شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن ئۆز ئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى
0
2019-01-27 17:21:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :كۈنتېكىن ئىمام

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن 1-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۆز ئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 55 يىللىقىنى تەبرىكلەشتى.

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 55 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوخشاش پىكىردە بىردەكلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا كۆرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي بەخت ياراتتى. نۆۋەتتە، دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقىمىغان چوڭ ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلدى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى نۇرغۇن پۇرسەتكە ئېرىشتى ۋە نۇرغۇن خىرىسقا ئۇچرىدى. جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىرى، ئالاھىدا تارىخىي بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. مەن سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى نۇرلاندۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقنىڭ 55 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ زىچ ۋە ئۇزاققا داۋاملىشىدىغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.

ماكرون تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن 55 يىل بۇرۇن، فىرانسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ئىككى دۆلەتنىڭ مۇستەقىل ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش روھىنىڭ سىمۋولى. نۆۋەتتە خەلقئارا ۋەزىيەت مۇقىمسىزلىققا تولدى، فىرانسىيە بىلەن جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەش، قائىدە ئاساس قىلىنغان كۆپ تەرەپلىك خەلقئارا تەرتىپنى قوغداش جەھەتتە ئالاھىدە رول ئوينىماقتا. مەن فىرانسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىمەن، رەئىس ئەپەندى بىلەن تەڭ ئىككى دۆلەتنىڭ يادرو ئېنېرگىيەسى، ئاۋىياتسىيە، يېزا ئىگىلىك، يېمەكلىك، ئىقتىساد-سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋى مەسىلىلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، فىرانسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى بىر يىلدا تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.