جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىلماقتا
0
2019-01-31 11:03:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

2013-يىلى 11-ئايدا، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىر قانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى»دا، يېڭى تارىخىي باشلانمىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرى ئومۇمىي جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ھەم ئومۇمىي جەھەتتىن سەپەرۋەر قىلىنىپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم نامايەندىگە ئايلاندى.

بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىسلاھات بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھاتتا ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان، كۆپ نۇقتىدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىدىغان، چىڭ تۇرۇپ پۇختا قەدەم تاشلايدىغان، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈردى.

پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشتا، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى قوغداشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىناقلىق ئامىللىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كۆپەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشى، جەمئىيەتنىڭ تىنچ-تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش شەرت دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ-پارتىيەنىڭ رەسمىي ھۆججىتىدە «جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش» ئۇقۇمىنىڭ تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشتىن دېرەك بېرىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش؛ ھەممە ئادەم مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، ھەممە ئادەم بەھرىمەن بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەن چەكنى چىڭ ساقلاپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆزلىمىگە يېتەكلەش؛ ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، خەلقنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيەتنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈنۈملۈك جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش، ياخشى ئىجتىمائىي تەرتىپنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، تېخىمۇ سىجىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ جـەمئىيەت باشقۇرۇشنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىنى شەھەر-يېزا مەھەللىلىرىگە قارىتىش كېرەك دەپ كۆرسەتتى. بىر قانچە يىلدىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭجۇ شەھىرى ئاساسىي قاتلام مەھەللىلىرىنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈردى ھەم 2017-يىلىدىن باشلاپ، مەھەللە ۋە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ئاھالىلەر كېڭىشىش زالىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈردى.

ئاھالىلەر كېڭىشىش زالى بار بولغاندىن كېيىن، ھەر قايسى مەھەللە ۋە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتلىرى ئاھالىلەر ئاۋاز بېرىپ سايلىغان كەنتتە تۇرۇشلۇق ئادۋوكات، ئۆي-زېمىن خوجىلىق شىركىتى، جەمئىيەت خىزمەتچىسى قاتارلىقلارنى مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ-كىچىك ئىشلارغا قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق، ھەم ئاھالىلەرنىڭ ئەتراپىدىكى قىزىق ۋە قىيىن نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلدى ھەم ئاساسىي قاتلامدىكى زىددىيەت، توقۇنۇشلارنى ئازايتتى. نۆۋەتتە، گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى 1144 كەنت، 1581 مەھەللىدە ئاساسىي قاتلام كېڭىشىپ ئورتاق ئىدارە قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، مەھەللە كېڭىشىش خىزمىتىنىڭ شەھەر-يېزىلارنى تولۇق قاپلىشى ئالدى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

مۇقىملىق ئۇلىنى پۇختىلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردى، 350 مىڭ ئورگان كادىرى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى كەنت-گۇرۇپپىلار، شەھەر مەھەللىلىرىدە كۈچ ئۇلاپ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلدى.

«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى، پۇقرالارمۇ ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى كۆرۈپ، خۇشاللىققا چۆمدى. كۇچا ناھىيەسى سايئېرىق كەنتىدە، پۇقرالار ئۆزلىرى تەييارلىغان يەرلىك نومۇرلارنى ئورۇنلاپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەۋەتكەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ نامراتلىق قالپىقىنى بىراقلا چۆرۈپ تاشلىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. كۇچا ناھىيەلىك مەدەنىيەت، رادىيو، تېلېۋىزىيە ئىدارىسى سايئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى خۇاڭ خۇيلياڭ مۇنداق دېدى: بىز يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، جەمئىيەت مۇقىملىقى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن باش قاتۇرىمىز. بىز پەقەت ھەقىقىي مۇھەببەت بىلەن ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلغاندىلا، ئاندىن پۇقرالار بىزنىڭ قىلغان ئىشلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلىدۇ.

«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتىدە، بىر كۆپ مىللەتلىك رايوننىڭ ئاساسىي قاتلام جەمئىيىتىنى ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىلدى. شىنجاڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈ جيې مۇنداق دېدى: بىز بۇندىن كېيىن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتىگە داۋاملىق كۈچ چىقىرىمىز. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا داۋاملىق كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، خىزمەتتىكى ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى مۇستەھكەملەپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملەشتۈرۈش، تۈزۈملەشتۈرۈش جەھەتتىن سىجىل كۈچەپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇملۇقىنىڭ سىجىل، ئۇزاق مۇددەت، ئومۇميۈزلۈك مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.

تىنچ-ئامانلىق-پۇقرالارنىڭ كىيىنىش-تويۇنۇش مەسىلىسى ھەل بولغاندىن كېيىنكى بىرىنچى ئېھتىياجى، بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، قارا جەمئىيەت رەزىل كۈچلىرىنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى ۋە قورال-ياراغ، پارتلاتقۇچ جەھەتتىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش ۋە تۈزەش، تېلېگراف، تور ئالدامچىلىق جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىش، ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، ئالدامچىلىق قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش قاتارلىق مەخسۇس ھەرىكەتلەرنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىمۇ داۋاملىق ئاشتى. جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئامانلىق باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى جىڭشېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەملىكەت بويىچە قورال ئېلىپ يۈرۈش، پارتلىتىش جىنايەتلىرى كۆپ يىل ئۇدا تۆۋەنلەش ئاساسىدا، 2018-يىلى 1-ئايدىن 11-ئايغىچە يەنە ئايرىم-ئايرىم %27.6 ۋە %29 ئازايدى. جۇڭگونى نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادىكى قورال-ياراغ ۋە پارتلاتقۇچ جىنايەتلىرى ئەڭ ئاز دۆلەتلەرنىڭ بىرى شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ بىخەتەر دۆلەتلەرنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ.

b06.jpg
1124071966_15489457091861n.jpg