مۇلازىمەت پونكىتى شەھەر ئاھالىلىرىگە زور قولايلىق ئېلىپ كەلدى
0
2019-02-12 12:01:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2018-يىلى 11-ئايدا، شاڭخەي شەھىرى خوڭكۇ رايونىدىكى شەھەر ئاھالىلىرى مۇلازىمەت پونكىتى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ياشانغانلارنى كۈتۈنۈش، بەختلىك، ساغلام ياشاپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈش كېرەك، مەھەللىلەرنى شەھەرنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىرى قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلگەن، غېمىنى يېگەن، ئەنسىرىگەن ئىشلىرىنى ۋاقتىدا بايقاپ، بۇلارنى بىرمۇ-بىر ھەل قىلىشى لازىم دەپ تەكىتلىدى. ھازىر خوڭكۇ رايونىدىكى 35 شەھەر ئاھالىلىرى مۇلازىمەت پونكىتى ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ «15 مىنۇتلۇق مەھەللە تۇرمۇش مۇلازىمىتى چەمبىرى»گە ھەقىقىي ئايلاندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى شاڭخەي شەھىرى خوڭكۇ رايونى شەھەر ئاھالىلىرى مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ جياشىڭ يولىدىكى بىرىنچى پونكىتىغا بېرىپ ياشانغانلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىگە خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، سىياسەتنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ياشانغانلارغا نەپ يەتكۈزۈش كېرەك، قېرىلىشىش مەسىلىسى-مەركەز ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى، بىز ھازىر قېرىلىشىش جەمئىيىتىگە كىردۇق، شۇڭا خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئىچىدىكى ناھايىتى مۇھىم ئىش-ياشانغانلارنى قانداق بەختلىك قىلىش، قانداق كۈتۈنۈش، ساغلام ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈش، مەن سىلەرنى كۆرۈپ بەك خۇشال بولدۇم، سىلەرنىڭ ساغلام ياشاپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىڭلارغا تىلەكداشمەن، ساغلام ياشاپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش-بىزنىڭ ئورتاق ئارزۇيىمىز، سىلەرنىڭ ھەر كۈنى شۇنداقلا مەڭگۈ خۇشال ياشىشىڭلارغا تىلەكداشمەن!

شەھەر ئاھالىلىرى مۇلازىمەت پونكىتىدا، يېشى بەك چوڭ ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى ئەتراپلىق كۈتۈنۈشكە ئېرىشىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تېنى ساغلام تۆۋەن ياشلىق ياشانغانلارمۇ روھىي يۆلەنچۈككە ئىگە بولدى. 83 ياشلىق موماي شيا جۈەنجۈەن مۇنداق دېدى: شەھەر ئاھالىلىرى مۇلازىمەت پونكىتىدا، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى، ھازىر ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، مەركەز بىزگە ئوخشاش ياشانغانلار ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئېتىبار سىياسەتلىرىنى چىقاردى، بۇرۇن بۇنداق ئىشلار يوق ئىدى، ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە بولغان غەمخورلۇقى ياشانغاندا كۈتۈنۈشتە تېخىمۇ گەۋدىلەندى، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز ناھايىتى بەختلىك.

نۆۋەتتە، خوڭكۇ رايونى 35 شەھەر ئاھالىلىرى مۇلازىمەت پونكىتى تەسىس قىلدى، ھەر بىر مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسى ئوتتۇرىچە 0.67 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، 23 مىڭ كىشىگە مۇلازىمەت قىلىدۇ، مەھەللە ئاھالىلىرىنى ياشانغانلار، مېيىپلارغا ياردەم بېرىش، داۋالىنىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق تۇرمۇش مۇلازىمەتلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ، پۈتۈن شەھەر بويىچە بىر تۇتاش بېجىرىلىدىغان 172 تۈرلۈك ئىش شەھەر ئاھالىلىرى مۇلازىمەت پونكىتىغىچە كېڭەيتىلدى، 134 تۈرلۈك ئىش مۇلازىمەت پونكىتىدا بېجىرىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مۇلازىمەت پونكىتى «15 مىنۇتلۇق مەھەللە تۇرمۇش مۇلازىمىتى چەمبىرى»گە ھەقىقىي ئايلاندى. باش شۇجى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، شەھەر ئاھالىلىرى مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ ئىقتىدارى يەنىمۇ ئۆستى. شەھەر ئاھالىلىرى مۇلازىمەت پونكىتى جياشىڭ يولى بىرىنچى پونكىتىنىڭ باشلىقى لى چى مۇنداق دېدى: باش شۇجى كەلگەندىن كېيىن، بىزنىڭ مۇلازىمەت تۈرلىرىمىز زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، مەسىلەن: مەھەللىنىڭ كەسپىي ئىشلىرى ئەسلىدىكى 38 دىن 50 كە كۆپەيدى، مەھەللە ئاھالىلىرى پونكىتىمىزغا كېلىپ، داۋالىنىش، دورا ھەققىنى ئاتچوت قىلالايدۇ، داۋالىنىش كاپالىتى كارتىسىنى ئالماشتۇرالايدۇ، بۇلار مەھەللىمىز ئاھالىلىرىغا زور دەرىجىدە قولايلىق يارىتىپ بەردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆزدىن كەچۈرگەندە، پارتىيە قۇرۇلۇشى مۇلازىمەت پونكىتىدا، ئاھالىلەر كومىتېتى، كارخانىلاردىن كەلگەن بىر نەچچە ياش مەھەللىنىڭ ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلىنى كېڭەيتىش ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇۋاتاتتى. باش شۇجى ئەخلەتلارنى تۈرگە ئايرىش خىزمىتى بىر يېڭى ئادەت، ئەخلەتلەرنى ئۇنىۋېرسال بىر تەرەپ قىلىشتا ئومۇمىي خەلقنىڭ قاتنىشىشىغا توغرا كېلىدۇ، شاڭخەي بۇ خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىشى كېرەك دەپ تەكىتلىدى. شى جىنپىڭ سىلەر بۇ پائالىيەتنى قايسى ۋاقىتتا ئېلىپ بارىسىلەر دەپ سورىدى، ياشلار بىز بۇ پائالىيەتنى ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئېلىپ بارىمىز دېدى. شى جىنپىڭ بۇنى پۈتۈنلەي ئۆز ئىختىيارىڭلار بىلەن قىلدىڭلارمۇ دەپ سورىدى، ياشلار شۇنداق، بىز مەھەللىنىڭ جامائەتچىللىك پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش-ياشلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىش دەپ قارايمىز دېدى، شى جىنپىڭ ناھايىتى ياخشى! ھازىر مۇشۇنداق قاراشقا ئىگە بولۇش، ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش بىر ياخشى ئادەت، سىلەرگە رەھمەت دېدى. جياشىڭ يولى كوچىسى رۈييى ئاھالىلەر رايونىنىڭ شۇجىسى خۇالېي ئەخلەتلارنى تۈرگە ئايرىش ئارقىلىق، ئاھالىلەر يېشىل ھېسابات نومۇرىغا ئېرىشىپ، ھەم مۇھىت ئاسراش ھەم ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ دېدى.

ھەر بىر تال گىياھ خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، ھەر بىر تال شاخ-يوپۇرماق مۇھىتقا مۇناسىۋەتلىك. شەھەر ئاھالىلىرى مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ شەھەرنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىرىغىچە تۇتاشتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، رازىمەنلىكىمۇ بارغانسېرى ئاشتى. لى چى مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ سۆزى بۇ يەردىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىگە مەھكەم ئورنىدى شۇنداقلا مەھەللە ئاساسىي قاتلىمىنىڭ 1-سېپىدىكى بارلىق خىزمەتچىلەرگە ئىلھام ئاتا قىلىپ، ئۇلارنىڭ تولۇپ-تاشقان ئالغا بېسىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىگە ئايلاندى. بىز ئۆز تىرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق، مۇلازىمەت ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، جياشىڭ مەھەللىسىدىكى شەھەر ئاھالىلىرى مۇلازىمەت پونكىتىمىزنى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىللىق ماكانىغا ئايلاندۇرالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز.

企业微信截图_20190204133129.png
1413624012.jpg