مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئالتىنچى قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى
0
2019-01-24 16:06:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا، گۈزەلنۇر

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئالتىنچى قېتىملىق يىغىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى دەۋىر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە يىغىن بولۇپ، ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىزىمنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى تارىخىي دەۋرىنى ياراتقان. پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىمۇ دەۋىر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە يىغىن بولۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى سىستېمىلىق، ئومۇميۈزلۈك لايىھەلەپ ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى دەۋرىنى ياراتتى، ئېلىمىز ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ يىپيېڭى ۋەزىيىتى ياراتتى. 2020-يىلى مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا ھەل قىلغۇچ نەتىجە ھاسىل قىلىشنى نىشانلاپ، داۋاملىق قىيىن جەڭلەرنى قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، بىر ئىشنى قىلىپ شۇ ئىشتا ئۇتۇق قازىنىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاشقا ھەل قىلغۇچ ئاساس سېلىشىمىز كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭلار يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا «شاڭخەي ئاكسىيە بىرژىسىدا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تاختىسى تەسىس قىلىش ھەمدە سىناق تىزىمغا ئالدۇرۇش تۈزۈمىنىڭ ئومۇمىي يولغا قويۇش لايىھەسى»، «شاڭخەي ئاكسىيە بىرژىسىدا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تاختىسى تەسىس قىلىش ھەمدە سىناق تىزىمغا ئالدۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ھەققىدىكى پىكىر»، «دۆلەت باغچىسى باش گەۋدە قىلىنغان تەبىئىتى قوغدىلىدىغان يەر سىستېمىسى بەرپا قىلىش ھەققىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «مائارىپ، ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش ھەققىدىكى پىكىر»، «ئىختىساسلىقلارنى جاپالىق چەت-ياقا رايونلار ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىشكە ئىلھاملاندۇرۇش ۋە يېتەكلەش ھەققىدىكى پىكىر»، «سىياسىي قانۇن ساھەسىدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش ھەققىدىكى پىكىر»، «تەبىئىي بايلىق ۋە مۈلۈكنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «دۆلەت زېمىنى ۋە بوشلۇقىنى پىلانلاش سىستېمىسى ئورنىتىش ۋە نازارەت قىلىشنى يولغا قويۇش ھەققىدىكى بىر قانچە پىكىر»، «بازار يېتەكچىلىكىدىكى يېشىل تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى ئورنىتىش ھەققىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «تەبىئىي ئورمانلىقنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈزۈمى لايىھەسى»، «دۆلەتلىك ئېكېلوگىيە مەدەنىيلىكى سىناق رايونى (خەينەن) يولغا قويۇش لايىھەسى»، «خەينەن ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسىنى سىناق قىلىش لايىھەسى»، «مەركەز ئىسلاھاتنىڭ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 2019-يىللىق خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى»، «مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 2018-يىللىق خىزمىتىنىڭ خۇلاسە دوكلاتى»، «پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنىڭ خۇلاسىسىنى باھالاش دوكلاتى» ماقۇللاندى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: شاڭخەي ئاكسىيە بېرژىسىدا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تاختىسى تەسىس قىلىش ھەمدە سىناق تىزىمغا ئالدۇرۇش تۈزۈمى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، كاپىتال بازىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. شۇڭا كاپىتال بازىرىنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كارخانىلىرىنى سىغدۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەپ قوللاپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش؛ سىناق تىزىمغا ئالدۇرۇش تۈزۈمىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، تارقىتىش، پېيىنى بازارغا سېلىش، ئۇچۇر ئاشكارىلاش، سودىلىشىش، پېيىنى بازاردىن چېكىندۈرۈش قاتارلىق ئۇل تۈزۈم ئىسلاھاتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇچۇر ئاشكارىلاش مەركەز قىلىنغان پاي تارقىتىش، پاينى بازارغا سېلىش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقلار ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى دېگەن ئىدىيە بويىچە، تەبىئىتى قوغدىلىدىغان يەرلەرنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزىمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تەبىئىتى قوغدىلىدىغان يەرلەرنى بىر تۇتاش تەسىس قىلىش، دەرىجە بويىچە باشقۇرۇش، رايون بويىچە باشقۇرۇپ كونترول قىلىشنى يولغا قويۇپ، دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇھىم تەبىئىي ئېكېلوگىيە سىستېمىسىنى دۆلەت باغچىسى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، قاتتىق قوغداپ، دۆلەت باغچىسى باش گەۋدە قىلىنغان، تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايونلار ئاساس قىلىنغان تۈرلۈك تەبىئىي باغچىلار تولۇقلىما بولغان تەبىئىتى قوغدىلىدىغان يەرلەرنى باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئەخلاقلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئاساسلىق رولىنى كۈچەيتىپ، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەش، ئادىمىيلىكنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئادەم كۈچىنى ئېچىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، خەلققە بەخت يارىتىش خىزمەت نىشانىنى چۆرىدەپ، ساپا مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈش؛ تېرىشىپ غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىش، ۋەتەنپەرۋەرلىك مۇھەببىتىنى كۈچەيتىش، ئەخلاق-پەزىلەت جەھەتتىن تېخىمۇ ياخشى تەربىيەلىنىش، بىلىم سەۋىيەسى، نەزەر دائىرىسىنى ئاشۇرۇش، كۈرەش روھىنى يېتىشتۈرۈش، ھەر تەرەپلىمە ساپانى ئۆستۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىختىساسلىقلارنى جاپالىق، چەت-يىراق جايلار ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ 1-سېپىگە يۆتكىلىشكە ئىلھاملاندۇرۇش ۋە يېتەكلەشتە، پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، جەلپ قىلىش، يۆتكەش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش كاپالەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەش سەھنىسى بەرپا قىلىش؛ ئىختىساسلىقلارنىڭ يۆتكىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارغا ياردەم بېرىش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، ئۆز جايىدىكى ئىختىساسلىقلارنى تۇرغۇزۇپ قېلىپ ۋە ياخشى ئىشلىتىپ، ئۆي، داۋالىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت، پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشى قاتارلىق كاپالەت مۇلازىمىتى سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، تۇرغۇزۇپ قېلىش، ياخشى ئىشلىتىش لازىم.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: سىياسىي-قانۇن ساھەسىنىڭ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، پارتىيەنىڭ مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە تەڭكەش ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تەڭكەش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىنىڭ فۇنكسىيە سىستېمىسىنى تېزدىن ئورنىتىپ ۋە سەرخىللاشتۇرۇپ، سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى ياخشى سەپلەپ، ئەدلىيە تۈزۈلمىسىنىڭ ھەر تەرەپلىمە يۈرۈشلۈك ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەدلىيە مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ ئەرزىيەت تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىخەتەرلىك، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئېتىبار بېرىدىغان، باراۋەر، خەلققە قولايلىق، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسىي-قانۇن ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، سىياسىي-قانۇن قوشۇنىنى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، مۇنتىزملاشتۇرۇش، مەخسۇسلاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى سىياسىي-قانۇن خىزمىتى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھوقۇق ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىش ۋە چەكلىمە قويۇش مېخانىزمىنى چىڭ تۇتۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەبىئىي بايلىق، مۈلۈكنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى-ئېكولوگىيەنى قوغداشنى كۈچەيتىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ئۇللۇق تۈزۈم. تەبىئىي بايلىق، مۈلۈكنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ سۇبيېكتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ بىر تۇتاش تەكشۈرۈش، ئۆلچەش، باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، ھوقۇق تەۋەلىكىنى بىر تۇتاش بېكىتىپ تىزىملاشنى تېزلىتىپ، ئومۇميۈزلۈك قوغداشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن-نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تەبىئىي بايلىقتىن تۈجۈپىلىك ئېچىپ پايدىلىنىش ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئوڭشاشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئاساسىي ئىقتىدار رايونلىرىنى پىلانلاش، يەردىن پايدىلىنىشنى پىلانلاش، شەھەر-يېزىلارنى پىلانلاش قاتارلىق بوشلۇق پىلانلىرىنى بىر تۇتاش بولغان دۆلەت زېمىنى بوشلۇق پىلانىغا يۇغۇرۇپ، كۆپ خىل پىلانلارنى بىرىكتۈرۈش-پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان زور ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇش. ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيە بوشلۇقىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيە خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىلمىيلىكىنى ئۆستۈرۈپ، تەڭكەشلىكىنى كۈچەيتىپ، پىلاننىڭ نوپۇزىنى ئۆستۈرۈپ، پىلاننى تەستىقلاشنى ياخشىلاپ، ئىشلىتىش ئورنىنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پىلاننى يولغا قويۇشنى نازارەت قىلىپ، دۆلەت زېمىنى بوشلۇق پىلانىنىڭ تۈرلۈك مەخسۇس پىلانلارغا بولغان يېتەكلەش، چەكلەش رولىنى كۈچەيتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېشىل تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش-يېشىل تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى، بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش، تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنى ياخشى قىلىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم تىرىكى. بايلىق، مۇھىت، ئېكولوگىيە جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى نىشانلاپ، بازار ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يېشىل يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلار سۇبيېكىت قىلىنغان، ئىشلەپچىقىرىش، ئۆگىنىش، تەتقىقات چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان، ئۇل ئەسلىھە ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسى مۇكەممەل، بايلىق سەپلىمىسى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، نەتىجىلەرنى ئۆزلەشتۈرۈشى راۋان بولغان يېشىل تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى تېزدىن ئورنىتىپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش، قوللىنىپ كېڭەيتىش، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئۆز ئارا تۇتىشىشى، يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: تەبىئىي ئورمانلارنى ئومۇميۈزلۈك قوغداش-گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. تەبىئىي ئورمانلارنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك قوغدايدىغان، سىستېمىلىق ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان، ئىشلىتىش ئورنىنى باشقۇرىدىغان، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان تەبىئىي ئورمانلارنى قوغداش، ئوڭشاش تۈزۈمى سىستېمىسىنى تېرىشىپ ئورنىتىپ، تەبىئىي ئورمان ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ئەسلى ھالىتى، مۇكەممەللىكىنى قوغداپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە تۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەينەننىڭ دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيىلىكى سىناق رايونى قۇرۇشىنى قوللاپ، خەينەندە ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسى سىنىقى ئېلىپ بېرىشتىكى مەقستى سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ قىممەتلىك بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، بايلىق، مۇھىت ئېكولوگىيە شارائىتى ياخشى جايلاردا ئالدى بىلەن سىناق قىلىپ يولغا قويۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيىلىكى قۇرۇلۇشىغا تەجرىبە توپلاش. خەينەن ئۆلكىسى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ماسلاشتۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلىش، قوللاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز ئىسلاھات، ئېچۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇش، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خىزمەتنى يەنىمۇ چىڭ تۇتۇپ پۇختا ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسى، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام، تېخىمۇ يۇقىرى نىشاندىن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردۇق، ئاساسلىق ساھەلەردە ئىسلاھات سوبيېكتى رامكىسى ئاساسى جەھەتتىن تۇرغۇزۇلدى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېڭى نەتىجە نامايەن قىلىندى، يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئورۇنلاپ، تۈپ خاراكتېرلىك، ئومۇمىي خاراكتېرلىك، تۈزۈم خاراكتېرلىك زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇش، ئىقتىسادنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشى ۋە جەمئىيەت ئومۇمىيلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇش، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۈيغۇسى، بەخت تۈيغۇسى، بىخەتەرلىك تۈيغۇسىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇش، ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھات لايىھەلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش باھالاش ئۈنۈمىنى سۈرۈشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىسلاھات خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۆپرەك قارىتىپ، مەسىلىنى توغرا بايقاپ، مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك. ۋەزىپىنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى چىڭ تۇتۇپ، دەل ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەسىلە ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ياخشى پىلانلاپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھات تەدبىرلىرىدە مەسىلىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا يۈزلىنىپ، ئىسلاھاتنى توغرا ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىسلاھات لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا، ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، قاتلاممۇ-قاتلام تەپسىلەشتۈرۈپ، توغرا ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىش، نېمىنى ئسىلاھ قىلىش، قانداق ئىسلاھ قىلىشنى ئەمەلىيەتكە قاراپ بېكىتىش، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەسلىك كېرەك. بولۇپمۇ، ئاساسى قاتلامدىكى ئاممىغا بىۋاستە يۈزلەنگەن ئىسلاھاتتا، ئىسلاھاتنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، ئۇسۇل، چارىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىغا ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قۇرۇق ئىسلاھات شۇئارى توۋلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مەركەزنىڭ ھۆججىتىنى ئاددىي ھالدا تارقىتىپ قويۇش، ئەينەن كۆچۈرۈپ كىلىشتىن ساقلىنىش، مىخانىك شەكلىدە نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاشتىن ساقلىنىش كېرەك. سىياسەتنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە قاتلام بويىچە ئۇلاشتۇرۇش، سىياسەتنىڭ بىردەكلىكى ۋە پەرقىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، سىياسەتنى چۈشەندۈرۈش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش ئۆتكىلىنى كۈچەيتىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ئىسلاھات لايىھەلىرىنى ئۈنۈملۈك باھالاپ، مەسىلىنى ۋاقتىدا بايقاش ۋە ھەل قىلىش كېرەك.

مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. 

1124021712_15480799307461n.jpg