شى جىنپىڭ پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار بىلەن بىرگە چاغاننى تەبرىكلىدى
0
2019-01-29 17:24:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :پاتىگۈل مۇھەممەد

شى جىنپىڭ پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار بىلەن بىرگە چاغاننى تەبرىكلىدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋەكالىتەن، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار، بىرلىكسەپنىڭ ئەزالىرىغا سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە ئۇلارنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار بىلەن خۇشال-خورام بىر يەرگە جەم بولۇپ، توڭگۇز يىلىلىق چاغاننى كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار، بىرلىكسەپنىڭ ئەزالىرىغا سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە ئۇلارنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ قاتناشتى.
جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن ئېشياڭ، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ، ئىشچى-دېھقانلار پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى چېن جۇ، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن گاڭ، 3-سىنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونوم ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى لىن يىفۇ، ۋاڭ مىڭمىڭ قاتارلىقلار تەكلىپكە بىنائەن قاتناشتى. ئۇندىن باشقا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دۇڭ جيەنخۇا، خې خۇخۇا، لياڭ جېنيىڭ، رەھبەرلىك ئورنىدىن چېكىنگەن دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسلىرى، بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسلىرى ۋە دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسلىرى تەكلىپكە بىنائەن قاتناشتى.

گاۋ يۈنلۇڭ دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلارغا ۋەكالىتەن سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 2018-يىلى، مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، تاشقى مۇھىتتىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر ۋە ئىچكى ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يېڭى ۋە پۇختا قەدەم تاشلىدى. بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ھەمكارلىقتىكى ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، داۋاملىق بىرلىكتە ئىلگىرلەش» تېمىسىدىكى تەلىم-تەربىيە پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئەزالارنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئەقىل كۆرسىتىش ۋە كۈچ چىقىرىشقا يېتەكلەيدۇ.

شى جىنپىڭ گاۋ يۈنلوڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2018-يىلى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئالاھىدە بىر يىل بولدى، شۇنداقلا كۆپ پارتىيەلەر ھەمكارلىقى ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلغان بىر يىل بولدى، خىلمۇ خىل مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىياد، مۇقىملىق ۋەزىپىلىرى ئالدىدا بىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرلەش خىزمەت ئومۇمىي رېتىمىدا چىڭ تۇردۇق، ئېلىمىز ئىقتىسادى مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشتى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئىسلاھاتى شۇنداقلا باشقا ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئىسلاھاتلار ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، تۈرلۈك ئىشلار جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خېيىم خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقىنى ساقلاش قاتارلىق تەرەپلەردىكى خىزمەت ۋەزىپىلىرى ئورۇندالدى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى داۋاملىق كۈچەيدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيى روھى ئومۇمىيۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، نەتىجە ئاسان قولغا كەلمىدى، بولۇپمۇ بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، ئىسلاھات ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرى، تەجرىبىلىرى، تەسىراتلىرىنى يەكۈنلىدۇق، بىزنىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىشقا بولغان ئىشەنچىمىز تېخىمۇ چىڭىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2018-يىلى ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلار، سودا سانائەتچىلىلەر بىرلەشمىسىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىشىتىن كېيىنكى تۈرلۈك خىزمەتلىرى باشلاندى، بىر يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە گۇرۇھسىز زاتلار يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسيالىزم ئىدىيەسى ۋە جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى 1-ماي چاقىرىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرلەش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كۆپ پارتىيەلەر ھەمكارلىقىنىڭ ئەسلى مەقسەت تونۇشىنى ئاشۇرۇپ، ئىسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسى جىپسىلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. كۆپچىلىك پائال پىكىر تەكلىپ بېرىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشى ۋە تەدبىرلەرنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىن ئەتتى. ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى تاغلىق رايونلار، كەنتلەر، دېھقانلار ئۆيلىرىگە كىرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى دېموكراتىك نازارەت قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى. ھەر دەرىجىلىك سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىلىرى ئونمىڭ كارخانا ئونمىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش بويىچە نامراتلارنى دەل يۆلەش ھەرىكىتى ۋە شەرەپلىك سەپەر پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتناشتى. پارتىيە گۇرۇھسىز زاتلار پارتىيە سىرتىدىكى ئاكادېمىكلار مۇلازىمەت ئۆمىكى قاتارلىق سەھنىلەرگە تايىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدا ئىجابىي رول ئوينىدى.

شى جىنپىڭ: مەن بۇ يەردە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يولداشلارنىڭ جاپالىق خىزمەت قىلغانلىقىغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن دېدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرلەش نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىي رېتىمى. بىز خىزمەت قىلىشتا مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرلەپ، ئىلگىرلەش داۋامىدا مۇقىملاشتۇرۇشىمىز كېرەك، ئىقتىسادىي تەرەققىياددىمۇ ، ئىجتىمائىي تەرەققىياددىمۇ مۇشۇنداق قىلىشمىز كېرەك. ئېلىمىزنىڭ 40 يىللىق ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ئشلىرى ھەم ئومۇميۈزلۈك ھەم پەيدىن پەي ئېلىپ بېرىلدى، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش قىلىپ، سىناق تەرىقىسىدە ئالدىن يولغا قويۇپ، تەجرىبىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردۇق، مانا بۇ مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرلەشتىكى تارىخىي تەجرىبە.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكنىڭ مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرلەش خىزمەت ئومۇمىي رېتىمىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ماسلىشىپ، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھات، تەرەققىيادقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش، بىرلىكتە گۈزەل يېڭى دەۋر ئېچىشنىڭ يېڭى ئۇزۇن سەپىرىدە كۆپ پارتىيەلەر ھەمكارلىقىنىڭ سەھنىسى كەڭ، ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان پۇرسەت كۆپ. كۆپچىلىكنىڭ ئومۇملۇق ئۈچۈن ئاڭلىق مۇلازىمەت قىلىپ، ئومۇملۇقنى قوغداپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، ئۆز ساھەسى ئالاھىدىلىكى ۋە ئىقتىساسلىقلار ئەقىل پاراسىتى جەھەتتىكى ئۈستۈنلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، باشلىنىش نۇقتىسى، بىرىكىش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسىنى دەل تېپىپ چىقىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش توغرا تەدبىر بەلگىلەشنىڭ تۈپ ماھارىتى شۇنداقلا ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، مۇھاكىمە قىلىشنىڭ تۈپ ماھارىتى. تەدبىر بەلگىلەش قىيىن ئەمەس، قىيىن بولغىنى ئەھۋاللارنى توغرا ئىگەللەش. نۆۋەتتە ئىچكى ۋە تاشقى مۇھىتتا چوڭقۇر مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر توختىماي كۆرۈلىۋاتىدۇ، يېڭى ئۇسۇل يېڭى تەجرىبىلەر داۋاملىق چىقىۋاتىدۇ، بۇلارنى بىز ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر تونۇشىمىز، چوڭقۇر يەكۈنلىشىمىز كېرەك. كۆپچىلىكنىڭ نۆۋەتتە پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىدە دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ، بولۇپمۇ ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، مائارىپ تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جەمئىيەتنى تۈزەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقادنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا خەلق سىياسىي كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، كۆپچىلىكنىڭ 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە كۆپ پارتىيەلەر ھەمكارلىقى ئىشلىرىدا قولغا كەلگەن قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، يېڭى دەۋردە كۆپ پارتىيەلەر ھەمكارلىقىنىڭ ئورتاق ئىدىيەۋىي سىياسىي ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئېلمىزنىڭ يېڭىچە پارتىيەلەر سىياسىتىدە ياخشى چىڭ تۇرۇشى، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو كومپارتيەسى بىلەن جاپا مۇشەققەتتە، بەخت سائادەتتە بىرگە بولغان ئىسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسى ۋارىسلىقنى ياخشى قىلىپ، سىياسىي ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە چىڭ، ۋەكىللىكلىكى كۈچلۈك، ئەخلاقى ياخشى، ئىستىلدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان يۇقۇرى ساپالىق ۋەكىللىك ئەربابلار قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، كۆپ پارتىيەلەر ھەمكارلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيادىغا پۇختا تەشكىلىي ئاساس ۋە ئىختىساسلىقلار ئاساسى سېلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكتىكى ئەربابلار بىلەن ئالاقە قىلىشىدىكى كۆۋرۈك ۋە تۈگۈن بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۇقراۋىي كارخانىلارنىڭ تەرەققىيادىنى قوللاش تەلىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ تەرەققىيادىنى قوللاش، ئەل ئارىسى مەبلىغىگە ئالاقىدار سىياسەت تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پارتىيە گۇرۇھسىز زاتلار شەخسى غايىسىنى دۆلەتنىڭ تەرەققىياد ئۇلۇغ ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىدا يەنە يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشى كېرەك.مەن كۆپچىلىكنىڭ خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق، تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى تىلەيمەن. چاغىنىڭلار قۇتلۇق بولسۇن!
دىڭ شۆشياڭ، يۇ چۈەن، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى پائالىيەتكە قاتناشتى.

1231231.jpg