مەركىزىي كومىتېت، گوۋۇيۈەن چاغاننى كوللېكتىپ مۇبارەكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، شى جىنپىڭ سۆز قىلدى
0
2019-02-04 14:46:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 2019-يىللىق چاغاننى كوللېكتىپ مۇبارەكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەتئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارنىڭ چاغىنىنى مۇبارەكلىدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار مۇبارەكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى، لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

شۇ كۈنى، خەلق سارىيىنىڭ زىياپەت زالىدا چىراغلار چاقناپ، ئىللىقلىققا تولدى، ھەر ساھە ئەربابلىرىدىن بولۇپ ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئادەم خۇشال-خۇرام جەم بولۇپ، چاغاننى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى، شادلىق سادالىرى ئىچىدە چاغاننى مۇبارەكلەش كەيپىياتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.

سائەت ئوندا، شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى زالغا كىرىپ كەلدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى، شى جىنپىڭ سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: يولداشلار، دوستلار، بىز دېھقانلار كالېندارىدىكى توڭگۇز يىلىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز. بۈگۈن بىز بۇ يەرگە خۇشال-خۇرام جەم بولۇپ، دوستلۇقنى ئىزھار قىلىپ، دۆلەت ئىشلىرى ئۈستىدە سۆزلىشىپ، كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋلغانلىقىمىزدىن ئىنتايىن خۇشالمىز. مەن ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن كۆپچىلىكنىڭ بايرىمىغا گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەيمەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەتئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارنىڭ چاغىنىنى مۇبارەكلەيمەن، كۆپچىلىكنىڭ چاغىنىغا مۇبارەك بولسۇن!

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەتىياز مول ھوسۇل ئېلىشقا ئاساس سالىدىغان پەيت. ئۆتكەن بىر يىلدا، بىز ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا غەيرەت بىلەن ئالغا بېسىپ، نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، نۇرغۇن قىيىن ئۆتكەللەردىن ھالقىپ ئۆتتۇق، نۇرغۇن جاپا تارتتۇق شۇنداقلا نۇرغۇن كۈچ سەرپ، زور ھوسۇلغا ئېرىشتۇق. ئېلىمىز ئىقتىسادى مۇقىم ئىلگىرىلىدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتا يېڭى قەدەم تاشلاندى، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى سەھىپىسى ئېچىلدى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، جەمئىيەت ئومۇملۇقى داۋاملىق مۇقىم بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. پارتىيەمىز، دۆلىتىمىز، خەلقىمىز كۈرەش جەريانىدا تېخىمۇ ئىشەنچ ھەم جاسارەتكە تولۇپ، تېخىمۇ قەتئىيلىك، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئىككى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ داغدام يولىدا ماڭماقتا.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى بارلىق مۇۋەپپەقىيەت خەلققە مەنسۇپ. پەقەت بىز خەلققە يېقىندىن تايانساقلا، يېڭەلمەيدىغان قىيىنچىلىق، جاپا-مۇشەققەت قالمايدۇ، ئۇلۇغ ئىشلاردا مۇۋەپپەقىيەت قازانماي قالمايمىز.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چاغان-كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋالىدىغان گۈزەل پەيت، ھەمىشە ئادەمگە يېڭى ئارزۇ ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ يىل، بىز يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز. يېڭى مۇساپىدە، يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىمۇ، يېڭى خېيىم-خەتەر، خىرىسلارمۇ مەۋجۇت. بىز يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىم ئىلگىرىلەش خىزمىتىنىڭ باش روھىدا چىڭ تۇرۇپ، بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، تۆت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تەڭكەش تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشىمىز؛ ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خىيىم-خەتەردىن ساقلىنىش خىزمىتىگە بىر تۇتاش تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەت ئومۇملۇقى، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەل قىلغۇچ ئاساس سېلىپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىر يىل ئالدىراش ئىشلىگەندىن كېيىن، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرلىكتە ھارپا تامىقى يەپ، بىرلىكتە چاغان ئۆتكۈزۈپ، شادلىقتىن بەھرىمەن بولۇش-ئائىلىنىڭ شادلىقى، تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكى. ئائىلىگە ۋاپادار، دۆلەتكە ساداقەتمەن بولۇش-جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى. بىز پۈتۈن جەمئىيەتتە ئائىلىگە، دۆلەتكە بولغان مۇھەببەتنى كۈچلۈك ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزملىق، سوتسىيالىزم روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، ئائىلىنى سۆيۈش بىلەن ۋەتەننى سۆيۈشنىڭ ئۆز ئارا بىرلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەر بىر ئادەم، ھەر بىر ئائىلىنىڭ جۇڭخۇ مىللىتى چوڭ ئائىلىسىگە تۆھپە قوشۇشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قەدىمدىن تارتىپ، جۇڭگولۇقلار ياشانغانلارغا ۋاپادار بولۇش، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قەدىرلەش، ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىكى ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقا ياشانغانلارغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش، ئۆزىنىڭ بالىلىرىنى ياخشى بېقىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقىلارنىڭ بالىلىرىغىمۇ غەمخورلۇق قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن. ئېلىمىز قېرىلىشىش جەمئىيىتىگە كىردى. ياشانغانلارنى ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ياشانغاندا يۆلەنچۈككە ئىگە بولۇش، ياشانغاندا خۇشال ياشاش، ياشانغاندا خاتىرجەملىككە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈش-جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك. بىز پۈتۈن جەمئىيەتتە ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، ياشانغانلارغا كۆيۈنۈش، ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىپ، ياشانغانلار ئىشلىرىنى كۈچلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بارلىق ياشانغانلارنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى بەختلىك، خۇشال ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئەمگەكچان، باتۇر جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ كۈنلىرى چوقۇم بارغانسېرى ياخشى بولىدۇ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئىستىقبالى چوقۇم بارغانسېرى پارلاق بولىدۇ. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى يارىتىپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى داۋاملىق بىرلىكتە بەرپا قىلىشى كېرەك. ئاخىرىدا، مەن كۆپچىلىكنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك، ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن!

كوللېكتىپ مۇبارەكلەش پائالىيىتىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆز ئارا ئەھۋال سورىدى، چاغىنىنى مۇبارەكلەشتى. ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلىدى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى ھەم پېشقەدەم يولداشلار كوللېكتىپ مۇبارەكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

يەنە مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە تارماقلىرى، ئاممىۋى تارماقلار ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ھەم پارتىيە-گۇرۇھسىز-ئەربابلار ۋەكىللىرى، پېنسىيەگە، دەم ئېلىشقا چىققان پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى، ئاتاقلىق مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋە پايتەختتىكى ھەر ساھە ئاممىسى ۋەكىللىرىمۇ كوللېكتىپ مۇبارەكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

企业微信截图_20190204133129.png
1413624012.jpg
1124081360_15491156949761n.jpg