كۆمۈر قېزىپ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايوندىن كۆچۈپ بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرۈش
0
2019-02-10 16:53:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئىمىنجان ئىسمايىل

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى ئىزلىرى: كۆمۈر قېزىپ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايوندىن كۆچۈپ بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرۈش

لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ فۇشۇن شەھىرى يۈز يىللىق كۆمۈر قېزىش تارىخىغا ئىگە، تىپىك بايلىقى تۈگىگەن شەھەر. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆتكەن يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى فۇشۇنگە كېلىپ خىزمەت تەكشۈرگەندە، كەپىلىك رايونلار ۋە كۆمۈر قېزىپ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايونلارنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەسىلىسى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بەردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بايلىقى تۈگىگەن شەھەرلەرنى تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئالدى بىلەن خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. چاغان مەزگىلىدە، مۇخبىر فۇشۇن شەھىرىنىڭ دۇڭخۇايۈەن مەھەللىسىگە بېرىپ، شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ئولتۇراقلىشىش شارائىتىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى، تۇرمۇشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدا زىيارەت قىلدى.

فۇشۈن شەھىرى شۈنچىڭ رايونى چيەندىيەن بازىرى دۇڭخۇايۈەن مەھەللىسىدە مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزلىرى تەييارلىغان بىر مەيدان چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى قىزغىن ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى. مەھەللە ئاھالىسى ليۇ يۈيەننىڭ ئىجادىي كۇئەيبەر قوشۇقى تۆۋەندە ئولتۇرغانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: 2015-يىلىدىن بۇرۇن، بىزنىڭ تۇرالغۇ ئۆي مەسىلىمىز ھەقىقەتەن تەس ئىدى، ئۆيلەر ئۇياق-بۇياققا قىيسىيىپ كەتكەن بولۇپ، ئاھالىلەر ئولتۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايتتى، 2016-يىلى كۆمۈر قېزىپ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايوندىن دۇڭخۇايۈەنگە كۆچۈرۈش ھەققىدە خۇش خەۋەر كەلدى، چوڭ - كىچىك ھەممەيلەن بەك خوش بولۇپ كەتتۇق، گۈزەل ئارزۇلارنى قىلىشتۇق.

ئۈنلۈك ۋە راۋان كۇئەيبەر قوشۇقىدا ئېيتىلۋاتقىنى كۆمۈر قېزىپ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ يۈرەك ساداسى ئىدى. فۇشۇن كۆمۈر ئارقىلىق نام چىقارغان شەھەر، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى مەملىكەت بويىچە ئوندىن بىر قىسىمنى ئىگىلەيتتى. ھالبۇكى، كۆمۈر بايلىقىنىڭ تەدرىجىي تۈگىشىگە ئەگىشىپ، غايەت زور ئۈستى ئوچۇق كان ئازگىلى ۋە 74.7 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان كۆمۈر قېزىپ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايون قېلىپ قالدى.

ئۆتكەن يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۇڭخۇايۈەن مەھەللىسىگە بېرىپ، فۇشۈن شەھىرىنىڭ كۆمۈر قېزىپ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايونلارنى خەۋپتىن ساقلاش، كۆچۈرۈش، ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. باش شۇجى چېن يۈفاڭ ئائىلىسىدە ئاھالىلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ھال - مۇڭ قىلىشتى، تۇرالغۇ ئۆي شارائىتىنى ياخشىلاش ئەھۋالىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى، ئۆينىڭ كۆلىمىنىڭ قانچىلىك چوڭلۇقى، پېنسىيە پۇلى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت پۇلىنى ۋاقتىدا ئالالايدىغان، ئالالمايدىغانلىقى، كېسەل كۆرسىتىشنىڭ قولايلىق-قولايلىق ئەمەسلىكىنى سەمىمىي سورىدى. چېن يۈفاڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى:

باش شۇجى ئۆيىمىزگە كەلگەندە، مەن بەك ھاياجانلىنىپ كەتتىم، بەك سەمىمىي، بەك يېقىملىق ئىكەن. پۇقرالارنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، يۈرۈش-تۇرۇش ئەھۋالى دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسىنى سورىدى، مېنىڭدىن مائاشىمنى ۋاقتىدا ئالىدىغان ئالمايدىغانلىقىم، ئۆيىمىزنىڭ كۆلىمىنىڭ ھازىر قانچىلىك، ئىلگىرى قانچىلىك ئىكەنلىكى، قانچە پۇل قوشقانلىقىمنى سوراپ كەتتى، خۇددى تۇغقىنىم ئۆيگە كەلگەندەك ھېس قىلىپ كەتتىم.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بايلىقى تۈگىگەن شەھەرلەرنى تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ فۇشۈندە خىزمەت تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ كەپىلىك رايونلارنى ۋە كۆمۈر قېزىپ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايونلارنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى، ناھايىتى زۆرۈر، شۇنداق قىلىشقا ئەرزىيدۇ. بايلىقى تۈگىگەن شەھەرلەرنى تىپىنى ئۆزگەرتىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئالدى بىلەن خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

2013ـيىلىدىن باشلاپ، فۇشۈن شەھىرى دۆلەتنىڭ مەخسۇس مەبلىغى ۋە ئۆلكە، شەھەر ئۆزى توپلىغان 4 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغدىن پايدىلىنىپ، فۇشۈن تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، سۈرئىتى ئەڭ تېز «كۆمۈر قېزىپ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونىدىكى ئاھالىلەرنى خەۋپتىن ساقلاش، كۆچۈرۈش، ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى»نى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردى، ھازىرغىچە 39 مىڭ ئائىلىلىك كىشىدىن 23 مىڭ ئائىلىلىك كىشى خەتەردىن ساقلىنىش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلدى، 3000 ئائىلىلىك كىشى خەتەردىن ساقلىنىش بويىچە كۆچۈرۈلمەكتە. كۆلىمى 300 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان دۇڭخۇايۈەن-كۆمۈر قېزىپ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايونلارنى خەتەردىن ساقلىنىش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش رايونلىرىنىڭ بىرى.

چېن يۈفاڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى 2017-يىلى دۇڭخۇايۈەن مەھەللىسىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشتى، ئۆيى كۆمۈر قېزىپ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايوندىكى خەتەرلىك ئۆيدىن يورۇق، شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان لىفىتلىك ئۆيگە ئايلىنىپلا قالماستىن، يەنە ئىككىيلەننىڭ ئايلىق پېنسىيە پۇلىنى قوشقاندا بەش مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. چېن يۈفاڭ مۇنداق دېدى: ھازىر تۇرمۇشىمىز، بەختلىك ھەم قانۇنىيەتلىك ئۆتۈۋاتىدۇ.

企业微信截图_20190204133129.png
1413624012.jpg
1124081360_15491156949761n.jpg