شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن لى سۇيوڭ بىلەن كۆرۈشتى
0
2019-01-28 17:50:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئېلنۇرە رەھىمبەگ

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن تۈنۈگۈن بېيجىڭدا چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، خەلقئارا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لى سۇيوڭ ئۆمەك باشچىلىقىدىكى چاۋشيەن دوستلۇق سەنئەت ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن چاۋشيەن دوستلۇق سەنئەت ئۆمىكىنىڭ جۇڭگوغا ئۇيۇن قويغىلى كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى ئويۇن قويۇش جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ھەم جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشتىكى مۇھىم پائالىيەت. ئويۇننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن خەلقىنىڭ دوستلۇق ھېسسىياتىنىڭ تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

لى سۇيوڭ ئالدى بىلەن كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئۇن ۋە رى سولجۇ خانىمنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن خانىمغا يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى دوستلۇق سەنئەت ئۆمىكىنىڭ جۇڭگوغا ئويۇن قويۇشقا كەلگەنلىكىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

شى جىنپىڭ لى سۇيوڭ ئارقىلىق كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئۇن ۋە رى سولجۇ خانىمغا سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە ياخشى تىلىكىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2018-يىلىدىن بۇيان، كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئۇن بىلەن ئىككىمىز تۆت قېتىم ئۇچرىشىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-چاۋشيەن پارتىيەلىرى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. جۇڭگو چاۋشيەن بىلەن بىرلىكتە، ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن ئىجابىي تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەدەنىيەت سەنئەت ئالماشتۇرۇشى جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئالاھىدە ۋە ئەنئەنىۋىي مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئۇن ئىككىمىز جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ مەدەنىيەت سەنئەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى، جۇڭگو چاۋشيەن دوستلۇقىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەش، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئەنئەنىۋىي دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىش، ئۆزلىرىنىڭ سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىجابىي تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

لى سۇيوڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۇن خانىمنىڭ شۇنچە ئالدىراش بولسىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ ئويۇننى كۆرگەنلىكىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: چاۋشيەن دوستلۇق سەنئەت ئۆمىكىنىڭ بۇ قېتىم جۇڭگوغا كېلىپ ئويۇن قويۇشى كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئۇننىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا، چاۋشيەن خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە بولغان چوڭقۇر دوستلۇق مۇھەببىتىنى چىن كۆڭلىدىن ئىپادىلەشنى مەقسەت قىلىدۇ. چاۋشيەن كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئۇن بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چاۋشيەن بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، چاۋشيەن جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن چاۋشيەن دوستلۇق سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئويۇنىنى كۆردى. ئويۇن «چاۋشيەن-جۇڭگو دوستلۇقى مەڭگۈ ياشىسۇن» دېگەن مۇزىكا ساداسى ئىچىدە باشلاندى. ئارقىدىن چاۋشەن سەنئەتكارلىرى جۇڭگولۇق تاماشىبىنلارغا چاۋشيەننىڭ «ئارىلاڭ» قاتارلىق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە مۇزىكىلىرىنى ھەمدە جۇڭگونىڭ «چاڭجياڭ ناخشىسى»، «ۋەتەننى مەدھىلەيمەن» قاتارلىق ناخشىلىرىنى ئورۇنلىدى، مەيداندىكى تاماشىبىنلار چاۋشيەن سەنئەتكارلىرىنىڭ ئېسىل ئويۇنىغا قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. ئويۇن «ئۇنتۇلماس ئاخشام» دېگەن ناخشا بىلەن ئاياغلاشتى. مەيدان شادلىققا، قىزغىن دوستلۇق كەيپىياتىغا چۆمدى.

شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئويۇن ئاياغلاشقاندىن كېيىن، سەھنىگە چىقىپ سەنئەتكارلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەمدە كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، ئويۇننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

ۋاڭ خۇنىڭ، دىڭ شۆشياڭ، سۈن چۈنلەن، ياڭ جيېچى، خۇاڭ كۈنمىڭ، سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەمدە ئويۇننى كۆردى. چاۋشيەن دوستلۇق سەنئەت ئۆمىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن جۇڭگوغا ئويۇن قويۇشقا كەلگەن.

1231231.jpg