جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى يىغىن ئاچتى
0
2019-01-26 11:33:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :پاتىگۈل مۇمھەممەت

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى مۇشۇ ئاينىڭ 25-كۈنى يىغىن ئېچىپ، «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە تەتقىق قىلىش ھەققىدىكى ئۇنىۋېرسال ئەھۋال دوكلاتى»،«جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى پىكرى»،«جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ زور ئىشلاردا يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش نىزامى»،«پارتىيە ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى تاللاپ ئۆستۈرۈش، ئىشلىتىش خىزمىتى نىزامى»نى قاراپ چىقتى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىلىرى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇشىنىڭ 2018-يىللىق خىزمىتى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، 2019-يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى قۇۋۋەتلەندى. يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: ئۆتكەن بىر يىلدا بەش پارتگۇرۇپپا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2-،3-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇملىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملىقىنى چۆرىدەپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، پارتگۇرۇپپا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دېموكراتىيەنى مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇردى.

يىغىندا مۇنداق دەپ تەكىتلەندى: بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، بىرىنچى يۈز يىللىق كۆرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا ئاڭلىقلىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى باشلامچىلىق بىلەن كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ،«ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور ۋەزىيەت ئۈستىدىن چىقارغان ئىلمىي ھۆكۈمى ۋە زور خىزمەتلەر ئۈستىدىن چىقارغان ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرلەش خىزمەت ئومۇمىي رىتىمىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ۋەزىپىلەرنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى قىلىشى كېرەك. يېڭى دەۋردە پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇمي تەلىپىگە ئاساسەن، پارتگۇرۇپپا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك، قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، «تۆت ئىستىل» مەسىلىسى، بولۇپمۇ شەكىلۋازلىق، بىيوكراتلىقنى قەتئىي تۈزىتىشى كېرەك، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداش جەھەتتە ئاڭلىقلىق بىلەن باشلامچى بولۇپ، ئشلارنى مۇھاكىمە قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر بەلگىلىشىگە، ئومۇمىي خىزمەتلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى ــ پارتىيەنىڭ تۈپ قۇرۇلۇشى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۆنىلىشى ۋە ئۈنۈمىنى بەلگىلەيدۇ. «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى پىكرى» شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردە پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بولۇپ، ئۇنىڭدا يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. پۈتۈن پارتىيەنىڭ مەركەزگە بويسۇنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، پارتىيەنىڭ نوپۇزىنى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداش ــ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىدىكى بىرىنچى ۋەزىپە، ئەڭ تۈپ سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باشتىن ئاخىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پۈتۈن پارتيەنىڭ ئىرادىسىنى، ھەرىكىتىنى، ئالغا بېسىش قەدىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. سىياسىي ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، سىياسىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە، پارتىيە قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، پارتگۇرۇپپىلار ئۆز رايونى، تارمىقىنىڭ پارتىيە سىياسىي قۇرۇلۇشىدىكى سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيەتنى ياخشى زىممىسىگە ئېلىشى، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ئورگانلىرى ۋە رەھبىرى كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى چىڭ ھەقىقىي، ياخشى تۇتۇشى، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا بولغان ھەيدەكچىلىك، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ زور ئىشلاردا يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش نىزامى» زور ئىشلاردا يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. سىياسىي ئىنتىزامدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىن يوليورۇق سوراش خىزمىتىنى تولۇق ياخشى قىلىش كېرەك. يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يوليورۇق سوراشقا تېگىشلىكلىرىدە چوقۇم يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى چوقۇم دوكلات قىلىش، مەسئۇل بولۇشقا تېگىشلىكلىرىدە مەسئۇل بولۇش، ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىكلىرىنى چوقۇم ئۈستىگە ئېلىش كېرەك. جايلار ۋە تارماقلار يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تەلىپىنى تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىي ھەرىكىتىدە كۆرسىتىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: بۇ قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن « پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبىرى كادىرلىرىنى تاللاپ ئۆستۈرۈش، ئىشلىتىش خىزمىتى نىزامى»دا پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇلۇپ ۋە كۈچەيتىلىپ، سىياسى ئۆلچەمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئادەمنى توغرا، ئىلمىي تاللاپ ئىشلىتىش، باشتىن ئاخىرى قاتتىق تەلەپ قويۇشتا چىڭ تۇرۇلدى، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەمىزنىڭ ئادەم تاللاش، ئىشلىتىش خىزمىتىدە ئىزدىنىپ قولغا كەلتۈرگەن ئەمەلىيەت نەتىجىلىرى قوبۇل قىلىندى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چىقىرىلغان ئالاقىدار يېڭى سىياسەت، يېڭى قانۇن بەلگىلىمىلەر جىپسىلاشتۇرۇلدى، كادىرلار خىزمىتىدە كۆرۈلگەن بەزى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە جاۋاپ بېرىلدى، كادىرلارنى تاللاپ ئىشلىتىش خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، ئىلمىيلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى، بۇ تاللاپ ئىشلىتىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنى بەرپا قلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپىلار) پىرىنسىپ بويىچە، تۈزۈم بويىچە، تەرتىپ بويىچە ئىش قىلىشى، ئادەم تاللاش، ئىشلىتىشتىكى سوبىكتىپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئالاقىدار يۈرۈشلۈك تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي، قېلىپلاشقان، ئۈنۈملۈك، كارغا كېلىدىغان، يولغا قويۇشقا قولاي ئادەم تاللاش، ئىشلىتىش تۈزۈم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى،ئىجرا قىلىش ئەھۋالىغا بولغان نازارەت تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك.