شى جىنپىڭ ئارمىيەدىكى پىشقەدەم يولداشلاردىن بايراملىق ھال سورىدى
0
2019-01-23 11:06:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

 

مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى چاغانلىق ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى ئۆتكۈزدى، شى جىنپىڭ ئارمىيەدىكى پىشقەدەم يولداشلار، پۈتۈن ئارمىيەدىكى پېنسىيەگە چىققان پىشقەدەم كادىرلاردىن بايراملىق ھال سورىدى ھەم چاغىنىنى قۇتلۇقلىدى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ پىشقەدەم كادىرلىرىدىن ھال سوراش چاغانلىق ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ نەق مەيداندا ئارمىيەدىكى پىشقەدەم يولداشلار، پۈتۈن ئارمىيەدىكى پېنسىيەگە چىققان پىشقەدەم كادىرلاردىن بايراملىق ھال سورىدى ھەم چاغىنىنى قۇتلۇقلىدى.

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ توڭگۇز يىلىدىكى ئەنئەنىۋى چاغىنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، يېڭى جۇڭگونى قۇرۇش، قوغداش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى، ئىسلاھات، تەرەققىياتقا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ پىشقەدەم كادىرلىرى تۈنۈگۈن جۇڭگو تىياتىرخانىسىغا جەم بولۇپ، چاغاننى خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋالدى.

چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ يېرىملاردا، شى جىنپىڭ يولداشلارنىڭ قېشىغا باردى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ تەن سالامەتلىكى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى غەمخورلۇق بىلەن سورىدى، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۆتكەن بىر يىلدا پارتىيە، دۆلەت ۋە ئارمىيە ئىشلىرىدا بارلىققا كەلگەن يېڭى كەيپىيات، يارىتىلغان يېڭى ۋەزىيەت، قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى بىرلىكتە ئەسلىدى. پىشقەدەم يولداشلار بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز.

ئويۇننىڭ مۇقەددىمىسى «دەۋرنىڭ باھارى» ۋە «مەشىق مەيدانىدىكى ئەسكەرلەر»، «چېگرىدىن كەلگەن شامال»، «يېڭى دەۋر ناخشىسى»دىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈرىشى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ غەلىبە قىلىش مەزمۇنى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەدەبىيات-سەنئەت چەۋەندازلىرىنىڭ خىسلىتى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، خەلق ئارمىيەسى ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلدى. كۆرۈنۈشلۈك ناخشا-ئۇسسۇل «بۇيرۇق ساداسى»، ئۇرۇش ناخشىسى «بىزنىڭ ئاسمىنىمىز»، «ئەسكەرلەرنىڭ ئىرادىسى غەلىبىنىڭ ئۆزى»، خور «دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى ئارمىيە قۇرۇشقا قاراپ قەدەم تاشلايلى» قاتارلىق نومۇرلاردا سەنئەتنىڭ سېھرىي كۈچى ئارقىلىق قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ھەربىي مەشىق مەنزىرىسى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملارنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھەربىي مەشىق، ئۇرۇش تەييارلىقىغا ئاتلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى گەۋدىلەندۈرۈلدى. كىلاسسىك ناخشىلاردىن «گۈل نىمىشقا شۇنچە قىزىل»، «مەدھىيە» قاتارلىق نومۇرلاردا كۆپ خىل سەنئەت شەكلى ئارقىلىق چېگرىنى قوغداۋاتقان ئارمىيە-خەلقنىڭ چوڭقۇر مېھرى-مۇھەببىتى ئىپادىلەندى. «مەن ھاياتىم بىلەن سېنى قوغدايمەن»، «بىر غېرىچ يەرنىمۇ قولدىن بەرمەيمىز» قاتارلىق ناخشىلاردا ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ قەلبداشلىقى، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغداش ئىرادىسى ئېنىق جاكارلاندى. «يېڭى زېمىن»، «قىزىل بايراق لەپىلدىمەكتە»، «ۋەتىنىم»، «مەن ئۇلۇغ ۋەتەن ئۈچۈن پوستا تۇرىمەن»، «بىللە يولغا چىقايلى» قاتارلىق يېڭى، كونا ناخشىلاردا، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، ۋەتەننى قوغداپ، تۆھپە قوشۇش روھى ۋە كۈرەش نەتىجىسى بىلەن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشتىكى مەردانە ھېسسىياتى گەۋدىلەندۈرۈلدى. ئويۇن «پارتىيە بايرىقى مەڭگۈ لەپىلدەيدۇ» دېگەن جۇشقۇن ناخشا ساداسى بىلەن ئاياغلىشىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، يادرونى قەتئىي قوغداش، قوماندانلىققا قەتئىي بويسۇنۇشتىكى مۇستەھكەم ئېتىقادىنى ئىپادىلەپ بەردى.

شۈ چىلياڭ، جاڭ يۇشيا، ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋخۇا، جاڭ شېڭمىن ئويۇننى بىللە كۆردى.

يەنە ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئورگىنىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى ھەم بېيجىڭدىكى قىسىمنىڭ ئوفېتسىر-ئەسكەر ۋەكىللىرىمۇ ئويۇننى كۆردى.

 

1124021712_15480799307461n.jpg
1124022396_15480785011801n.jpg
1124003829_15477079840751n.jpg