شى جىنپىڭنىڭ شەندۇڭدىكى ئىزلىرى ھەققىدە قايتا زىيارەت
0
2019-02-09 10:13:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلق تۇرمۇشى ھەققىدە نۇرغۇن ئىزلارنى قالدۇردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇلتۇر 6-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ چىڭداۋ، ۋېيخەي، يەنتەي، جىنەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ خىزمەت تەكشۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ چىڭداۋ شەھىرى لىساڭ رايونى شاڭليۇ جيايۈەن مەھەللىسىدە، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىنى ئاساسىي قاتلامغا يۆتكەشكە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ بايلىق، مۇلازىمەت، باشقۇرۇشنى مەھەللىلەرگە قارىتىپ، مەھەللە ئاھالىلىرىنى دەللەشكەن، ئىنچىكىلەشكەن مۇلازىمەت بىلەن تېخىمۇ ياخشى تەمىنلەش كېرەك دەپ كۆرسەتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ جىنەن شەھىرى جاڭچيۇ رايونى شۇاڭشەن كوچىسى سەنجيەنشى كەنتىدە خىزمەت تەكشۈرگەندە، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل، تېزرەك ئاشۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك سىياسەت مېخانىزمىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، بارلىق دېھقانلارنى تېزدىن بېيىتىشنى تاپىلىدى. يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، بۇ جايلاردا قانداق يېڭى ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى؟

چۈشلۈك تاماق ۋاقتى يېقىنلاشقاندا، چىڭداۋ شەھىرى لىساڭ رايونى شاڭليۇ جيايۈەن مەھەللىسىنىڭ قولايلىق ئاشخانىسىدا، 73 ياشلىق لى سۈنكۈي بىلەن 62 ياشلىق لى چاڭفاڭ چۈشلۈك تاماق ئېلىش ئۈچۈن ئۆچرەتتە تۇردى، ئۇلار باش شۇجى بۇ يەرگە كەلگەندىكى مەنزىرىنى ئەسلىگەندە بەك ھاياجانلاندى. ئۇلار بىز بۇ يەردە تاماق يېگەندە ئورنىمىزدىن تۇرۇپ باش شۇجى، ياخشىمۇسىز دېدۇق، ئەينى چاغدا بەك ھاياجانلاندۇق، ئاشۇ چاغدىكى روھىي ھالىتىمىزنى تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمىز دېدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇلتۇر 6-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتە چىڭداۋ شەھىرى لىساڭ رايونى شىيۈەن كوچىسى شاڭليۇ جيايۈەن مەھەللىسىگە بېرىپ، مەھەللە قولايلىق ئاشخانىسىغا كىرىپ، بۇ يەردە غىزالىنىۋاتقان ئاھالىلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. شاڭليۇ جيايۈەن مەھەللىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى لى سۈنيې بۇ قولايلىق ئاشخانىمىزنى ئاچقىنىمىزغا ئىككى يىلدىن ئاشتى، بۇ ئارقىلىق مەھەللىدىكى پەرزەنتلىرى قېشىدا بولمىغان بىر قىسىم ياشانغان كىشىلەرنىڭ چۈشلۈك تاماق مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق دېدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىنى ئاساسىي قاتلامغا يۆتكەشكە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ بايلىق، مۇلازىمەت، باشقۇرۇشنى مەھەللىلەرگە قارىتىپ، مەھەللە ئاھالىلىرىنى دەللەشكەن، ئىنچىكىلەشكەن مۇلازىمەت بىلەن تېخىمۇ ياخشى تەمىنلەش كېرەك دەپ تەكىتلىدى. لى سۈنيې مۇنداق دېدى: مەھەللىمىز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، 2019-يىلى بىر كۈتۈنۈش ئورگىنى قۇرۇپ، مەھەللىدىكى تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بار، قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلارنى دەللەشكەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى پىلانلىدى. چۈنكى مەھەللىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلىپ، پاراۋانلىق تەمىناتى ئۆستى، يەنە باش شۇجى ئېيتقان دەللەشكەن مۇلازىمەتنى گەۋدىلەندۈرۈشىمىز كېرەك، قانداق قىلغاندا بۇ ئىشنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرگىلى بولىدۇ؟ بىز مەھەللىنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئارقىلىق، تەرەققىيات جەريانىدا ياشانغانلارنى كۆيۈنۈش، پارتىيە ۋە ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ ياشانغانلارغا بولغان غەمخورلۇقىدىن بەھرىمەن قىلىمىز، شۇڭا بىز 2019-يىلى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە خەلق تۇرمۇشىغا ئۈزلۈكسىز كۆڭۈل بۆلىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇلتۇر 6-ئاينىڭ 14-كۈنى جىنەن شەھىرى جاڭچيۇ رايونى شۇاڭشەن كوچىسى سەنجيەنشى كەنتىگە بېرىپ خىزمەت تەكشۈردى. ئۇ كەنت ئاھالىسى جاۋ شۈنلىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ ئۆيدىكىلىرى بىلەن تۇرمۇش پاراڭلىرىنى سېلىشتى، ئۇلاردىن كىرىمىنىڭ قانداقلىقى، كۆچۈشكە قانچە پۇل خەجلىگەنلىكى، تۇرمۇشىدا يەنە قانداق قىيىنچىلىقلارنىڭ بارلىقىنى سورىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 2019-يىلى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، يەنە جاۋ شۈنلى ئائىلىسىنى تىلغا ئالدى، جاۋ شۈنلى بۇنىڭدىن بەك ھاياجانلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا مەن ئۆز كۆزۈمگە ئىشىنەلمەي قالدىم، باش شۇجى «مەن 2018-يىلى شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھىرى سەنجيەنشى كەنتىدىكى جاۋ شۈنلىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش پاراڭلىرىنى سېلىشتىم» دېدى، مەن بۇ سۆزلەرنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن، بۇ سۆزلەر بەك ئىللىق.

باش شۇجى شى جىنپىڭ خىزمەت تەكشۈرگەندە، ئۆزىگە ھەمراھ بولۇپ بارغان رەھبەرلەرگە يېزا ئىگىلىك، يېزا خىزمىتى ناھايىتى مۇھىم، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش بۇنىڭدىكى مۇھىم ھالقا دەپ تاپىلىدى. سەنجيەنشى كەنتى ئۆزگىچە يېزا-قىشلاق ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى ۋە يېشىل ياسىمىچىلىق توپلانما رايونىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، كەنتنىڭ ئۆزىدىكى قەدىمىي ئىمارەت بايلىقىغا تايىنىپ پىلانلاپ قۇرۇغان «سەنجيەنشى قەدىمىي كەنت ساياھىتى ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى» جاۋ شۈنلىغا بەك تەسىر قىلدى، جاۋ شۈنلى مۇنداق دېدى: چاغاندىن كېيىن قەدىمىي كەنت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىدىكى ئۇششاق يېمەكلىكلەر كوچىسى پۈتىدۇ، مەنمۇ بىر دۇكان ئالدىم، ئىشىك ئالدىمىزدىلا پۇل تاپالايدىغان بولدۇق، ئەمگەكچىلەر بايرىمى كەلگەندە، بۇ ئۇششاق يېمەكلىك كوچىسىدا تىجارەت باشلىنىدۇ، مەنمۇ ئۇششاق تىجارەت قىلىمەن، جاڭچيۇ قازان قاتلىمىسىنىڭ داڭقى بار، ۋاقتى كەلگەندە كۆپچىلىكنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ غىزالىنىپ، بۇ يەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.

企业微信截图_20190204133129.png
1413624012.jpg
1124081360_15491156949761n.jpg