باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى ئىزلىرى
0
2019-02-06 10:46:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئىمىنجان ئىسمايىل

2018-يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭ سىچۈەننىڭ دالياڭشەندە خىزمەت تەكشۈرۈپ، شۇ جايدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنى ئىلھاملاندۇردى 

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2018-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسى لياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ دالياڭشەندە خىزمەت تەكشۈردى. ئۇ نامرات يىزۇ ئائىلىلەرگە كىرىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆردى، ھال-ئەھۋال سورىدى، ئۇلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلىدى، شۇ جايدىكى كادىرلار ۋە ئامما بىلەن نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرىنى كېڭەشتى. 2019 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە باش شۇجى شى جىنپىڭ، ئەينى چاغدا يوقلاپ بارغان ئىككى ئائىلە كىشىلەرنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى، شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش قەدىمى بارغانسېرى مۇستەھكەملەندى.

قىشنىڭ ئاخىرى، باھارنىڭ بېشىدا، چۈشتىكى قۇياش نۇرى ئىللىقلىق ھېس قىلدۇراتتى. جىخاۋ يېچيۇ بوش ۋاقتى بولسىلا، كۆكتات پارنىكىغا بېرىپ ئالدىراش ئىشلەيتتى. پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن كۆكتاتلار كەنتنىڭ كوللېكتىپ كىرىمىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى، بۇ يەردە ئىشلەمچىلىك قىلىشمۇ، جىخاۋ يېچيۇنىڭ ئائىلە كىرىمىنىڭ بىر قىسمى.

مۇخبىر: سىلەرنىڭ بۇلتۇرقى كىرىمىڭلار قانچىلىك بولدى، دەپ سورىدى.

جىخاۋ يېچيۇ: كالا، چوشقا، توخۇ، ياڭيۇ ساتتۇق، ئائىلە تىجارەت كىرىمىگە ئىشلەمچىلىك قىلىپ تاپقان كىرىمنى قوشقاندا كىشى بېشىغا 8700 يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلدۇق، ئومۇمىي كىرىم 64 يۈەندىن ئاشتى، دەپ جاۋاب بەردى.

جىخاۋ يېچيۇ سىچۈەن ئۆلكىسى لياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جاۋجۆ ناھىيەسى سەنچاخې يېزىسىنىڭ سەنخې كەنتىدىن. ئۆتكەن يىلى چاغاننىڭ ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەنخې كەنتىگە بېرىپ نامرات ئاممىنى يوقلىدى، جىخاۋ يېچيۇ ئائىلىسىگە ئالايىتەن بېرىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي كۆردى. كەنت ئاھالىسى جيېليې ئېئامۇنىڭ ئۆيىدە، شى جىنپىڭ يەنە كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن ئوتداننى چۆرىدەپ، شۇ جاينىڭ نامراتلىق سەۋەبىنى بىرلىكتە تەھلىل قىلدى، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرىنى پىلانلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ جۇڭگو سوتسىيالىزمنى يولغا قويىدۇ، سوتسىيالىزم دېگەنلىك خەلقنى بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش دېگەنلىكتۇر. خەلقىمىزنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىدا، بىرەر مىللەت، بىرەر ئائىلە، بىرەر كىشىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ.

بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى، جىخاۋ يېچيۇ ئائىلىسىدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى. يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ياردىمىدە، جىخاۋ يېچيۇنىڭ كىرىمى ئېشىپلا قالماستىن، ئۇ يەنە باشقا كەنتلەردىكى 156 ئائىلىلىك كىشى بىلەن بىرگە باشقا جايغا كۆچۈرۈلدى. سەنخې كەنتىنىڭ 1 - شۇجىسى جاڭ لىڭ مۇنداق دېدى: چاغاندا ئومۇميۈزلۈك كۆچۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىن، سەنخې كەنتىنىڭ نامرات كەنت دېگەن قالپاقىنى ئېلىۋېتىشكە بولىدۇ. 2019 - يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتا مەسىلە يوق. بىز كىرىم جەھەتتىن ئېيتساق، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش سىزىقىغا يېقىنلىشىپ قالدۇق. بەزى نامرات ئائىلىلەرنىڭ تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ئىشلىرى سەل ئاستا بولۇۋاتىدۇ، 2019 - يىلى ئۈنۈمىنى كۆرۈشكە پۈتۈنلەي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز 2019 - يىلى يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويدۇق، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى نۆۋەتتىكى ئاساستا يەنە بىر قاتلىنىشى مۇمكىن. باش شۇجى زىيارەت قىلغان جاۋجۆ ناھىيەسى جيېفاڭ يېزىسىنىڭ خوپۇ كەنتى بۇلتۇر نامراتلىقتىن ئومۇميۈزلۈك قۇتۇلدى. خوپۇ كەنتىنىڭ 1 - شۇجىسى ما تيەن مۇنداق دېدى: بىز دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز بولۇش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، كەڭ كۆلەمدە پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈردۇق، 7000 مودىن كۆپرەك يايلاقتىن پايدىلىنىپ چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇردۇق، ئۇل ئەسلىھە قاتتىق دېتاللىرىنى ياخشىلاش ئارقىلىق، يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىۋاتىمىز. خوپۇ كەنتىنىڭ يېشىل يېمەكلىكلىرىگە دېھقانچىلىق دورىسى ئۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز جاينىڭ كىلىماتى بەك سوغۇق، شۇڭا زىيانداش ھاشاراتلار بەك ئاز، بۇ بىزنىڭ ئۈستىنلىكىمىز. ساياھەتچىلەر بىزنىڭ كەنتكە كېلىپ مېۋە-كۆكتاتلارنى ئۈزۈپ باقسا، دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھىدا ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

2018 - يىلى، لياڭشەن ئوبلاستى 500 نامرات كەنتنى چېكىندۈردى، 199 مىڭ 400 كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. ئوبلاست بويىچە نامراتلىق يۈز بېرىش نىسبىتى 2017 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %11 تىن تۆۋەنلەپ 2018-يىلىنىڭ ئاخىرى %7.1كە چۈشتى، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 12 مىڭ 500 يۈەنگە يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە. لياڭشەن ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لىن شۇچېڭ مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش-بىر نازۇك يول، بۇنى بىر پارچە ھۆججەت چۈشۈرۈش، بىر قېتىم يىغىن ئېچىش بىلەنلا ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ بىزنىڭ لياڭشەندەك نامراتلىق دائىرىسى كەڭ، نامراتلىق دەرىجىسى چوڭقۇر، نامراتلىشىش سەۋەبى مۇرەككەپ جايدا تېخىمۇ شۇنداق. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ خىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى چوڭقۇر، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

企业微信截图_20190204133129.png
1413624012.jpg
1124081360_15491156949761n.jpg