شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئاخباراتچىلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى
0
2019-01-27 11:40:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 12-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزى كەڭ ئاخبارات خىزمەتچىلىرى ۋە ئاخبارات مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن گۈللەنمە تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. 1-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 12-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇچۇر ئىنقىلابىنىڭ نەتىجىلىرىنى قوللىنىپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشكە تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق ئاساسىي ئېقىم جامائەت پىكرىنى تېخىمۇ زورايتىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى، بۇ-كەڭ ئاخبارات خىزمەتچىلىرى ۋە ئاخبارات مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

كەڭ ئاخبارات خىزمەتچىلىرى ۋە ئاخبارات مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە ئومۇمىي تاراتقۇ تارقىتىدىغان زور نەزەرىيەۋى، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، تاراتقۇلارنى يۇغۇرۇشنىڭ يۆنىلىشى، نىشانى، ۋەزىپىلىرىنى سىستېمىلىق شەرھىلەپ بەردى، بۇ-بىزنىڭ تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشىمىزنىڭ تۈپ قوللانمىسى ۋە مۇھىم كۆرسەتمىسى.

خەلق گېزىتى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەرىرى لۇ شىننىڭ مۇنداق دېدى: مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە 2019-يىلىدىكى تۇنجى لېكسىيەنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتنىڭ 1-سېپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى- باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى چوڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ سىياڭ مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجىنىڭ سۆزىنى يېتەكچى قىلىپ، بۇرچ ئېڭىمىز، تەخىرسىزلىك تۇيغۇمىزنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، مەزمۇن ھەم مەھسۇلاتتا كۈچەپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئاساسىي ئېقىم جامائەت پىكرىنى يەنىمۇ زورايتىپ، تېخنىكا قۇرۇلۇشى بىلەن مەزمۇن قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تېرىشىپ تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

مەركىزىي رادىيو، تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۈەن جېڭمىڭ مۇنداق دېدى: بىز بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھام ئالدۇق، تېخىمۇ غەيرەتكە كەلدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يەنە بۇرچىمىزنىڭ شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. كېيىنكى قەدەمدە، باش ئىستانسىمىز دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تاراتقۇ، يېڭى سۇپىلارنى ياخشى قۇرۇپ ۋە ياخشى پايدىلىنىپ، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە بۇرچ ئېڭى بىلەن خەلقئارانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى يېڭىچە ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنى تىرىشىپ قۇرۇپ، ئاساسىي ئېقىم جامائەت پىكرىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىدۇ.

جۇڭگو تاراتقۇ داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى گاۋ شياۋخۇڭ مۇنداق دېدى: تاراتقۇ تېخنىكا ئىنقىلابى- يەرشارى تاراتقۇ ئەندىزىسىنى قايتىدىن تەشكىللىدى شۇنداقلا يەرشارى ئاخبارات تارقىتىش تەرتىپىنى قايتىدىن بەرپا قىلدى، بۇ- تېپىلغۇسىز پۇرسەت. بىز ھازىرقى يەرشارى تارقىتىشىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى يېڭى ئىگىلەش جەريانىدا، ئېلىمىزنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى بىلەن ئۆزئارا ئۇيغۇن كېلىدىغان سۆز قىلىش ھوقۇقى ۋە تەسىر كۈچىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز شەرت.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتە، جامائەت پىكرىنىڭ ئېكولوگىيەسى، تاراتقۇ ئەندىزىسى، تارقىتىش ئۇسۇلىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولماقتا، ئومۇمىي تاراتقۇ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، پۈتۈن مۇساپىلىق تاراتقۇ، مۇكەممەل ئۇچۇرلۇق تاراتقۇ، بارلىق خادىملىق تاراتقۇ، تولۇق ئۈنۈملۈك تاراتقۇ بارلىققا كەلدى، بۇ ھەم تاراتقۇ تەرەققىياتىغا يېڭى تېمىلارنى قويدى ھەم كەسپكارلارغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلدى.

شەندۇڭ سىفەن داشۆسى ئاخبارات ۋە تاراتقۇ شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چاڭ چىڭ مۇنداق دېدى: مەن بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھاملاندىم ھەم تېخىمۇ روھلاندىم، باش شۇجى بىزگە نۆۋەتتىكى مۇشۇنداق يېڭى دەۋر ئۈچۈن يېڭى يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. بولۇپمۇ مۇشۇنداق بىر بۈيۈك مەلۇمات دەۋرى، يېڭى تاراتقۇ دەۋرىگە كىرگەندە، تاراتقۇلار تارقىتىشنىڭ تەرەققىيات ھالىتىگە ئەگىشىپ مېڭىشى كېرەك. بىز ئاخبارات جامائەت پىكرى تەشۋىقاتچىلىرى بولۇش سۈپىتىمىزدە، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، تاراتقۇ تەرەققىياتىدىكى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىۋاتقان قانۇنىيەتنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، يېڭى تاراتقۇ جامائەت پىكرى تەشۋىقاتىنىڭ يۇقىرى نۇقتىسىنى ئىگىلىشىمىز لازىم.

جۇڭگو پەن-تېخنىكا داشۆسى پەن-تېخنىكا تارقىتىش ۋە پەن-تېخنىكا سىياسەت فاكۇلتېتىنىڭ ئاسپىرانتى سۈن لىڭجۈەن مۇنداق دېدى: ئاخبارات تارقىتىش كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بۇندىن كېيىنكى يۇغۇرۇلما تاراتقۇ دەۋرىنىڭ ناھايىتى چوڭ بىر سەھنە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. بىز ئۆگىنىشتە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ھەم خەلقئارادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەلىرىگە باشتىن-ئاخىر دىققەت قىلىشىمىز ھەم ئەڭ يېڭى تېخنىكا، ئەڭ يېڭى تارقىتىش ۋاستىسى بىلەن ئۆزىمىزنى قوراللاندۇرۇشىمىز كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن كۈنسايىن يېڭىلىنىپ تۇرغان تاراتقۇ ئېكولوگىيەسىگە ئۇيغۇنلىشىپ، كەلگۈسىدە ئېلىمىزنىڭ ئاخبارات تارقىتىش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، جۇڭگونىڭ خەلقئارادا ياخشى ساداسىنى چىقىرىشىغا ئەڭ كۈچلۈك سادايىمىز بىلەن ئۆز كۈچىمىزنى قوشالايمىز.