سۈپىتى، ئۈنۈمى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك يېشىل تەرەققىياتنى تېرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئۇزۇنغا چىداشلىق بېرىش كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئۇزۇن چىداشلىق بېرىش كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنى يەر شارىلاشتۇرۇش شارائىتىدا، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رىقابىتىگە قاتنىشىشنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈشتە، قەتئىي بوشاشماي، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇتۇپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، ياخشى نەتىجە قازىنىش، كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشكىچە داۋاملاشتۇرۇش لازىم دەپ تەكىتلىدى.

جياڭسۇ ئۆلكىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چى بياۋ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى-جياڭسۇنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت ئېچىشقا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. ئەينى چاغدا جياڭسۇدا كەسىپ قۇرۇلمىسى بىر قەدەر ئېغىر، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىر قەدەر قالايمىقان بولۇپ، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىدا كۆمۈرگە بەكرەك تايىناتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى جياڭسۇنىڭ تەرەققىياتىغا كاشىلا پەيدا قىلغان ئىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بىزنىڭ جياڭسۇنىڭ ئىقتىساد قۇرۇلمىسىدىكى مەسىلە ھەم نۇقسانلارنى دەل جايىدا بالدۇر كۆرۈپ يەتتى.

يۇقىرى سەرپىيات، يۇقىرى بۇلغاش، تارقاق، قالايمىقان بۇلغاشتىن قۇتۇلۇپ، ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەلىك كەسىپلەرگە قاراپ يۈرۈش قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئىنتىلىش-جياڭسۇدىكى ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ تاللىشىغا ئايلاندى. دۆلەتنىڭ زور پەن تەتقىقات جابدۇق ياسىمىچىلىق تۈرى بولغان «دەرىجىدىن تاشقىرى پەرق ئېتىدىغان مىكرو ئوپتىكىنىڭ يادرو قىسمى ۋە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساش» بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 26-كۈنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىندى. پۈتكۈل تۈردە بەش يىل ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، نۇرغۇن ھالقىلىق يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ياسىلىپ، دۆلەتنىڭ 90 دىن ئارتۇق كەشپىيات پاتېنتىغا ئىلتىماس قىلىندى.

كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش يېڭى تۇراقلىق ھالەتكە كىرىپ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تۈرتكە بولۇش، يېتەكلەش دەرىجىسى ئۆستى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۈگۇڭ گۇرۇھى كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى ئاشۇرما قىممەت، يۇقىرى ئىشەنچلىك، يۇقىرى تونناژلىق يۆنىلىشكە قاراپ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، كانچىلىق ماشىنىلىرى جەھەتتىلا بۇلتۇر 150 تىن ئارتۇق پاتېنت تېخنىكىسىنى بارلىققا كەلتۈردى. شۈگۇڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ مىن بىز يېقىندا مەھسۇلاتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولغان سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، تېخنىكا پاتېنتىدا زور بۆسۈش ياسىدۇق، ھازىر بىزنىڭ قولىمىزدا 1500 دىن ئارتۇق كەشپىيات پاتېنتى بار دېدى.

ئىسلاھات روھى، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسى ئارقىلىق، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتىگە تۈرتكە بولۇشتا ئومۇميۈزلۈك بۆسۈش ياساش-جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى. جياڭسۇ ئۆلكىلىك كەسپىي تېخنىكا تەتقىقات يۇرتى قۇرۇلغان بەش يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، ئىختىساسلىقلارنى جۇغلاش، پەن-تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارنى كۆپەيتىش قاتارلىق تەرەپلەردە مۇھىم رول ئويناپ، ئىسلاھاتنىڭ تەجرىبە ئېتىزىلىق ئۈنۈمىنى كۈنسايىن گەۋدىلەندۈردى. جياڭسۇ ئۆلكىلىك كەسپىي تېخنىكا تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ليۇ چىڭ بىز جياڭسۇ زېمىنىدا، تارماق كەسىپلىرىمىزدىكى باشلامچى كارخانىلار بىلەن 60 بىرلەشمە يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇپ، جياڭسۇدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم كەسىپلەرنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتتىكى تېخنىكا ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز دېدى.

جياڭسۇ بىر قولدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، بىر قولدا تەڭشەپ ئۆزگەرتىشنى چىڭ تۇتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جياڭسۇ ئۆلكىسى ئېكولوگىيەلىك تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى يېتەكچى قىلىپ، چاڭجياڭ دەرياسى بويىدىكى خىمىيە سانائىتى باغچىلىرىنى مۇھىت سىغىمچانلىقى تېخىمۇ چوڭ بولغان دېڭىز بويى رايونلىرىغا ئورۇنلىشىشقا تەدرىجىي يېتەكلىدى. جياڭسۇ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋاڭ جىجۇڭ چاڭجياڭ بويىدىكى جايلارنىڭ مۇھىم نۇقتىسى-يېشىللىققا، يېنىك سانائەتكە، سەرخىللىققا، يۇقىرى سۈپەتكە تەڭشەش، دېڭىز بويىدىكى كەسىپلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى-يۇقىرى باشلانما، يۇقىرى ئۆلچەمدە پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەڭشەش جەريانىدا، پۈتۈن ئۆلكىدىكى بارلىق رايونلار بىخەتەر مۇھىت ئاسراشتىن ئىبارەت بىرلا ئۆلچەم، بىرلا قېلىپنى يولغا قويدى دېدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى پائال، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە قاراپ بۇرۇلۇش ياسىشىغا تۈرتكە بولۇش؛ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل جۇڭگونى تېرىشىپ قۇرۇش كېرەك» دېگەن مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جياڭسۇ ئۆلكىسى پولات-تۆمۈر، كۆمۈر مىقدارىنى ئازايتىپ، تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى يېنىكلەتتى؛ قىزىل سىزىق بەلگىلەپ، بۇلغىنىشنى تۈزەشنى چىڭ تۇتۇپ، ئېكولوگىيە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تېخىمۇ سەرخىللاشتۇردى. بۇلتۇر، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %6.7 ئېشىپ، توققۇز تىرىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك يېشىل تەرەققىيات يولىدا ماڭدى.

جياڭسۇ ئۆلكىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چى بياۋ مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاخىرىغىچە چىڭ تۇتۇپ، ئۇزۇن مۇددەت تۆھپە قوشۇپ، ياسىمىچىلىق چوڭ ئۆلكىسى قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىبارەت بۇ نىشاننى چۆرىدەپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش نەتىجىلىرىنى پۇختىلاپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى سەرخىللاشتۇرۇش ئارقىلىق، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مۇستەقىل، تىزگىنلىگىلى بولىدىغان كەسىپ سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، كەسىپنىڭ يەر شارى كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەسىگە قاراپ قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

640.webp (1).jpg