«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى ئىزلىرى»
0
2019-02-13 16:44:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

ئورمان مۇھاپىزەتچىسى، مەھەللە خىزمەتچىسى بىزنىڭ يېڭى خىزمىتىمىزگە ئايلاندى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يىل 1-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدا خىزمەت تەكشۈرگەندە، خېبېي ئۆلكىسى شيۇڭئەن يېڭى رايونىغا بېرىپ، «مىڭ يىللىق باراقسان ئورمانلىق» رايونىنىڭ كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم شۇ جايدىكى دېھقانلارنى ئاكتىپ قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، دېھقانلارنى ئورمان ئەھيا قىلىش، ئورمان قوغداشتىن ئۇزۇن مۇددەت نەپكە ئېرىشتۈرۈشنى تاپىلىدى؛ ئۇ تيەنجىن شەھىرى خېپىڭ رايونى شىنشىڭ كوچىسى چاۋياڭلى مەھەللىسىدە، سەپتىن چېكىنگەن بارلىق ھەربىيلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي، ياخشى قوغداپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى. جايلار باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى پۇقرالارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشتىكى جانلىق ئەمەلىيەتكە ئۈزلۈكسىز ئايلاندۇرماقتا.
جاڭ شياۋلې مەن ھەر كۈنى ئورمانلىقنى ئارىلاپ، ياۋا ئوت-چۆپلەرنى تازىلاپ تۇرىمەن دېدى. چاغان مەزگىلىدە، خېبېي ئۆلكىسى شيۇڭئەن يېڭى رايونى رۇڭچېڭ ناھىيەسى لىلاڭ كەنتىنىڭ ئاھالىسى جاڭ شياۋلې ھەر كۈنى سەھەردە كەنتنىڭ شىمالىدىكى ئورمانلىققا بېرىپ، ئورمانلارنىڭ ئارىسىدىكى ياۋا ئوت-چۆپلەرنى تازىلاپ، دەرەخلەرگە قويۇلغان تىرەكلەرنى تەكشۈرۈپ، ئوشۇقچە شاخ-پۇتاقلارنى پۇتاپ تۇردى. جاڭ شياۋلېنى ئالدىراش قىلىۋەتكەن بۇ ئورمانلىق-شيۇڭئەن يېڭى رايونىدىكى «مىڭ يىللىق باراقسان ئورمانلىق» بولغان داچىڭ دەرياسى بويىدىكى ئورمان رايونى ئىدى. بۇ يىل 1-ئاينىڭ 16-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونىغا بېرىپ خىزمەت تەكشۈرگەن ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا بۇ يەرگە كېلىپ، 1-سەپتىكى 20 نەچچە ئورمان ئەھيا قىلىش ئىشچىسى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، ياپيېشىل دەرەخلەر، كۆك ئاسمان بىلەن يېشىللىق گىرەلىشىپ كەتكەن مەنزىرە ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشنىڭ بىر ئەڭ يۇقىرى ئۆلچىمى، يەنى ئېكولوگىيەنىڭ ياخشى بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. كەلگۈسىدە مۇشۇنداق يېشىللىقلارغا تايىنىپ ئۇنىڭ قىممىتى، ئۇنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئەھمىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندا، بۇ جاينىڭ جەلپكارلىقى يەنىمۇ ئاشىدۇ. سىلەر بۇ يەرگە تۆھپە قوشتۇڭلار ھەم مۇشۇ يەردە ياشاۋاتىسىلەر، بۇ-ئىنتايىن ئىپتىخارلىنىشقا ئەرزىيدىغان بەختلىك ئىش.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئورمان ئەھيا قىلىش، ئورمان قوغداشقا قاتناشقان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ خىزمەت ۋە كىرىم ئەھۋالىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنى ئاكتىپ قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، دېھقانلارنى ئورمان ئەھيا قىلىش، ئورمان قوغداشتىن ئۇزۇن مۇددەت نەپكە ئېرىشتۈرۈشنى تاپىلىدى. جاڭ شياۋلې مۇنداق دېدى: مەن بۇلتۇر ئەتىيازدىن باشلاپ، نەچچە ئون يىل شۇغۇللانغان تېرىقچىلىقتىن قول ئۈزۈپ، شيۇڭئەننىڭ كۆچەپ تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىش خىزمىتىگە قاتناشتىم، ھازىر پۈتۈن كەنتتىكى ئۈچ مىڭ مودىن ئارتۇق يېرىگە كۆچەك تىكىپ بولدۇق. بىر مو يەرنىڭ يىللىق ئىجارىسى 1500 يۈەن، تېرىقچىلىق قىلىدىغان ۋاقتىمىزنى ئاجرىتىپ، باشقا ئىشلارنى قىلىپ، كىرىمىمىزنى تېخىمۇ كۆپەيتتۇق، بۇ ئورمانلىقتا ئىشلىگەندە ھەر كۈنى 120 يۈەن ئىش ھەققى ئالالايمىز، بۇ يەر تېرىغاندىن بەكلا كۆپ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدا خىزمەت تەكشۈرگەن مەزگىلدە، يەنە تيەنجىن شەھىرى خېپىڭ رايونى شىنشىڭ كوچىسى چاۋياڭلى مەھەللىسىگە باردى. ئۇ مەھەللىدىكى سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە مۇلازىمەت قىلىش پونكىتىغا كىرىپ، سەپتىن چېكىنگەن بارلىق ھەربىيلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي، ياخشى قوغداپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى. شى جىنپىڭ ھەربىيلىك ھەقىقەتەن ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدىغان كەسىپ، ھەربىيلەرنىڭ بىر قىسىم كونكرېت مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىپ، بۇندىن كېيىن بىزنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىمىز، ھەربىي سەپكە قاتنىشىش جەھەتتىكى غەم-ئەندىشىلەرنى تۈگىتىش كېرەك دېدى.

2014-يىلى، قىسىمدا ئون نەچچە يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن خې خەيياڭ ھەربىي سەپتىن قايتىپ خېپىڭ مەھەللىسىگە كەلدى، ئارىلىقتىكى ئۈچ يىلدا ئىشسىز تۇرمۇش كەچۈردى. ئۇنىڭ خىزمەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خېپىڭ رايونلۇق خەلق ئىشلىرى تارمىقى ۋە مەھەللە كۆپ قېتىم ئۇنىڭغا خىزمەت ئالاقىلىشىپ بەردى. خې خەيياڭ ماڭا مەھەللىدە ئىشلەش ياكى ياردەم ساقچى بولۇش خىزمىتىنى تونۇشتۇردى، ئاخىرىدا مەن مەھەللە خىزمەتچىلىكىگە قوبۇل قىلىنىپ، چاۋياڭلى مەھەللىسىدە ئىشلىدىم دېدىم.

نۆۋەتتە، تيەنجىن شەھىرى مەملىكەت بويىچە «ئىككى مەركەز، ئىككى پونكىت»نىڭ سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە مۇلازىمەت قىلىشنى باشقۇرۇش تورىنى ئالدى بىلەن قۇرۇپ، شەھەر، رايون دەرىجىلىك سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن مەھەللە، كەنت-بازار سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە مۇلازىمەت قىلىش پونكىتىغىچە بولۇپ 5561 نى تەسىس قىلدى. بۇندىن باشقا، تيەنجىن شەھىرى يەنە شەھەر، رايون دەرىجىلىك سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە غەمخورلۇق قىلىش جەمئىيىتى قۇرۇپ، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلدى. تيەنجىن شەھەرلىك سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ۋاڭ باۋچياڭ مۇنداق دېدى: پارتىيەمىز ۋە ھۆكۈمىتىمىزنىڭ سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى ھەققىدىكى سىياسەت، تەدبىر، كاپالەتلىرىنى سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ قەلبىگىچە ھەقىقىي يەتكۈزۈپ، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى قىسىمدا تۇرغان ۋاقتىدىكىگە ئوخشاش ھۆرمەت تۇيغۇسى، شەرەپ تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدۇق.

640.webp (1).jpg
企业微信截图_20190204133129.png